جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

زاكاتنى دۇنيالىق (ياكى پەننى) بىلىم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىغا بېرىش توغرىسىدا

95418

تارقاتقان ۋاقىت : 03-06-2014

كۆرگۈچىلەر : 2882

سۇئال

سىڭلىمنىڭ يولدىشى كۆپ ئىش قىلمايدىغان، بېخىل، ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرمەيدىغان بىر كىشى. سىڭلىم مەمۇرىي كادىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۇ قىلىدۇ. سىڭلىم ھازىر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەگەر دىپلوم ئالالمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىمنى سىڭلىمغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

زاكاتنى ئوقۇش خىراجىتىدىن قىسىلىپ قالغان پەننى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. يەنى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇۋاتقان كەسپى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان توغرا كەسىپ بولسا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، دىپلوم ئىلىپ، بىرەر خىزمەت تېپىۋالغۇچە قەدەر زاكاتتىن بەرسەبولىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا، ئىنسان بىرەر خىزمەت تېپىپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شاھادەت ئىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئىمام مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساف" ناملىق ئەسىرى 3-توم 218- بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شەيخ تەقىييىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىلىش زۆرۈر بولغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقىلار بەرگەن زاكاتنى ئىلىپ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىقبولغان كىتابلارنى سېتىۋالسا بولىدۇ، دېگەن قاراشنى تاللىغان." بۇ توغرا قاراشتۇر. تۈگىدى.

خۇلاسە: يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسەن، سىز سىڭلىڭىزغا زاكىتىڭىزدىنبەرسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى