پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كىيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك

سۇئال

يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقىلى بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن قالغان بوۋاقنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىم ۋە قانداق تەييارلىق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ توغرىدا سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئىشلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىز ئۈچۈن دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان بوۋاققا ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت سورايمىز. ئاللاھ تائالا ئۇ بوۋاقنى سالىھ ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن. سالىھ ئەمەللىرىڭىزنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ياخشىلىق مىيزانىدا قىلسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئادەم ئەۋلادلىرى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۈزىلىدۇ پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلى ئۈزۈلمەيدۇ: داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت، دېيىلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1631- ھەدىس].

ئىككىنچى: ئىسلام شەرىئىتىدە دۇنياغا كۆز ئېچىشقا بىر-ئىككى كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغان بوۋاقنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تەييارلىق قىلىش بۇيرۇلمىغان پەقەتبوۋاقنىڭ دۇنياغا سالامەت كۆز ئېچىشى، سالىھ، تەقۋادار كىشىلەردىن بولىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلىسەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سالىھ ئايالنىڭ يەنى ئىمراننىڭ ئايالىنىڭ دۇئاسىنى بايان قىلىدۇ: إِذْ قَالَتِ امْرَأَتُ عِمْرَانَ رَبِّ إِنِّي نَذَرْتُ لَكَ مَا فِي بَطْنِي مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّيإِنَّكَ أَنتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ ، فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنثَىٰ وَاللَّـهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنثَىٰوَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِتەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، بۇ نەزرەمنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيىتىمنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن. ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل ئاتا قىلىنغان قىزغا ئوخشاش ئەمەس بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر. (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن.» [سۈرە ئال- ئىمران 35-36-ئايەتلەر].

تۆۋەندە بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىمىز:

1-يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، مەن ئوغلۈمنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ئېلىپ كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسمىنى ئىبراھىم قويدى، بىر تال خورمىنى چايناپ ئېغىزلاندۇردى، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ماڭا بەردى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5150- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2145- ھەدىس].

ئېغىزلاندۇرۇش دېگەن: بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ ئېغىزىغا خورما ياكى ھەسەلگە ئوخشاشتاتلىق نەرسىلەرنى چايناپ يۈدۈرۈش دېمەكتۇر.

2-بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈنى ياكى يەتتە كۈنلۈك بولغاندا ئىسىم قويۇش. ھەر ئىككىسىتوغرا بولىدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كېچىدىن مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلدى، مەن ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدۇم» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 3126- ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن، ھۈسەين تۇغۇلۇپ يەتتە كۈنلۈك بولغاندا ئۇلارغا ئەقىقە قىلىپ، ئىسمىنى قويغان ئىدى. [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى 12-توم 127-بەت. ھاكىم 4-توم 264-بەت، بۇ ھەدىسنى ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارى" 9-توم 589-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

3-ئەقىقە قىلىش ۋە خەتنە قىلىش.

ئا: بۇ توغرىدا سەلمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئوغۇل بالىغا ئەقىقە قېلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا قان ئېقىتىڭلار، بۇ ئارقىلىق ئەزىيەتلەرنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلىڭلار. [تىرمىزى رىۋايىتى 1515-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 4214-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2839-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3164- ھەدىس بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 4-توم 396-بەتتە كەلتۈرگەن].

ب: سەمۇرەتە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر بىر ئوغۇل ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىگە گۆرۈگە قويۇلغۇچىدۇر، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن مال بوغۇزلىنىدۇ، ئىسمى قويۇلىدۇ، چېچى ئالدۇرۇلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 1522-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 4220-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2838- ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 4-توم 385-بەتتە كەلتۈرگەن].

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئەقىقىنىڭ پايدىسىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىقە قۇربانلىق بولۇپ، بوۋاق يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مال بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىش ئۈچۈندۇر".

-ئەقىقە بوۋاقنى گۆرەدىن ئاجىرتىدۇ چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىگە گۆرۈگە قويۇلغان.

-ئەقىقە دېگەن ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا بىر قوينى پىدىيە بەرگەندەك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پىديىسى بولىدۇ. ["تۆھپەتىل مەۋدۇد" ناملىق ئەسەر 69-بەت].

ئەقىقىنىڭ پايدىلىرىدىن يەنە بىرى: ئەقىقە مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىن تۇغقانلار ۋە دوست-بۇرادەرلەر زىياپەتتە ئۇچرىشىدۇ.

د: خەتنە قىلىش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بولۇپ، كېچىك بالىنى خەتنە قېلىشۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ پاكىزلىققا ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. پاكىزلىق دېگەن نامازنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: بەش تۈرلۈك ئىش دىننىڭ جۈملىسىدىندۇر:خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش، تىرناقنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىشتىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 5550- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 257- ھەدىس].

ئۈچىنچى: "ئالىملارنىڭ بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇشنى بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىنلا قىلىنىدىغان سۈننەتلەر قاتارىدا زىكىر قىلدى. يەنى بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا دۇنيادا تۇنجى ئاڭلىنىدىغان سۆز تەۋھىد كەلىمىسى بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى زور ۋە بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئەمما سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا ھېچ ھەدىس يوق". ["زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر 1-توم 491-بەتكە قارالسۇن].

تۆتىنچى: بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇش. ئۇنىڭدىن كىيىن چاچنىڭ مىقدارىدا ئالتۇن-كۈمۈش سەدىقە قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئالدۇرۇلغان چاچنى گىراملاپ بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئالتۇن-كۈمۈش سەدىقە قىلىش قېيىن بولسا، ئۇنىڭ باراۋىرىدە بوۋاقنىڭ چېچىنى مۆلچەرلەپ قەغەز پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەدىقە قىلسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن ئەۋلادلىرىمىزنى ناچار ئىشلاردىن ساقلاشنى، ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە تىنچ-خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد