پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ ئاياللار ۋە مەھرەملىرى ئالدىدىكى ئەۋرەت جايلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ئايال كىشىنىڭ ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى ئالدىدىكى ئەۋرەتلىرى ۋە قىزى، ئانىسى ياكى ھەدىسى ئالدىدىكى ئەۋرەتلىرى قايسى جايلاردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئايال كىشىنىڭدادىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا )يەنى بۇلار مەھرەملىرى بولۇپ) پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەت بولىدۇ، پەقەت كۆپ ۋاقىتلاردا ئوچۇق تۇرىدىغان يۈزى، چاچلىرى، بويۇنلىرى، ئىككى بىلەك ۋە ئىككى ھوشۇقىنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلار ئەۋرەت ھېسابلانمايدۇ.بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَاوَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّوَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِوَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّوَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئاياللار ئۈچۈن يولدىشى ۋە مەھرەملىرى ئالدىدا زىينەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشنى دۇرۇس قىلدى، زىينەتتىن مۇراد زىننەت ئورۇنلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۈزۈكتىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان ئالقان، بىلەيزۈكتىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان بىلەك، زىرە-ھالقىدىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان قۇلاق، گۇلاپكا-زەنجىردىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان بويان ۋە كۆكرەك ۋە خالخالدىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان پاچاق مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئەبۇ بەكرى ئەلجەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ئايال كىشىنىڭ زىنەتلىرىنى يولدىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنغان دادىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىغا ئاشكارا قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، زىينەتتىن زىننەتنىڭ ئورنى بولغان يۈز، قول، بىلەك قاتارلىق ئەزالار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئورۇنلارغا قارىسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىچكى زىننەتنىڭ ئورنى، چۈنكى ئايەتنىڭ ئەۋۋىلىدە تاشقى زىننەتكە يات كىشىلەرنىڭ قارىشىنى دۇرۇس قىلدى، يولدىشى ۋە باشقا مەھرەملىرىنىڭ ئىچكى زىننەتكە قارىشىنى دۇرۇس قىلدى. ئىبنى مەسئۇد ۋە زۇبەير رەزىيەللاھۇئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان رىۋايەتتە: زىرە-مۇنچاق، زەنجىر-گۇلاپكا، بىلەيزۈك-خالخال قاتارلىق زىننەتلەر بايان قىلىنغان.

بۇ ئورۇنلارغا قاراش ئايال كىشىنىڭ يولدىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنغان مەھرەملىرى ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. ئايەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى يولدىشى قاراش دۇرۇس بولغان زىننەت ئورۇنلارغا زىكىر قىلىنغان مەھرەملەرنىڭ قارىشىنىڭمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ئۇلار زىنەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن دېدى يەنى مەھرەم بولمىغان كىشىلەرگە زىينەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن دەپ بۇنىڭدىن ئىچكى زىننەتلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. زىننەت ئاشكارا ۋە مەخپى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، مەخپى-ئىچكى زىنەت دېگەن: خالخال، پۇتىغا قويغان خېنە، بىلەكلىرىدىكى بىلەيزۈك، زىرە-ھالقا، گۇلاپكا-زەنجىر قاتارلىقلار بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ بۇ ئورۇنلارنى يات كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك يات كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ئورۇنلارغا قارىشى توغرا بولمايدۇ، زىينەتتىن زىننەتنىڭ ئورنى مەقسەت قىلىنىدۇ".

"كەششاپۇل قەننائ"ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى5 -توم 11-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئەر كىشى ئۆزىنىڭ مەھرىمىنىڭ يۈزى، بوينى، قولى، پۇتى، بىشى، پاچىقى قاتارلىق جايلارغا قارىسا دۇرۇس بولىدۇ. قازى ئەبۇ يەئلا مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن: كۆپ ۋاقىتلاردا ئاشكارا بولىدىغان بىشى، ئىككى قولى ۋە ئىككى جەينىكىگە قاراش دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن".

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەھرەملەرمۇ يېقىنلىقتا ۋە پىتنىدىن ئەمىن بولۇشتا پەرقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشى ئۆگەي ئوغلىغا ئاشكارا قىلمىغان جاينى دادىسىغا ئاشكارا قىلىدۇ. قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئايەتتە ئايالنىڭ يولدىشىنى زىكىر قىلغاندا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە زىننەتنى ئاشكارا قىلسا دۇرۇس بولىدىغان مەھرەم تۇغقانلىرى بىلەن باشلىدى، لېكىن مەھرەملەرنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ دادىسى ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىغا ئوچۇق قويغان جايلىرىنى ئۆگەي ئوغلىغا ئاچماسلىقى ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقمۇ ئوخشاش ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن دادىسىغا ئاشكارا قىلغان جاينى يولدىشىنىڭ ئوغلىغا ئاشكارا قىلىش توغرا بولمايدۇ".

ئىككىنچى: پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بېكىتىلگىنى: ئايال كىشىنىڭ ئايال بىلەن بولغان ئەۋرىتى مەيلى ئۇ ئايال ئانىسى، ھەدە-سىڭىللىرى ياكى يات ئايال بولسۇن ئوخشاشلا كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئارلىقىدۇر، ئايال كىشى ئۈچۈن زۆرۈرەت بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان ئارىلىققا قارىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما داۋالاش ۋە تۇغدۇرۇش قاتارلىق زۆرۈرەت بولغان ئەھۋال ئاستىدا قاراش دۇرۇس بولىدۇ.

بۇنىڭدىن ئايال كىشى ئاياللار بار سورۇندا تىزىدىن كىندىكىگىچە بولغان ئارىلىقنى ئوراپ باشقا جايلىرىنى ئوچۇق قويۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئىپپەتلىك ئاياللار ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ، بۇ پەقەت پاسىق، پاجىر، بۇزۇق، ئەخلاقسىز، ناچار ئاياللارنىڭ قىلىقىدۇر.

پىقھى ئالىملىرىنىڭ: "تىزىدىن كىندىكىگىچە ئەۋرەت" دېگەن سۆزىدىن مۇشۇ جاينى ئوراشلا كۇپايە قىلىدۇ، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇ جاينى ئوراپ، باشقا جايلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بۇنداق ئىشنى ساپ ئەقىل ۋە ساغلام تەبىئەت ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەمشىرىلىرى ۋە ئۆز جىنسىدىكى ئاياللار بار سورۇندا كىيىدىغان كىيىمى پۈتۈن بەدىنىنى ئورايدىغان بولىشى كېرەك، بۇ، ئۇ ئايالنىڭ ھايالىق، چوڭ سۈپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا پەقەت بىرەر ئىش قىلىۋاتقاندا ئوچۇق قالىدىغان باش، بويۇن، ئىككى بىلەك ۋە ئىككى قەدەم قاتارلىق بىز مەھرەم مەسىلىسىدە بايان قىلغان جايلارنىئاشكارا قىلسا بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىنىڭ، ئاياللارنىڭ ئاياللار ۋە مەھرەملەر ئالدىدا ئېچىش دۇرۇس بولىدىغان جايلىرى توغرىسىدىكى پەتىۋاسىنى ئىلگىرى بىز34745-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئاللاھ تائالادىن سىز ۋە بىزگە توغرا يول ۋە ھىدايەت سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى