70290: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى نېمە ئىشلاردىن چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا


ھاجىلاردىن باشقا مۇسۇلمانلار زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ يەنى: قۇربانلىقنى قىلمىغۇچە چاچ ئېلىش، تىرناق ئېلىش، خېنە قويۇش ۋە يېڭى كىيىملەرنى كىيىش توغرا بولمامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2017-08-23

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ مويلىرىنى، تىرناقلىرىنى ۋە تىرىسىدىن بىرەر نەرسىنى ئېلىشى چەكلىنىدۇ. (بۇ ھۆكۈم پەقەت قۇربانلىق قىلغۇچىغا خاس بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەرنى ۋە قۇربانلىقنى بوغۇزلاشقا ۋەكىل قىلغان كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئايالى ۋە بالىلىرى، ۋەكىل بولغۇچى ئۈچۈن ھېچ نەرسە چەكلەنمەيدۇ.) ئەمما يېڭى كىيىم كىيىش، خېنە قويۇش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىش ۋە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنمەيدۇ.

بۇ ھۆكۈمدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ناۋادا ئايال كىشى ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، توي قىلغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، چەكلىمە توغرىسىدا كەلگەن ھۆكۈم ئومومى بولغانلىقى ئۈچۈن، بەدەن مويلىرىدىن ۋە تېرناقلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئالمايدۇ. 

بۇ ئېھرام دەپ ئاتالمايدۇ، چۈنكى ئېھرام دېگەن ھەج-ئۆمرە ئۈچۈنلا بولىدۇ، ئېھرامغا كىرگەن كىشى ئىھرام كىيىمىنى كىيىدۇ، خۇشبۇي نەرسىدىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن ۋە ئوۋ ئوۋلاشدىن چەكلىنىدۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قېلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت چاچ، تىرناق ۋە تېرىسىدىن ئېلىشلا چەكلىنىدۇ.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر زۇلھەججە ئىيىنى كۆرۈپ، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا، چېچىدىن ۋە تېرناقلىرىدىن ئالمىسۇن» مۇسلىم رىۋايىتى (1977). يەنە بىر رىۋايەتتە: «چېچىدىن ۋە تېرىسىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن» دەپ بايان قىلىنغان.

دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دېدى: "زۇلھەججە ئېيى كىرگەندە قۇربانلىق قېلىشنى مەقسەت قىلغۇچى قۇربانلىقنى قېلىپ بولغىچە چېچى، تېرناقلىرى ۋە تېرىسىدىن ھىچنىمە ئالماسلىقى كېرەك. ئىمام بۇخارىدىن باشقا ھەدىس ئۆلىمالىرى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلغان رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، زۇلھەججە ئېيىنى كۆرگەندىن كېيىن قۇربانلىقنى قېلىپ بولغىچە چېچى ۋە تېرناقلىرىدىن ئالمىسۇن».

ئەبۇ داۋۇد، مۇسلىم ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە: «قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرسە قۇربانلىقىنى قېلىپ بولغۇچە چېچى ۋە تېرناقلىرىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن» دېيىلگەن. قۇربانلىقنى ئۆزى قىلسۇن ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسۇن ئوخشاش، ئەمما باشقىلارغا ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلغۇچى ھەققىدە دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ چەكلىمە يولغا قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئېھرام دەپ ئاتالمايدۇ، ئېھرام كەيگۈچى ھەج ياكى ئۆمرىگە ياكى ئىككىلىسىگە ئىھرام كىيىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"11-توم، 397-398-بەت].

دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: «قۇربانلىق قىلماقچى ياكى قىلىنماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ قۇربانلىقنى قىلىپ بولغىچە چېچى، تېرىسى، تېرناقلىرىدىن ھىچنىمىنى ئالمىسۇن» دېگەن بۇ چەكلەش ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ ياكى پەقەت چوڭلارنىلا ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

 ھەدىسنىڭ تېكىستىدە سوئال سورىغۇچى دېگەنگە ئوخشاش بايان قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلىدىغان ھەدىسنىڭ تېكىستى: ئىمام بۇخارىدىن باشقا ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلغان رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر زۇلھەججە ئېيىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چېچى ۋە تېرناقلىرىدىن ئالمىسۇن»، بۇنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ، ئىمام مۇسلىم ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە: «قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كۆرۈنگەندە قۇربانلىقنى قېلىپ بولغۇچە چېچى ۋە تېرناقلىرىدىن ئالمىسۇن» دېيىلگەن. بۇ ھەدىس قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ ۋە تېرناقلىرىنى ئېلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بىرىنچى رىۋايەتتە بۇيرۇق ۋە تاشلاش بار بولۇپ، بۇ ئەسلىدە ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ، بىز بۇ ھەدىسنى ۋاجىپلىق ھۆكمىدىن ئۆزگەرتىدىغان بىر دەلىلنى بىلمەيمىز. ئىككىنچى رىۋايەتتە ئېلىشتىن چەكلەش بار بولۇپ، بۇ ئەسلىدە ھارام قىلىنغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، يەنى ئېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بىز چەكلىمىدىن ئۆزگەرتىدىغان بىر دەلىلنى بىلمەيمىز. بۇنىڭدىن ئاشكارا بولغىنى: بۇ ھەدىس پەقەت قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىلەرگە خاس، ئەمما قۇربانلىق قىلىنىدىغان كىشىلەر مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ئەسلىدىكى دۇرۇسلىقىغا ئاساسەن چېچى ياكى تېرىسى ياكى تېرناقلىرىدىن ئېلىش چەكلەنمەيدۇ، ئەسلىگە قارشى بىرەر دەلىلنى بىلمەيمىز". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"11-توم، 426-427-بەت].

ئىككىنچى:

قۇربى يەتمىگەنلىكتىن قۇربانلىقنى ئويلىمىغان كىشىگە بۇ ئىشلاردىن بىرەرسى چەكلەنمەيدۇ، ئەمما قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇرۇپ، چېچى ۋە تېرناقلىرىدىن بىر نەرسە ئالغان كىشىگە پىدىيە كەلمەيدۇ، ئۇ كىشىگە تەۋبە-ئىستىغپار لازىم بولىدۇ.

ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن زۇلھەججە ئېيى كىرسە، قۇربانلىقنى قىلىپ بولغۇچە تېرناقلىرى ۋە چېچىدىن چۈشۈرۈپمۇ، قىسقارتىپمۇ ھېچنەرسە ئالماسلىقى زۆرۈر، ئەمما قۇربانلىق قىلمايدىغان كىشى ئۈچۈن ھېچ نەرسە چەكلەنمەيدۇ. ["ئەل مۇھەللا" 6-توم، 3-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھۆكۈم ئىسپاتلىنىدىكەن، چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالمايدۇ. ئەگەر ئېلىپ سالسا، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورايدۇ، قەستەن قىلسۇن ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ قىلسۇن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك قارىشى بويىچە پىدىيە كەلمەيدۇ. ["ئەلمۇغنى"9-توم، 346-بەت].

قوشۇمچە:

شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ: چەكلەشتىكى ھېكمەت دوزاختىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ئەزالىرى تولۇق ھالەتتە قىلىش،-دېدى. بەزىلەر: ئېھرام كىيگەن كىشىگە ئوخشاش ئۈچۈن،-دېدى، بۇ ئىككى قاراشنى نەۋەۋىي بايان قىلغان، شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئىككىنچى قاراشنى توغرا ئەمەس دەپ قارىغان، چۈنكى قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى  ئاياللاردىن يىراق تۇرمايدۇ، ئىھرام كەيگۈچى تاشلىغان خۇشبۇي نەرسىنى، كىيىمنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى تاشلىمايدۇ. ["نەيلۇل ئەۋتار"5-توم، 133-بەت].

 ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments