جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ھارام مالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن مالىيە ئىدارىسىدا ھېسابات ئىشلىرىنى قىلىمەن، ھېسابات بايانلىرى ۋە قايتۇرۇلىدىغان باجنى كەلتۈرىمەن، مالىيە ۋە باج ئىشلىرى توغرىسىدا شىركەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىمەن. بىز بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى كىچىك تاماقخانا ئىگىلىرى، بىزنىڭ يەنە يەر-مۈلۈكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئايرىم ئىش قىلىدىغان شىركەت ئىگىلىرى بىلەنمۇ مۇئامىلىمىز بار، بىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدىغان تاماقخانا ئىگىلىرى باشقا يېمەكلىكتىن سىرت چوشقا گۆشى ساتىدۇ، بىز بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-سېتىمدا جازانە مۇئامىلىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ،بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان خىتابلارنى يېزىشقا مەجبۇر بولىمەن، مېنىڭ بىلگىنىمدەك ئۇلار بۇ خىتاپنى جازانە شەكىلدە پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، مېنىڭ بۇ ئىشىم توغرىمۇ؟ئەگەر توغرا بولمىسابۇ ئىشنى تاشلاپ توغرا بولغان ھالال ئىش قىلىمەن، مەن مۇشۇ خىزمەت بەدىلىگە توپلىغان ۋە كەسىپ قىلغان ئىقتىسادىمنى ساقلاپ قالسام توغرا بولامدۇ؟ مۇشۇ مالنى باشقا بىر ئىش ئۈچۈن سەرمايە قىلسام بولامدۇ؟ مۇشۇ مال بىلەن ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: جازانە ئىشلىرىنى خاتىرىلەش ياكى ھېسابلاش ياكى شۇ ئىشنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن توختامنامە قاتارلىقلارنى يىتىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدىغان ئورۇندا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا دۈشمەنلىك ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بېرىش شەكىللىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الأِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق. مائىدە سۈرىسى 3-ئايەت.

سىزنىڭ بۇ خىزمەتنى تاشلاپ توغرا بولغان باشقا خىزمەتنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر ئىشنى تەرك قىلىدىكەن،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئىشنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا 59864 -بۇ نۇمۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن، ئۇنىڭدا جازانىگە بىر كەلىمە سۆزنى يېزىش بىلەن ياردەم قىلىشنىڭمۇ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى: كىمكى چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن يېنىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ناخشا ئوقۇش، پارىخورلۇق قېلىش، رەمباللىق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، جازانە توختاملىرىنى يېزىپ بېرىش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلاردىن مال كەسىپ قىلغان بولسا، ئۇ ماللارنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەمما ئۇ مالدىن قالغانلىرى بولۇپ قالسا، ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئۇ مالدىن خالاس بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا ھاجەت مىقدارى ئېلىپ قىلىپ قالغانلىرىدىن خالاس بولىدۇ، ئۇنداق مالنى سەرپ قىلىپ ھەج قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكتۇر پەقەت پاك نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" پاھىشە ئايال، ناخشىچى، ھاراق ساتقۇچى ۋە يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى قاتارلىقلار بىر نەرسىنىڭ بەدىلىگە ھارامدىن پۇل ئالغان بولسا، كېيىن ئۇ كىشى تەۋبە قىلغاندا، ئۇ مال قولىدا بار بولغان بولسا، بىر قىسىم ئالىملار:ئۇ مالنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ چۈنكى ئۇ شەرئى يول بىلەن ئىلىنمىغان مال بولۇپ ئۇنىڭ بارابىرىگە مالنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن توغرا بولغان مەنپەئەت ھاسىل بولمىغان دەيدۇ.

يەنە بىر ئالىملار بولسا: ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى ئۇ مالنى سەدىقە قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ مالنى ئالغان كىشىگە قايتۇرمايدۇ، بۇ ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشى بولۇپ، بۇ ئىككى قاراشنىڭ توغرا بولغىنىدۇر"، مەدارىجۇسسالىكىين 1-توم 389-بەت.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادۇل مىئاد" 5-توم 778-بەتتە بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزنى ئىخچاملاشتۇرۇپ شۇنى قارار قىلدىكى، بۇ مالدىن قۇتۇلۇش ۋە تەۋبىنىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ يولى بۇ مالنى سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا ھاجەت مىقداردا ئېلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ".

ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"پاھىشە ئايال ۋە ھاراقكەش قاتارلىقلار تەۋبە قىلسا، ئۇلار كەمبەغەل بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ھاجىتى بويىچە بۇ مالنى سەرپ قىلسا بولىدۇ، ئەگەر تىجارەت قىلىشقا ياكى بىر نەرسە توقۇشقا قادىر بولالىسا قولىدا باربولغان مالنى دەسمى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ". "پەتىۋالار توپلىمى"29 -توم 308-بەت.

بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد سەئىدىنىڭ:"مۇشۇ ئەسىردىكى بانكا مۇئامىلىسىدىكى جازانە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 779- 874-بەت.

ئۈچىنچى: ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدىن شۇ بىلىنىدۇكى، ھارامدىن مال كەسىپ قىلغان كىشى تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇ مالدىن ھاجەت مىقداردا ئىلىپ قالىدۇ، مەلۇم بىر نەرسىگە مەبلەغ سالسىمۇ بولىدۇ، ھۈنەر-سانائەت ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا بولىدۇ، ئاندىن كېيىن ھاجىتىدىن ئاشقانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

تۆتىنچى: سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز توغرا بولغانلىرى ۋە توغرا بولمىغانلىرىمۇ بار ئىكەن، توغرا بولمىغان يول بىلەن كىرگەن ماللارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭ، قولىڭىزدا بار بولغان مالنىڭ بەدىلىگە ئۇ ھارام مالدىن قۇتۇلۇڭ، ئەگەر ھارام مالنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتىش قېيىن بولسا، قولىڭىزدا بار بولغان مالنىڭ يېرىمىنى سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇڭ، ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ھارام مال بىلەن ھالال مال ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلىنمىسە، ئاشۇ مالنى ئىككىگە بۆلۈپ يېرىمىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ". "پەتىۋالار توپلىمى"29-توم 308-بەت.

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى