پەيشەنبە 7 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 15 نويابىر 2018
Uygur

ئاشۇرا كۈنى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكدىن يېيىش توغرىسىدا

سۇئال

شىئەلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە پىشۇرىدىغان يېمەكلىكىنى يېيىش توغىرىمۇ؟ بىلىشىمچە، ئۇلار بۇ يىمەكلىك خالىس ئاللاھ ئۈچۈن لېكىن بۇنىڭ ساۋابى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن دېيىشىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ يىمەكلىكىنى ئالمىسام ياكى قوبۇل قىلمىسام، مەن ئىراقتا بولغاچقا بۇ ئىش مېنىڭ قىيىنچىلىق ياكى خەتەرگە ئۇچرىشىمغا سەۋەپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

شىئەلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە ئىلىپ بارىدىغان ئۆزىنى كاچاتلاش، ئۇرۇش، بېشىنى يېرىش، قان ئېقىتىش ۋە يېمەك تەييارلاش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى 4033- ۋە 9438-نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى دىنىمىزدا گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا ھەمكارلىشىشنىڭ ئورنى يوق.

ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلىقىغا تەييارلىغان بۇ يېمەكلىكىدىن يېيىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئىنتايىن چېكىدىن يامان ئىش ۋە ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت بولۇپ، بۇنداق ئىشلارنى تاشلاش زۆرۈر، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشمۇ ۋە تەييار قىلغان يېمەكلىكلىرىنى يېيىشمۇ توغرا بولمايدۇ".

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان چارۋىلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىش، ئېچىملىكلىرىدىن ئېچىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مالنى بوغۇزلىغۇچى ئەھلى بەيتتىن ياكى باشقىلاردىن ئاللاھنىڭ غەيرىنى مەقسەت قىلىپ بوغۇزلىغان بولسا، بۇ چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ إِنَّ صَلاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ * لا شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن. [سۈرە ئەنئام 162-163-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ﴾ تەرجىمىسى: بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن [سۈرە كەۋسەر 1-2-ئايەت].

"شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 8-توم 320-بەت.

ئەگەر ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى قوبۇل قىلماسلىق سەۋەبىدىن سىزگە خەتەر يېتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىمەكلىكلىرىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش