جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ ئەھۋالى

سۇئال

خۇن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىز-خانىملار ھەيز بىلەن خۇن كېسىلى بولغان مەزگىلنى قانداق ئايرىيدۇ ۋە نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىلگەن بولسا.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

بىرىنچى: خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئادەت مەزگىلى بولۇپ، ھەر ئاينىڭ شۇ ۋاقتىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇ ئايال ئۈچۈن ھەيزنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ. باشقا ۋاقىتلىرى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىپ ئۇ ئايال ئۈچۈن خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر ئايال ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئالتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت خۇن كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ دائىم قان كېلىدۇ. ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ئالتە كۈن ئۇ ئايالنىڭ ھەيز ۋاقتى، قالغان كۈنلەر خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيش: يا رەسۇلۇللاھ! مەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالدىم، دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھەبىبىگە: ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز دېگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قاننىڭ كۆپ كېلىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ.

ئىككىنچى: خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇن مەلۇم ئايلىق ئادەت كۈنى بولمايدۇ. تۇنجى قېتىم قان كەلگەندىن تارتىپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. بۇنداق ئاياللار  ھەيز بىلەن خۇن كېسىلىنىڭ قېنىنىڭ ئارىسىنى قاننىڭ رەڭگىنىڭ قارامتۇل، قويۇق ياكى پۇرىقىغا قاراپ ئايرىيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھەيزنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ، قالغانلىرىغا خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر ئايالدىن تۇنجى قېتىم قان كەلدى ۋە بۇ داۋاملاشتى، لېكىن 10 كۈن قاننىڭ رەڭگى قارامتۇل، 20 كۈن قاننىڭ رەڭگى قىزىل كېلىدۇ ياكى 10 كۈن قان قويۇق، 20 كۈن سۇيۇق كېلىدۇ ياكى 10 كۈن قاننىڭ پۇرىقى ھەيزنىڭ قېنىدەك، 20 كۈن قاننىڭ پۇرىقى يوق كېلىدۇ. بىرىنچى مىسالدا قاننىڭ رەڭگى قارا بولغىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى مىسالدا قاننىڭ قويۇق بولغىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچى مىسالدا قاننىڭ پۇرىقى بولغىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. قالغانلىرى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيشكە: ھەيزنىڭ قېنى رەڭگىنىڭ قارامتۇللىقى بىلەن بىلىنىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ناماز ئوقۇمايسىز، بۇنىڭدىن كىيىن ناماز ئوقۇيسىز، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك دېگەن سۆزىدۇر. [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن]. نۇرغۇن ئالىملار بۇ مەسىلىگە يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلغان. ھۆكۈمدە ھەدىسكە ئەمەل قىلىش كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغاندىن ياخشى.

ئۈچىنچى: بىر ئايالنىڭ ئايلىق ھەيز كۆرىدىغان مەلۇم ۋاقتى بولمايدۇ. قاننىڭ رەڭگىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايدۇ. دەسلەپتە قان كەلگەندىن تارتىپ بىر خىل سۈپەتتە داۋاملىشىدۇ ياكى رەڭگى قالايمىقان كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئايالنىڭ ھەيزدارلىق مۇددىتى كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرۈش مۇددىتى بويىچە ھەر ئايدا 6 كۈن ياكى 7 كۈن قىلىپ تەخمىن قىلىنىدۇ. دەسلەپتە قان كەلگەندىن باشلاپ  مەزكۇر مۇددەتكىچە ھەيز ھېسابلىنىپ، قالغان ۋاقىتلىرى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر خانىمدىن ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى تۇنجى قېتىم قان كېلىدۇ، قان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ، قاننىڭ رەڭگى ياكى باشقا سۈپەتلىرىدىن ھەيز ياكى خۇن كېسىلى ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ، بۇ خانىمنىڭ ھەيز ۋاقتى ھەر ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ 6 كۈن ياكى 7 كۈن داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ھىمنەتە بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن قاتتىق خۇن كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالدىم، بۇ كېسەل مېنى نامازدىن، روزىدىن چەكلەپ قويدى، قانداق قىلىمەن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: مەن سىزگە تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پاختىنى ئېيتىپ بېرەي شۇنى ئىشلىتىڭ، دېگەندە، ئۇ: پاختا كار قىلمايدۇ، قان كۆپ كېلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ شەيتاننىڭ بىر ئۇرىشىدۇر. ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر ئايدا 6كۈن ياكى7كۈن ھەيز كۈنىڭىز بولسۇن. ئۇنىڭدىن كىيىن يۇيۇنۇپ گەرچە قان كۆپ كەلسىمۇ پاكلىنىپ ھەر ئايدا 23 كۈن ياكى24 كۈن ناماز ئوقۇڭ ۋە روزا تۇتۇڭ دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ 6 كۈن ياكى7 كۈن دېگەن سۆزى تاللاش ئەمەس بەلكى ئىجتىھاد بولۇپ، ئايال ياش جەھەتتە، شەكىل جەھەتتە، ئېرىقى جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشايدىغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەھۋالى 6 كۈن ھەيز كۆرىدىغانلارنىڭكىگە ئوخشىسا  ھەيز ۋاقتى 6 كۈن، 7 كۈن ھەيز كۆرىدىغانلارنىڭكىگە ئوخشىسا ھەيز ۋاقتىنى 7كۈن قىلىپ بېكىتىدۇ. تىخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "قىز-خانىملارلاردىن كىلىدىغان قانلار توغرىسىدا" ناملىق رىسالىسىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقىتتا قانغا قارايدۇ قان ھەيزنىڭ قىنى بولسا ھەيزنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. ھەيزنىڭ ۋاقتى تۈگىدى دەپ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇ ئايال پاك بولغان بولىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى