جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

نىيەت قىلىش بىلەنلا قەسەم بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

327366

تارقاتقان ۋاقىت : 17-02-2021

كۆرگۈچىلەر : 1296

سۇئال

   مەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى بىر ئىشنى تەرك قىلىشنى ئۆزۈمگە لازىم قىلىشنى قەسەم قىلدىم، لېكىن قەسەمنىڭ تەپسىلاتىنى ئەسلىيەلمەيمەن، ئۇ نەرسىنى بىر ئاي تەرك قىلىمەن دەپ قەسەم قىلدىممۇ ياكى مۇتلەق قەسەم قىلدىممۇ؟ قەسەمنى ئاغزاكى قىلىش كېرەكمۇ ياكى لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ قويۇش بىلەنمۇ بولامدۇ؟ مەن قەسەمنى ئاغزاكى دېدىممۇ ياكى دېمىدىممۇ ئەسلىيەلمەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

قەسەمنىڭ ئەسلىدە شەك قىلىش، قەسەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە قەسەمنىڭ بۇزۇلۇشىدا شەك قىلغانغا ئوخشاشتۇر، بۇنداق ھالەتتە شەك قىلغۇچىغا بىر نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلى قائىدە، ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەتتىن پاك بولىشىدۇر، ئىشەنچ شەك بىلەن يوق بولمايدۇ، قەسەم كۆڭۈلدە خىيال قىلىش بىلەن بولمايدۇ، بەلكى چوقۇم ئاغزاكى دېيىش كېرەك بولىدۇ.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەسەمدە شەك قىلىش.

    قەسەمدە شەك قىلىش: يا قەسەمنىڭ ئەسلىدە بولىدۇ ياكى قەسەمنىڭ تەپسىلاتىدا بولىدۇ.

    قەسەمنىڭ ئەسلىدە شەك قىلىش، قەسەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە قەسەمنىڭ بۇزۇلۇشىدا شەك قىلغانغا ئوخشاشتۇر. بۇنداق ھالەتتە شەك قىلغۇچىغا بىر نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلى قائىدە، ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەتتىن پاك بولىشىدۇر، ئىشەنچ شەك بىلەن يوق بولمايدۇ.

    ئىبنى نۇجەيم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئىشنى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىدا شەك قىلسا، ئەسلى قىلمىغانلىقتۇر". ["ئەشبا ۋەننەزائىر"50-بەت].

   ئىككىنچى: كۆڭلىدە خىيال قىلىش بىلەن قەسەم بولمايدۇ.

   قەسەم  كۆڭۈلدە خىيال قىلىش بىلەن بولمايدۇ، بەلكى چوقۇم ئاغزاكى دېيىش كېرەك بولىدۇ.

   سەرخسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەقەت نىيەت  قىلىش بىلەن ھېچ نەرسە بولمايدۇ". ["ئەلمەبسۇت" 6-توم 76-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھيللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاغزاكى سۆزلىمەستىن نىيەت قىلىش بىلەن نەزىر دۇرۇس بولامدۇ؟، شافىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن پەقەت نىيەت قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى ئاغزاكى دېيىش كېرەك دەيدۇ". ["ئەلمەجمۇئ" 8-توم 435-بەت].

    "ئەلئىنساپ" 11-توم 118-بەتتە مۇنداق دېگەن: "نەزىر دېگەن ئاغزاكى تەلەپپۇز قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئاغزاكى دېمەستىن كۆڭلىدە نىيەت قىلسا، ھەرگىز توغرا بولمايدۇ"].

    نەزىر قەسەمنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن نەزىر قەسەمدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 16889-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ 2860-نومۇرلۇق ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    قەسەمنىڭ پەقەت نىيەت قىلىش بىلەنلا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا  ئۈممىتىمدىن كۆڭلىدە خىيال قىلغان نەرسىنى سۆزلىمىسە ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىشلىىسە ئۇنى ئەپۇ قىلىۋىتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 5269-ھەدىس].

   ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس؛ ئىنسان ئەگەر ئىشنى نىيەت قىلىپ سۆزلىمىسە ياكى ئەمەل قىلمىسا بۇنىڭ ھېچ نەرسىگە تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["پەتھۇلبارى"9-توم 371-بەت].

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلۈم ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئەمەلى ۋەقە سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، قىزىڭىز قەسەمنىمۇ ۋە نەزىرنىمۇ ئاغزاكى دېمەپتۇ، پەقەت قەسەمنى نىيەت قىلىپتۇ يەنى پەقەت دىلى بىلەن قەسەم قىلىپتۇ، ئۇ قىزغا ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ، چۈنكى قەسەم ئاللاھنىڭ ئىسىم ياكى سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئاغزاكى تەلەپپۇز قىلىش بىلەن بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 23-توم 46-بەت].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 224072- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: سىز قەسەمنى ئاغزاكى دېگەن ياكى دېمىگەنلىك توغرىسىدا شەك قىلىپسىز، ئەسلىدە سىز قەسەم قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ.

 ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى