پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يېيىش توغرا بولامدۇ؟

70278

تارقاتقان ۋاقىت : 27-09-2013

كۆرگۈچىلەر : 3825

سۇئال

مېنىڭ بىر قېرىندىشىم بولۇپ، ناماز ئوقۇمايدۇ، شەرىئەتتە ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ناماز ئوقۇمايدىغان قېرىندىشىڭلارغا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى تەرك قىلغۇچىلار توغرىسىدىكى ھۆكمىنى بىلدۈرۈشىڭلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنى سىلەرگە بىۋاستە مال بوغۇزلاپ بېرىشتىن چەكلەپ، ئۇنىڭغا نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ بۇ ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ دىنىغا قايتىپ، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ۋە كەلگۈسىدە، دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىدۇر.

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قەستەن نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يىگىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭغا سىز ناماز ئوقۇمىسىڭىز كاپىر بولىسىز دېيىلسە، ئۇ، مەن ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن دەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ناماز ئوقۇيدىغان قاسساپ تاپالمىساق قانداق قىلىمىز؟، دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يىگىلى بولمايدۇ، بۇ توغرا جاۋاپ. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان بىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇرەيدە ئىبنى ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدى نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق بايان قىلغان].

مەئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىشنىڭ بېشى ئىسلام، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر.» [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى].

ھەرقانداق نەرسىنىڭ تۈۋرۈكى بۇزۇلىدىكەن ئۇ نەرسە بۇزۇلىدۇ ياكى ۋەيران بولىدۇ. ئۆينىڭ تۈۋرۈكى چۈشۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئۈستىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولدىكى، ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىدە دىن بولمايدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تۇرغان شەھەردە مۇسۇلمان قاسساپ تاپالمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۆلتۈرۇڭ، قولىڭىزنى ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشقا ئىشلىتىڭ. باشقا مۇسۇلمان قاسساپ ئىزدەپ بېقىڭ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆز ئۆيىدە بولسىمۇ سىزگە مال ئۆلتۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭ. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئاسان بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىشتا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. سىز ناماز ئوقۇمايدىغان بۇ كىشىگە ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ناماز ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ. ئۇ كىشىنىڭ "مەن ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن" دېگەن سۆزنى ئېيتىپ تۇرۇپ، نامازنى تەرك قىلىشى چوڭ خاتالىقدۇر. ئۇ كىشى مەزكۇر مۇبارەك كەلىمىنىڭ تەقەززاسىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن كىشىلەر بىلەن، ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىقمەئبۇد بەرھەق يوق ۋە مېنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە، نامازنى بەرپا، زاكاتنى ئادا قىلغانغا قەدەر كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەندىن ئىسلامدا بېكىتىلگەن ھوقۇقتىن باشقا جانلىرى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ.[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يۇقىرىقى ھەدىستە شاھادەت سۆزىنى ناماز-زاكات بىلەن بىرگە زىكىر قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن كىشىلەر بىلەن، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر كۈرەش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، مەندىن ئىسلامدا بېكىتىلگەن ھوقۇقتىن باشقا جانلىرى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ دېگەن.

مۆمىن دائىم ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك. ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئاللاھتىن ئەيمىنىشى ۋە بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىشى لازىم. ناماز ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى، ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەندىن كىيىنكى، ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. نامازنى زايا قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ئۆزىنىڭ دىنىنى زايا قىلغان بولىدۇ. نامازنى قەستەن تەرك قىلغان كىشى دىندىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

بۇ ھەقىقەت ۋە توغرا قاراشتۇر. ئەمما بەزى ئالىملار: نامازنى تەرك قىلغۇچى، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان دەرىجىدە كاپىر بولمايدۇ، بەلكى كىچىك كۇپرى سادىر قىلغان بولىدۇ. نامازنى تەرك قىلغاننىڭ جىنايىتى، زىنا قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق گۇناھلاردىن چوڭ بولىدۇ. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىلا كاپىر بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشتا بولغان بولسىمۇ، توغرىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى روشەن دالالەت قىلغان ھۆكۈمدۇر. بىز يۇقىرىقى ھەدىسلەردە بايان قىلغاندەك، ئۇ ئىنسان ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بولغان نامازدىن ئىبارەت مۇھىم ئاساسنى زايا قىلىۋەتكەنلىك سەۋەبلىك، ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدىغان دەرىجىدە كاپىربولىدۇ.

ناماز مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن نامازدىن باشقا ئەمەللەرنى تەرك قىلغان كىشىنى كاپىر بولىدۇ دەپ قارىمايتتى" دېگەن. شۇنداقلا، ساھابىلارنىڭ نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

مۇسۇلماننىڭ بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشى زۆرۈر. شۇنداقلا بۇ ئىبادەتنى تولۇق مۇھاپىزەت قىلىشى ۋە ئادا قىلىشى لازىم. نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئىشىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئۆلتۈرگەن ماللىرىنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ. نىكاھ ۋە تويلىرىغا بېرىش ۋە ئۇلارنىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مىھماندارچىلىقىغا چاقىرىش توغرا بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھقا تۆۋە قىلىپ، نامازنى تولۇق ئادا قىلغانغا قەدەر تاشلاپ قويۇلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز. (تۈگىدى). ]شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 274-276-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى