جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

غۇسلىنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

    چوڭ تاھارەت ئېلىش قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا مەزھەپلەر ئارىسىدا ئوخشىمايدىغان قاراشلار باركەن، مېنىڭ قايسىسىغا ئەگىشىشىم كېرەك بولىدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ تاھارەت ۋە كېچىك تاھارەتنى قانداق ئالغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: سىزنىڭ مەلۇم بىر مەزھەپكە ئەگىشىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، سىزنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىلىم-مەرىپەت، تەقۋادارلىق بىلەن مەشھۇر بولغان ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلىدىغان بىر ئالىمدىن سورىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ئالىم سىزگە بايان قىلىپ بەرگەن ھۆكۈمنى تۇتسىڭىز بولىدۇ، دىنى مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپنىڭ سىزگە زېيىنى يوق، بۇ ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىرادە قىلغان ئىشتۇر، دىنى ئىشلاردا ھەقنى بىلىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلالمايدىغان كىشىنىڭ ئالىملاردىن سوراپ ئۇلارنىڭ بەرگەن ھۆكمىگە ئەگىشىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقى كېرەك بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: كېچىك تاھارەت ئىلىشنىڭ تەپسىلاتى 11497 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئۈچىنچى: چوڭ تاھارەت ئېلىش ۋە يۇيۇنۇشىنىڭ سۈپەتلىرى:

    يۇيۇنۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    دۇرۇس بولىدىغان ۋاجىپ بولغان يۇيۇنۇش: بۇ شەكىلدە يۇيۇنۇش دۇرۇس بولىدىغان ھالەتتە يۇيۇنسا كۇپايە قىلىدۇ، چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن پاكىز بولىدۇ، بۇ سۈپەتتىن كام بولۇپ قالسا يۇيۇنۇش توغرا بولمايدۇ.

     ياخشى كۆرۈلىدىغان كامىل يۇيۇنۇش: بۇ شەكىلدە يۇيۇنۇش مۇستەھەپ بولىدۇ  ۋاجىپ بولمايدۇ. دۇرۇس بولىدىغان ۋاجىپ بولغان يۇيۇنۇش ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە:

1-جۇنابەتتىن، ھەيزدىن ۋە نىپاستىن پاك بولۇشنى نىيەت قىلىش.

2-ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى بىر قېتىم يۇيۇش، چېچىنىڭ يىلتىزىنى يۇيۇش ۋە ئىككى قولتۇقنىڭ ئاستى ۋە ئىككى تېقىمى قاتارلىق ئاسان سۇ تەگمەيدىغان ئورۇنلارنى يۇيۇش، ئېغىزى ۋە بۇرنىنى يۇيۇشتىن ئىبارەتتۇر.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 423-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "دۇرۇس بولغان يۇيۇنۇشنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِن كُنتُمْ جُنُباً  تەرجىمىسى: «ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكىزلىنىڭلار يەنى غۇسلى قىلىڭلار.» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

    ئايەتتە ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن باشقىنى زىكىر قىلمىدى، كىمكى پۈتۈن بەدىنىنى بىر قېتىم تولۇق يۇسا، ئۇنىڭغا يۇيۇندى دېگەن سۆز مۇۋاپىق كېلىدۇ".

ياخشى كۆرۈلىدىغان كامىل يۇيۇنۇش:

1-چىن دىلىدىن جۇنابەتتىن، ھەيزدىن ۋە نىپاستىن پاك بولۇشنى نىيەت قىلىش كېرەك.

2-ئاندىن بىسمىللا دەپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇش.

3- نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئېلىش.

4-ئاندىن بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىدۇ، چېچىنى ئۇلاپ چاچنىڭ يىلتىزىغا سۇنى يەتكۈزىدۇ.

5-ئاندىن پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيۇپ يۇيىدۇ، بەدىنىنى ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ يۇيىدۇ، ئاندىن سول تەرىپىنى يۇيىدۇ، بەدەننىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولى بىلەن سىلاپ يۇيىدۇ.

    ياخشى كۆرۈلىدىغان كامىل يۇيۇنۇشىنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئىككى قولىنى يۇياتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك كامىل تاھارەت ئالاتتى، ئاندىن يۇيۇناتتى، ئاندىن قولى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى يۇياتتى، پۈتۈن بەدىنىگە سۇ يەتتى دەپ قارىغاندا، بەدىنىگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇياتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 248-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 316-ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا سۇ ئالىدىغان قاچىغا ئوخشاش بىر نەرسىنى تەلەپ قىلدى، ئۇنى ئالقىنى بىلەن تۇتۇپ بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى يۇيۇشقا باشلىدى، ئاندىن سول تەرىپىنى يۇدى، ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن سۇ ئىلىپ بېشىغا قۇياتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 258-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى318 -ھەدىس].

10790 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    مۇشۇ بابتىكى مۇھىم ھۆكۈملەردىن:

   چوڭ تاھارەت ئىلىپ يۇيۇنۇش كېچىك تاھارەتتىن كۇپايە قىلىدۇ، كىمكى كامىل ياكى كۇپايە قىلغۇدەك يۇيۇنسا، ئۇ كىشىگە قايتىدىن كېچىك تاھارەت ئىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن يۇيۇنۇش ئارىسىدا تاھارەت بۇزۇلىدىغان ئىش سادىر بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قايتىدىن كېچىك تاھارەت ئالىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى