پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ رامىزان ئېيىدا ئايلىق ئادىتىنى يەنى ھەيزنى چەكلىشى توغرىسىدا

سۇئال

بەزى ئاياللار رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېيىن قازاسىنى قىلماسلىق ئۈچۈن، رامىزاندا دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئايلىق ئادىتىنى يەنى ھەيزنى چەكلەشكە ئۇرىنىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، ياكى ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقى توغرسىدا مەلۇم بىر بەلگىلىمە بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئەللامە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلە توغرسىدا مۇنداق دەيدۇ: مىنىڭ قارىشىمچە: ئاياللار ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ئايال جىنسىلىقلارغا بېكىتكەن يەنى تەقدىر قىلغان ئىشى بولۇپ، ئاياللار ئاللاھ تائالا ياراتقان تەبىئىتى بويىچە قىلىشى لازىم. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشنى ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە پەيدا قىلىشىدا ھېكمەت بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىپ كېلىدۇ. ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقان ئايلىق ئادەتلىرىنى چەكلىگەندە، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا ئەمەس دەپ بايان قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت تىببى خادىملارنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئاياللار ئىشلەتكەن بۇ دورىلار ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئايلىق ئادىتىنى چەكلەيمەن دەپ دورا ئىشلەتمەسلىكى لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە تەڭداشسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاياللار ئايلىق ئادەت دەۋرىدە ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەن. ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن روزا بىلەن نامازنى يېڭىدىن باشلايدۇ، نامازنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ. رامىزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى رامىزاندىن كېيىن ئادا قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى