سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچى كانىيىدا قاننىڭ تەمىنى ھېس قىلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

كىكىردەكتە قاننىڭ تەمىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، رامىزاندا ئۇنىڭدىن ئازراقنى تۈكۈرۈۋەتسەك، بىزگە شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

روزا تۇتقۇچى كانىيىدا قاننىڭ تەمىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا گەرچە ئۇنى يۇتىۋەتكەندىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ، لېكىن ئېغىزىغا كېلىپ قالغاندا ئاندىن ئۇنى يۇتۇۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ.

ئىنساننىڭ كىكىرتىكىگە كېلىۋالغان بەلغەم، خەپرۈك قاتارلىقلارغىمۇ مۇشۇ ھۆكۈمنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەلغەم، خەپرۈك مەسىلىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمەن: بەزى روزا تۇتقۇچىلار ئۆزىنى چارچىتىپ كىركىرتىكىنىڭ ئىچىدە بەلغەم ياكى خەپرۈكتەك بىر نەرسىنى تاپسا، ئۇنى چېقىرۋىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەلغەم ۋە خەپرۈك دېگەننى يۇتۇۋەتسە ئەسلىدە روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ئېغىزىغا كېلىپ قالغىنىنى يۇتۇۋەتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا روزىسى بۇزۇلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار يەنىلا روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ.

ئەمما كىكىرتىكىدە بولۇپ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇ كىشىنى بۇنى سىزىپ تۇرسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئىنساننىڭ كىكىرتىكىگە چاپلىشىپ قالغان بەلغەم قاتارلىق نەرسىلەرنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ ئۆزىنى چارچىتىشى توغرا بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرى 19-توم 356-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى