پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نەپىقىسىنى بېرىشى كېرەك بولغان كىشىگە زاكات بېرىش توغرا بولمايدۇ

سۇئال

مەن ماجىرىستاندا ياشايمەن، يولدىشىم ۋە يەتتە پەرزەنتىم بار، ئانام ماراكەشتە ياشايدۇ، مەن ھەر يىلى ئانامغا زاكاتتىن ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان مەندىن باشقا ھېچ كىشى يوق، ئانامغا زاكىتىمنى ئەۋەتىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ ياكى توغرا بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن زاكات ماللىرى ۋە پىتىر سەدىقىسىنى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەردىن ئىبارەت ئىنسان ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرگە بېرىشى قەتئىي توغرا بولمايدۇ. "ئەل مۇدەۋۋىنە" ناملىق ئەسەر 1/344-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن، يېقىنلىرىمدىن كىملەرگە زات بەرسەم توغرا بولمايدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ: "زاكات ماللىرىڭىزنى سىز نەپىقە قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشىڭىز كېرەك بولغان يېقىنلىرىڭىزغا بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ"، دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم" 2/87-بەتتە مۇنداق دېگەن: "زاكات ماللىرىنى ئۆزىنىڭ دادىسى، ئانىسى، چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئانىسى قاتارلىق يېقىنلىرىغا بېرىش توغرا بولمايدۇ".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 2/509-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پەرىز بولغان زاكاتنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە چوڭ ئانا-چوڭ دادىسى قاتارلىق يېقىنلىرىغا، پەرزەنتلىرى ۋە نەۋىرلىرىگە بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ".

    ئبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئۆلىمالار: زاكات سەدىقىسىنى ئۆزى نەپىقە بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك بولغان ئاتا-ئانىسىغا بېرىشنى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا زاكاتنى بېرىش بىلەن ئۇلارغا بېرىدىغان نەپىقىدىن خالاس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەرگەن زاكاتنىڭ پايدىسى يەنىلا ئۆزىگە قايتىدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ زاكىتىنى ئۆزىگە بەرگەندەك بولىدۇ، خۇددى زاكات بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى قەرزنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش بولدى".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزىنىڭ يېقىن نامرات تۇغقانلىرىغا بەرسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پىتىر سەدىقىسى ۋە زاكات ماللىرىنى ئۆزىنىڭ نامرات تۇغقانلىرىغا بەرسە توغرا بولىدۇ، بەلكى بۇنى باشقا يات كىشىلەرگە بەرگەندىن تۇغقانلىرىغا بېرىش ياخشىدۇر، تۇغقانلىرىغا بېرىش ھەم سەدىقە ھەم ئۇرۇغ تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشتىن ئىبارەتتۇر، لېكىن ئىقتىسادىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆز يېقىنلىرىغا بەرسە توغرا بولمايدۇ، يېقىنلىرى ئۆزى نەپىقە قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشى ۋاجىب بولغان كىشىلەر بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات ماللىرىدىن بىر نەرسە بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا نەپىقە بېرىشنىڭ ئورنىغا زاكاتنى بېرىپ ئۆز مېلىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ، شۇڭا بۇ ھەرگىز توغرا ئەمەس. ئەمما تۇغقانلىرى ئارىسىدىن ئۆزى نەپىقە بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك بولمايدىغان كىشىلەر بولسا (يەنى نەپىقە بېرىشى ۋاجىب بولمايدىغان)، زاكاتنى ئۇلارغا بەرسە، باشقا كىشىلەرگە بەرگەندىن ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سېنىڭ يېقىن كىشىلىرىڭگە قىلغان سەدىقىلىرىڭ ھەم سەدىقە ھەم ئۇرۇغ تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشتۇر".

    شۇنىڭغا ئاساسەن، سوئال سورىغۇچى ھەمشىرىمىزگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىزنىڭ زاكىتىڭىزنى ئانىڭىزغا بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئانىڭىزغا زاكاتتىن ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىڭىزدىن نەپىقە قىلى بېرىشىڭىز ۋاجىب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى پاراۋان، رىزىقىڭىزنى كەڭرى ۋە ھالالدىن رىزىقلارنى بەرسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى