جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىمام تىلاۋەت ئۈچۈن سەجدە قىلغاندا، ئىمامغا ئەگەشكۈچى بىلمەي سەجدە قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

   ئىمام تىلاۋەت ئۈچۈن سەجدە قىلغاندا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنى رۇكۇ قىلدى دەپ ئويلاپ رۇكۇ قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارن سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىمام تىلاۋەت ئۈچۈن سەجدە قىلغاندا، ئىمامغا ئەگەشكۈچى ئىمامنى رۇكۇ قىلدى دەپ ئويلاپ رۇكۇ قىلغان بولسا، بۇ ئىش ئىككى ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

    بىرىنچى: ئەگەر ئۇ كىشى رۇكۇ قىلغان ۋاقتىدا ئىمامنىڭ سەجدە قىلغانلىقىنى بىلسە، ئىمامغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

   ئىككىنچى: ئىمامنىڭ سەجدە قىلغانلىقىنى ئىمام سەجدىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا رۇكۇ قىلغان كىشىگە: رۇكۇدىن تۇرۇپ ئىمامغا ئەگىشىڭ، ئىمام بىلەن بىرگە رۇكۇ قىلىپ نامازنى داۋاملاشتۇرۇڭ، سىزدىن تىلاۋەتنىڭ سەجدىسى چۈشۈپ كەتتى، چۈنكى تىلاۋەت سەجدىسى دېگەن ئىمامدىن كېيىن بولسىمۇ قايتا كەلتۈرۈش كېرەك بولىدىغان نامازنىڭ پەرزلىرىدىن ئەمەس، سىزگە پەقەت ئىمامغا ئەگىشىش كېرەك بولىدۇ دەيمىز".

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 24-بەت.