سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر كىملەردىن ئىبارەت؟

سۇئال

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزلەرنى ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارا سېلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرىدى. مېنىڭ سوئالىم: سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر كىملەردىن ئىبارەت؟. ئۇلار دادا تەرەپ تۇغقانلارمۇ ياكى ئانا تەرەپ تۇغقانلارمۇ ياكى ئايالى تەرەپتىن بولغان تۇغقانلارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش ۋاجىپ بولغان تۇغقانلار توغرىسىدا ئۆلىمالار ئۈچ خىل كۆز قاراشتا بولغان. ئۇلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1-ئۆز-ئارا نىكاھلىنىش چەكلەنگەن تۇغقانلار.

2-ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن مىراس ئالىدىغان تۇغقانلار.

3-مىراس ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن، پەقەت نەسەب تەرەپتىن بولغان تۇغقانلار.

يۇقىرىدىكى بۇ ئۈچ خىل قاراشنىڭ توغرىسى: 3- خىل كۆز قاراشدۇر. يەنى ئۇلارئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئەمەس بەلكى نەسەب جەھەتتىن ئانا-دادا تەرەپتىن يېقىن بولغان تۇغقانلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما ئايالنىڭ تۇغقانلىرى ئەرنىڭ ۋە ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئايالنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش زۆرۈر بولغان يېقىنلىرى ھېسابلانمايدۇ.

بىر كىشى، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش ۋاجىپ بولغان تۇغقانلار قايسى؟ بەزى كىشىلەر ئايالنىڭ تۇغقانلىرى بۇ قاتارغا كىرمەيدۇ دەيدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "يېقىن تۇغقانلار دېگەن نەسەب جەھەتتىن سىزگە ئانا-دادا تەرەپتىن تۇتىشىدىغان تۇغقانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالائەنپال ۋە ئەھزاب سۈرىلىرىدە بايان قىلغان، بۇ ئايەتتە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق ئوچۇق بايان قىلىنغان: وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّـهِتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر - بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر. [سۈرە ئەنپال 75-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّـهِتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر - بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر. [سۈرە ئەھزاب 6-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

تۇغقانلارنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى: ئاتا-ئانىلار، چوڭ ئانا-چوڭ دادا ۋە ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئەۋلادلار، ئۇنىڭدىن كىيىنكىلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سېڭىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئانا-دادا تەرەپتىن بولغان تاغا-ھاممىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىشچە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا كىم ئەڭ لايىق؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېگەندە، يەنە ئاناڭ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېگەندە، يەنە ئاناڭ دەيدۇ، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: داداڭ، ئاندىن يېقىن تۇغقانلىرىڭ دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ].

ئەمما ئايالنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بولسا، ئۇلار ئەرگە نەسەب تەرەپتىن تۇغقان كەلمەيدىكەن، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلار قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ئۇ ئايالدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ھېسابلىنىدۇ". ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. [ئىسلام پەتىۋالىرى 4-توم 195-بەت].

ئەر-ئاياللارنىڭ تۇغقانلىرى بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق، خەيرى-ئېھسان قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ ئەر-ئايال ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت ۋە مېھرى-مۇھەببەتنى زىيادە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

ئىككىنچى: ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ: ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇش، ياخشىلىق قىلىش، خەيرى-ئېھسان قىلىش، كېسەللەرنى يوقلاش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش: ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا ئۇلاش ۋە ئۇلىنىش ئېتىبارى بىلەن خەيرى-ئېھسان قىلىش، بەزى مال بىلەن ياردەم قىلىش بەزى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ياكى ئۇلارنى زىيارەت ۋە سالام قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ". [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 2-توم201-بەت].

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش دېگەن؛ ئۆز دائىرىمىزدىكى ئۆرپە-ئادەت ۋە كىشىلەر بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يولى بويىچە بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشنىڭ تۇرى، مىقدارى ۋە شەكلى بايان قىلىنمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى مەلۇم بىر ئىش بىلەن بېكىتمىگەن، بەلكى مۇتلەق قويۇپ قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يۇرت ۋە مىللەتنىڭ ئۆرپە-ئادىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان يۇرت-مىللەتنىڭ ئۆرپە-ئادىتىدە ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش سانىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىشلار، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ. تۇغقانلار ئارا سېلە-رەھىمنى ئۈزۈش سانىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىشلار ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ". [ياخشى كىشىلەر باغچىسى ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى 5-توم 215-بەت.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى