پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەج پائالىيىتىدە چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتا دۇرۇس بولىدىغان مىقدار توغرىسىدا

سۇئال

رامزاندا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلدىم، چېچىمنى ئالدى تەرەپتىن، كەينى تەرەپتىن، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن قىسقارتتىم، مېنىڭ قىلغانلىرىم توغرا بوپتىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھەجدە چېچىنى قىسقارتقاندىن چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىدە پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرغان ۋە چېچىنى تولۇق ئالدۇرغانلارغا ئۈچ قېتىم ۋە چېچىنى قىسقارتقانلارغا بىر قېتىم دۇئا قىلغان. ["پىقھى توپلاملىرى"18-توم 98-بەت].

    چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتا دۇرۇس بولىدىغان ئەڭ ئاز مىقدار توغرىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى چېچىنىڭ بەزىسىنى ئالدۇرسا توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرغان، چاچنى ئالدۇرۇش دېگەن مۇتلەق سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېچىنى تولۇق ئالدۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش زۆرۈر بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

     ھەنەفىي مەزھەپ ئۆلىمالىرى چېچىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالدۇرسا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز بولسا كۇپايە قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى چاچنى ئالدۇرغاندا ياكى قىسقارتقاندا ئاز بولغاندا بېشىدىن ئۈچ تال چاچنى ئالسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەل مۇغنى" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم 196-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتا چېچىنىڭ ھەممىسىنى قىلىش كېرەك، ئايال كىشىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئىمام ئەھمەدتىن دەلىل بايان قىلىنغان، ئىمام مالىكمۇ شۇنداق دېگەن. ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە چاچنىڭ بەزىسىنى ئالدۇرسا بولىدۇ دەيدۇ. ئىمام شافىئى چاچنى قىسقارتىشتا ئۈچ تال چاچنى قىسقارتسا بولىدۇ دەيدۇ. ئىبنى مۇنزىر: چاچنى قىسقارتتى دېگەن سۆز مۇۋاپىق كېلىدىغان مىقداردا قىسقارتسا بولىدۇ دېگەن قاراشنى تاللىدى. بىز ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر چېچىڭلارنى ئالدۇرۇڭلار دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىمىز، چاچنى ئالدۇرۇش دېگەن چاچنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرۇپ ئايەتتىكى مۇتلەق سۆزنى چۈشەندۈرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    مالىكى كىتابلىرىدىن"ئەتتاج ۋەلئىكلىيل"ناملىق ئەسەر 4-توم 181-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: چېچىنى ئالدۇرغان ياكى قىسقارتقان كىشى چېچىنىڭ ھەممىسىنى قىلىش كېرەك، بەزىسىنى قىسقارتىپ بەزىسىنى قويۇپ قويسا توغرا بولمايدۇ.

   ھەقىقەتەن بۇ قاراش ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىش بولۇپ، سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك چاچنىڭ ئالدى، كەينى، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن قىسقارتىش توغرا بولمايدۇ.

   ئىككىنچى: چېچىنىڭ بەزىسىنى ئالدۇرغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقسۇن: ئەگەر ئۇ ئىشنى ئۆزىگە پەتىۋا بەرگەن ئالىملارغا ئەگىشىپ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئەگەر ئۆز خاھىشى بويىچە قىلغان بولسا، ئۇ دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇ كىشى ئېھرام ھالىتىدە قالغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى سېلىۋېتىپ ئېھرام كىيىمىنى كىيىپ تۇرۇپ چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، بىلمەسلىكتىن بۇ ۋاقىت ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئىشلاردا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئۆمرە قىلغاندا چېچىنىڭ بىر تەرىپىدىن قىسقارتىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىپ، كېيىن بۇ ئىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلغان بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئېھرام كىيىمىنى كىيىپ چېچىنى تولۇق ئالدۇرۇشى ياكى قىسقارتىشى كېرەك، چۈنكى بىلمەي قىلغان ئىشى ئەپۇ قىلىنىدۇ، چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشنىڭ مەككىدە بولىشى شەرت ئەمەس، بەلكى مەككىدە ۋە مەككە سىرتىدا بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىرەر ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا تايىنىپ قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا: بىلمىسەڭلار ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار دېگەن. [سۈرە نەھل 43-ئايەت]. بەزى ئۆلىمالار: بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزىسىنى قىسقارتىش چېچىنىڭ ھەممىسىنى قىسقارتقانغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. [ئونىنچى قېتىملىق ئايلىق ئۇچرىشىش پىراگرامىسى].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى