سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى ئېشىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان ئىچىدە ئايالىم ئايلىق ئادىتى يەنى ھەيز كۆرۈپ قالغاندا تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى. شۇنىڭ بىلەن ئايلىق ئادەت كۈنى ئېشىپ كېتىپ، ئون بىر كۈن روزا تۇتالمىدى. بۇنىڭدىن تۆت كۈن ئىچىدە كەلگىنى ھەيز ئەمەس بەلكى ئۆزلىكىدىن سىزىپ چىققان قان ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، بۇ كۈنلەرنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ تۆت كۈن ئۈچۈن كاپارەت كېلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

1-تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىش سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى ئېشىپ كەتسە، قان ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان بولسا ئۇنىڭ ھەممىسى ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئايلىق ئادىتى يەتتە كۈندىن ئون بىر كۈنگە ئۇزارغان بولىدۇ.

ئەمما يەتتە كۈندىن كېيىن ئايلىق ئادىتى تۈگەپ قان ئۈزۈلۈپ، ھەيزدىن پاك بولغانلىقى تەكىتلەنسە، ئاندىن تۆت كۈن قان كەلگەن بولسا ۋە ھەيز قېنىغا ئوخشىمايدىغان بولسا، بۇ تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ، كېيىنكى بۇ تۆت كۈن ھەيز ھېسابلانمايدۇ بەلكى كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تىببى مەنبەلەر تەرىپىدىن كىيىن كەلگىنىنىڭ ھەيز ئەمەسلىكى تەكشۈرۈپ ئايرىلىدىكەن، ئۇ ھەيز بولماستىن بەلكى ئاياللار كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ.

2-ئايال كىشى كەلگەن نەرسىنى ھەيز دەپ گۇمان قىلىپ روزا تۇتمىغان بولسا، كېيىن كەلگەن قاننىڭ ھەيزئەمەسلىكى بېكىتىلسە، بۇ ھالەتتە ئۇ كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، ساقايغاندا روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىپ بىر كۈنگە- بىر كۈندىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: كېيىنكى كۈنلەردە كەلگەن قاننىڭ ھەيز ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدىكەن، ئۇ ئايال پەقەت روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭلا قازاسىنى قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى