شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

زاكات بىلەن سەدىقەنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

زاكات بىلەن سەدىقىنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زاكات دېگەن سۆز: ئۆستۈرۈش، گۈللىتىش، بەرىكەت ۋە پاكلاش دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. ["لىسانۇل ئەرەب" ناملىق ئەسەر 14-توم 358-بەت ۋە "پەتھۇل قەدىر" ناملىق ئەسەر 2-توم 399-بەتكە قارالسۇن].

سەدىقە دېگەن سۆز: راستچىللىق دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان، چۈنكى سەدىقە قېلىش دېگەنلىك سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئىمانىدا راستچىل ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ["پەتھۇل قەدىير" ناملىق ئەسەر 2-توم 399-بەتكە قارالسۇن].

بۇ سۆزلەرنىڭ شەرىئەتتىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:

زاكات: شەرىئەت بايان قىلىپ بەرگەن بويىچە زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە زاكاتنىڭ تۈرلىرىدىن بېرىشكە تىگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى بېرىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

سەدىقە: شەرىئەت بېرىشكە بۇيرۇمىغان مالدىن خەيرى-ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتۇر، بەزى ۋاقىتتا پەرز قېلىنغان زاكاتقىمۇ سەدىقە دېگەن سۆز ئېشلىتىلىدۇ.

زاكات بىلەن سەدىقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەر:

1-زاكاتنى ئىسلام دىنى مەلۇم نەرسىلەرگە پەرز قىلدى، ئۇ نەرسىلەر: ئالتۇن، كۈمۈش، زىرائەت، مېۋە، تىجارەت ماللىرى، تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما سەدىقە مەلۇم نەرسىلەردە بېكىتىلمىگەن بەلكى ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىنى سەدىقە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

2-زاكاتتا مالنىڭ نىسابقا يېتىشى ۋە يىلنىڭ تولۇق ئۆتىشى شەرت قىلىنىدۇ، ماللاردىن چىقىرىلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى بېكىتىلگەن.

سەدىقىدە مەلۇم ۋاقىت ۋە مالنىڭ مىقدارى شەرت قىلىنمايدۇ بەلكى قايسى ۋاقىتتا قانچىلىك مىقداردا سەدىقە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

3-زاكاتنى ئاللاھ تائالا مەلۇم كىشىلەرگە بېرىشنى پەرز قىلدى، ئۇلارنىڭ غەيرىگە بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِفَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِوَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌتەرجىمىسى:زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [تەۋبە سۈرىسى 60-ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەر بولسا زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەردۇر.

سەدىقىنى بولسا ئايەتتە بايان قىلىنغان كىشىلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈردىكى كىشىلەرگە بەرسىمۇ بولىدۇ.

4-زاكات بېرىش پەرز بولۇپ مال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنىبېرىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرى مىراس ئېلىشتىن ئىلگىرى پەرز قېلىنغان زاكاتنى ئايرىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ ھەقتە "ۋەسىيەت ۋە مىراسخۇر" ناملىق بۆلۈمدە سۆزلەپ ئۆتتۇق.

سەدىقىدە بولسا زاكاتتا زۆرۈر بولغان ئىشلار كېرەك بولمايدۇ.

5- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك زاكات بېرىشتىن باش تارتقان كىشى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام مۇسلىم (987) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ مال-دۇنيالىرى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ شاپىلاق قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بىقىن ۋە پېشانىلىرى داغلىنىدۇ. ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى ياكى جەننەت تەرەپكە بولىدۇ ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ،چارۋا-ماللاردىن تۆگىگە ئىگە بولۇپ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىنى قىيامەت كۈنى چوڭ تۈز بىر مەيداندا ئۇنىڭ تۆگىلىرى سېمىز ھالەتتە كېلىپ دەسسەشكە باشلايدۇ، تۆگىلەر بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كېلىپ دەسسەشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى جەننەت تەرەپكە ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ.قويغا ئىگە بولۇپ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىنى قىيامەت كۈنى چوڭ تۈز بىر مەيداندا ئۇنىڭ قويلىرى سېمىز ، مۈڭگۈزلۈك ھالەتتە كېلىپ تۇۋاقلىرى بىلەن دەسسەشكە ۋە مۇڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈشكە باشلايدۇ، قويلارنىڭ ئارىسىدا مۈڭگۈزى يوق ياكى ئاقساق-چولاق، ئۇرۇقلىرى بولمايدۇ، قويلار بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كېلىپ دەسسەپ-ئۈسۈشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى جەننەت تەرەپكە بولىدۇ ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ.... [مۇسلىم رىۋايىتى].

سەدىقىدە بولسا، سەدىقە بەرمىگەن كىشى ئازابلانمايدۇ.

6-زاكاتنى تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى بويىچە ئاتا-ئاتا، بوۋا-مومىلىرىغا، بالا-چاقا، نەۋر-چەۋىرلىرىگە بېرىشكە بولمايدۇ.

سەدىقىنى بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرسە دۇرۇس بولىدۇ.

7-زاكاتنى بايغا ۋە كەسىپ قىلالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان كىشىگە بەرسە بولمايدۇ.

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۇدەي مۇنداق دەيدۇ: ۋىدالىشىش ھەججىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكات ماللىرىنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ زاكات ماللىرىدىن بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىككى كىشى ماڭا مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن زاكات ماللىرىدىن بېرىشنى تەلەپ قىلساق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ باش-ئايىغىمىزغا تەكشى قاراپ چىقىپ، بىزنىڭ ئىشلىيەلەيدىغىنىمىزنى كۆرۈپ: خالىساڭلار ئىككىڭلارغا زاكات ماللىرىدىن بېرىمەن، باينىڭ ۋە كەسىپ قىلالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ زاكاتتىن ھەققى بولمايدۇ، دېدى. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 1633-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 2598-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن."تەلخىيسىل ھۇبىير" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-تومى108-بېتىگە قارالسۇن].

سەدىقىنى بولسا بايغا ۋە كەسىپ قىلالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان كىشىگە بەرسە بولىدۇ.

8- زاكاتتا زاكاتنى شۇ يۇرتنىڭ بايلىرىدىن ئىلىپ، كەمبەغەللىرىگە بېرىش ئەڭ ياخشىدۇر. بەلكى كۆپچىلىك ئۆلىمالار، زاكاتنى بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا سەۋەبسىز يۆتكەشنى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

سەدىقىنى بولسا يىراق-يېقىن ھەممە جايغا يۆتكىسە بولىدۇ.

9-زاكاتنى كاپىرغا ۋە مۇشرىككە بېرىش توغرا بولمايدۇ.

سەدىقىنى بولسا كاپىرغا ۋە مۇشرىككە بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًاتەرجىمىسى: ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ. [سۈرە ئىنسان 8-ئايەت].

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام دىيارىدىكى ئەسىرلەر مۇشرىكتىن ئىبارەتتۇر".

10-مۇسۇلمان كىشى زاكاتنى ئۆزىنىڭ ئايالىغا بەرسە توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىنى نەقل قىلغان.

ئەمما سەدىقىنى بولسا ئايالىغا بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى زاكات بىلەن سەدىقەنىڭ ئارىسىدىكى بەزى پەرقلەر.

سەدىقە دېگەن سۆز ياخشىلىق يوللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېشلىتىلىدۇ. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقەدۇر" دېگەن بۆلۈمدە، جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر.

ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئىنساننىڭ قىلغان ۋە سۆزلىگەن ياخشى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولۇپ يىزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ھەر قانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر دېگەن سۆزى ئۇ ياخشىلىقنىڭ ھۆكمى پەزىلەتتە سەدىقىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش دېمەكتۇر، دەيدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى