پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىگە ئالاقىدار بىر قانچە سوئاللار

سۇئال

مەن توي قىلغان بىر بالام بار، ئايالىم ھامىلدار، ئاپام ۋاپات بولۇپ كەتكەن، دادامنىڭ مەندىن باشقا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھېچ كىمى يوق، مەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ ئېلىشنى ئۈمىت قىلىمەن: 1-مېنىڭ ئادا قىلىشىم كېرەك بولغان پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى (مېنىڭ بانكىدا 1500 دىنار پۇلۇم بار).  2-مەن ئۆزۈم مېنىۋاتقان ماشىنا ۋە ئائىلە سەيمانلىرىمغا ۋە ئايالىمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالتۇن بۇيۇملىرىغا پىتىر سەدىقىسى بېرىمەنمۇ؟. دادام قېرىنداشلىرىمغا دەپ، ئۆينىڭ يېرىمىنى ئىگە بولۇش ھەققىنى مېنىڭ نامىمغا يازدۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. 3-مەن كىملەر ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىمەن؟ دادام ئۈچۈنمۇ ئادا قىلىمەنمۇ؟. 4-كىملەردىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ؟ مەن پىتىر سەدىقىسىنى باشقا يۇرتتا تۇرىۋاتقان تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشى بولمىغان تۇغقانلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. 5-زاكاتقا پۇل بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئورنىغا مال بوغۇزلاپ گۆشىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرسەك بولامدۇ؟. 6- مەن ئۇلارغا ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن پىتىر سەدىقىسىنى ھېيتتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن يەتكۈزۈپ بەرسەم بولامدۇ؟. 7- قانچىلىق مىقداردا ئادا قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاۋۋالدا شۇنى بىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ: بۇ يەردە رامىزاننىڭ ئاخىرىدا ئادا قىلىنىدىغان پىتىر سەدىقىسى بىلەن مالدىن ئايرىيدىغان زاكاتنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، پىتىر سەدىقىسى بولسا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ۋە ئۇ كىشى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ھېيت كۈنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بىر نەرسىگە ئىگە بولسا بىر سا (يەنى ئۈچ كىلوگىرام) مىقدارىدا ئادا قىلىش كېرەك بولغان سەدىقىدۇر.

   پىتىر سەدىقىسىنىڭ پەرىز بولىشى ئۈچۈن مەلۇم مىقدار مال بولۇش، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن يىل توشۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشتا بېكىتىلىدىغان شەرتلەر كېرەك بولمايدۇ.

    بۇنىڭ يەنە بىر ئىنساننىڭ مالغا، زېمىنغا ياكى ماشىنا قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىغا ئىگە بولىشىنىڭ ھېچ ئالاقىسى يوق، پىتىر سەدىقىسىنى ھەر بىر ئىنسان ئۆزى ۋە ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئادا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 12459-49632- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بۇ ۋاقىتتا سىزگە-سوئالدا بايان قىلىنغىنىڭىز بويىچە: ئۆزىڭىز، ئايالىڭىز، بالىڭىز ۋە دادىڭىز قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   ئەمما ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن، قورساقتىكى تۆرەلمىگە پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر بېرىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

   پىتىر سەدىقىسى توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز146240- 124965- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

   ئۈچىنچى: پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا: ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان نورمال يىمەكلىك بېرىش كېرەك بولىدۇ.

   شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكتىن، خورمىدىن، ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن بىر سادىن بېرەتتۇق. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكىنى بۇغداي دەپ چۈشەندۈردى، بەزى ئۆلىمالار يېمەكتىن بولغان مەقسەت: بۇغداي بولسۇن ياكى قوناق بولسۇن ياكى تېرىق ۋە باشقا نەرسە بولسۇن شۇ يۇرتتا ئاساسلىق يىمەكلىك قىلىنىدىغان نەرسىدىن ئىبارەت دەيدۇ. مانا بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى زاكات دېگەن بايلاردىن كەمبەغەللەرگە قىلىنىدىغان ياردەم بولۇپ، ئۇلارغا ئۆز يۇرتىدا ئىستىمال قىلىنمايدىغان نەرسىنى ئادا قىلىش بېكىتىلمەيدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ شۇنداقلا ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ۋە باشقا ئۆلىمالارنىڭ تاللىشىدۇر.

بۇنىڭدىن سوئالدا بايان قىلىنغانغا كۆرە، پىتىر سەدىقىسىنى نەخ پۇلدىن ئەمەس بەلكى شۇ يۇرتتا ئىستىمال قىلىش ئادەت بولغان يېمەكلىكتىن ئادا قىلىش ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.

سەدىقىنى ئادا قىلغۇچىنىڭ ئادا قىلىدىغان سەدىقىسى زاكات بولسۇن ياكى پىتىر سەدىقىسى بولسۇن ئۇنى  ئۆز ھالىتى بويىچە ئادا قىلماستىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كەمبەغەللەرگە، گۆش ياكى كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى  ئېلىپ بېرىش ھەققى بولمايدۇ. (ئېزاھات: بۇ پەتىۋا ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە چىقىرىلغاندۇر). [بۇ توغرىدا 22888-66293- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

تۆتىنچى: سىزنىڭ زاكات مېلى بولسۇن ياكى پىتىر سەدىقىسى بولسۇن ئۇنى يۆتكەپ ئۆز يۇرتىڭىزدىكى ئېھتىياجلىق تۇغقانلار ياكى باشقىلارغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، باشقا يۇرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ياخشى ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ يۇرتىدا بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر كۆپ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان يۇرتتىكى كەمبەغەللەردىن كۆرە، ئۆز يۇرتىدىكى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كەمبەغەللەرنى بەكرەك تونۇيدۇ، بۇنىڭدىن زاكات ياكى پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان يۇرتتىن ئەسلى يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى ياكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئەۋەتسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا 81122-43146- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    بەشىنچى: پىتىر سەدىقىسى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى كۈنى كۈن پاتقاندا پەرىز بولىدۇ، ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، ھاجەت بولۇپ قالسا ھېيتتىن ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن پىتىر سەدىقىسىنى ھېيتتىن بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    لېكىن ئەۋەتىدىغان مالنىڭ ھېيتتىن كېچىكىپ يېتىپ بېرىشىدىن ئەنسىرىسە، گەرچە رامىزاندىن بۇرۇن بولسىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەۋەتسە، ئىشەنچىلىك بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا، ئۇ كىشى سىزگە ۋەكالىتەن پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا 81164-27016-7175- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    مالنىڭ زاكىتى بولسا ئىلگىرى بايان قىلىنغانغا كۆرە، ئۇنىڭ رامىزان ياكى باشقا ئايلار بىلەن ئالاقىسى يوق، بەلكى مالنىڭ مىقدارى قاچان ئۆلچەمگە يەتسە، ئۇنىڭغا يىل توشسا شۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

ئەگەر يىل توشۇشقا بىر ئاي، ياكى بىر قانچە ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ۋاقىت قالغان بولسا، زاكاتنى بۇرۇنراق ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلسا ۋە شۇنى تەقەززا قىلىدىغان ھاجەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 98528- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىلگىرى 145558- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىش بىلەن پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بايان قىلىنغان.

   ئالتىنچى: نەخ پۇلغا زاكات پەرىز بولۇشتا ئىككى تۈرلۈك شەرت كېرەك بولىدۇ:   بىرىنچى: پۇلنىڭ زاكات بېرىدىغان ئۆلچەمگە يەتكەن بولىشى كېرەك.

   ئىككىنچى: ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن يىل توشقان بولىشى كېرەك.

   ئەگەر مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىكەن ئۇنىڭدا زاكات پەرىز بولمايدۇ.

    ئەگەر مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە ئۇنىڭغا يىل توشسا، يەنى ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن ھىجىرىيە ھېسابى بويىچە تولۇق بىر يىل توشسا، ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش پەرىز بولىدۇ.

    مال ئالتۇندىن 85 گىرامغا، كۈمۈشتىن 595گىرامغا يەتسە ئۇنىڭدا زاكات پەرىز بولىدۇ.  زاكات مالدىن 2.5% مىقداردا ئايرىلىدۇ.

    بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 50801-93251-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    سىزنىڭ خۇسۇسىي قوللىنىدىغان ماشىنىڭىزغا ئولتۇراق ئۆيىڭىزگە ۋە باشقا ئائىلىدە قوللىنىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا 146692- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاتىڭىزنىڭ ئۆز مۈلكىدىن مەلۇم مىقدارنى سىزنىڭ نامىڭىزغا قىلىپ بېرىشىدە گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن سىزدىن باشقا پەرزەنتلەر بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزگە بېرىپ ئۇلارنى ئايرىپ قويسا توغرا بولمايدۇ، بەلكى پەرزەنتلەر ئارىسىدا بىر نەرسە بەرگەندە ئادىللىق قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    ئەگەر باشقا قېرىنداشلىرىڭىز ئاتىڭىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئايرىپ قويۇپ سىزگە قالدۇرغان يازمىسىغا كۆڭلى قانائەت تاپسا ۋە ياكى ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاتىڭىزنىڭ سىزگە قالدۇرغان يازما ۋەسىيىتى توغرا بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى