پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆمرە پائالىيتىنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالىم بىلەن ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغان ئىدىم، ئايروپىلاندا ئېھرامغا كىرىشنى نىيەت قىلدۇق، مەككىگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈك-تاقىلارنى قويۇپ قويۇش ئۈچۈن ياتاققا باردۇق، مېھمانخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئايالىم ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئۇنىڭغا پىديە كېلەمدۇ؟ قانچىلىك مىقداردا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئايلىق ئادەت ئايال كىشىنى ھەج-ئۆمرىگە ئېھرام كىيىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، لېكىن پاك بولۇشتىن ئىلگىرى كەبىنى تاۋاپ قىلىشى چەكلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ھەجگە كەلگەندە مەككىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ھاجىلار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ، لېكىن پاك بولمىغىچە كەبىنى تاۋاپ قىلماڭ دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بۇخارىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلغان، بۇ ئېھرام كىيگەن ئايال تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالسا پاك بولغانغا قەدەر كەبىنى تاۋاپ قىلمايدۇ ۋە ساپا-مەرۋە ئارىسىدىمۇ سەئى قىلمايدۇ دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

     شۇنىڭغا ئاساسەن، ئايالىڭىز پاك بولغىچە ساقلاپ، پاك بولغاندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆمرە پائالىيىتى تامام بولىدۇ. ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھېچ قانداق پىديە كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئېھرام كىيىپ بولغان. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 40608 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى