جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

سۇئال

ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىئوچۇق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ شەرىئەتنىڭ كامىللىقى ۋە كاتتىلىقى جۈملىسىدىن بولۇپ، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش،ھىمايە قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزى سەۋەبلىك ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كىلىدىغان بارلىق پىتنىلەردىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ساقلاشنى چىقىش قىلغان ئاساستا بۇ پرىنسىپنى يولغا قويغان.

بۇنىڭ دەلىللىرى، ئىمام بۇخارى(1729) ۋە ئىمام مۇسلىم(2391)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن، مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسكەرلەر بىلەن پالانى-پالانى ئۇرۇشقا چېقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى ئىدى دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەجگە بارغىن دەيدۇ.[بۇخارىيدا 1729-ھەدىستە، مۇسلىمدا2391-ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان].

شۇنىڭغا ئاساسەن ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس.ئىلىمنى ئاللاھ ئاسان قىلغان تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئىگەللىشى لازىم. ھازىر بىلىم ئىگەللەيمەن دېگەن كىشى ھەرتۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن بىمالال پايدىلىنالىشى مۇمكىن. مىسالغا ئالساق: توردىن پايدىلىنىش،ياكى تور ئارقىلىق ئوقۇش سېستىملىرىدىن پايدىلىنىش، ئەتراپىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدىن تەلىم ئىلىش قاتارلىقلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ بىلىم ئالغاندىن ياخشى ئەلۋەتتە. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: قىز-خانىملارنىڭ تىببى ئىلىم ئۆگىنىشكە چىقىشى ۋاجىپ ياكى جايىز بولغان تەقدىردىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن ساقلىنالمايدۇ:

ئا-ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش: كېسەل ئەرلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرىدىكى يات كىشىلەر.

ب- يېقىن دۆلەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىش، بۇنىڭغا ئۈچ كۈن ئەمەس پەقەت بىر قانچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

ج- تىببى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا مەھرەمسىز يالغۇز ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇشقا ئوخشىغان ئىشلاردىن خالى بولالمايدۇ؟ قانداق قىلىشى كېرەك دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

جاۋاب:

1-تىببى ئىلىم ئىلىش ئۈچۈن چىققاندا تەلىم-تەربىيە ياكى باشقا تەرەپلەردە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش ئىشلىرى سادىر بولىدىكەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاش پەرز ئەين، تىببى بىلىم ئىلىش پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ. ھەر ۋاقىت پەرز ئەيىن پەرز كۇپايىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما ئەركەك كېسەللەر، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆزلىشىش چەكلەنمەيدۇ. لېكىن ئاياللاريات ئەركەكلەر بىلەن سۆزلەشكەندە غىلجىڭلىق ۋە ئەركىلەشتىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر تۈرلۈك يامان خىياللاردا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈمپەقەت تىببى ساھەدىكىلەرگە خاس بولماستىن بەلكى بارلىق ئاياللارغا ئورتاقتۇر.

2-تىببى بىلىم ئىلىش ياكى تەلىم بېرىش، كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا مەھرەم بىلەن بىرگە بولىدىكەن بۇ ياخشى، ئەمما مەھرەم بولمايدىكەن گەرچە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ.چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يۇقىرىدائاياللارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاش تىببى بىلىم ئىلىش ياكى ئۆگىتىشتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

3-قىز-خانىملارنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ئىگەللەش ياكىئۆگىتىش، ئاياللارنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ئىشەنچىلىك ئاياللار بىلەن بىرگە تۇرسا جايىز بولىدۇ.ئەمما يولدىشى ياكى مەھرىمى يوق، يالغۇزلۇقتا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە يالغۇز تۇرۇشى جايىز ئەمەس.

ئەمما ئەرلەرنى داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا(يەنى ئەر دوختۇرلار بولمىغان ھالدا)كىسەل بىلەن يالغۇز قالمىغان ئاساستا داۋالاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ.

(سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 12178-بەت)    

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. شەيخنىڭ سۆزى بۇ يەردە تۈگىدى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى