پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال

ھەجنى مەقسەت قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كىرمەي كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان كىشى ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كەلگەندە، ئۇ جايدىن ئېھرامغا كىرىپ مېڭىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتسە، قايتىپ كېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كېيىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئۆتۈپ كېتىپ ئېھرام كىيگەن بولسا، ئۆلىمالارنىڭ مەشھۇر قارىشىدا ئۇ كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، ئۇنى مەككىدە زەبىھ قىلىپ كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىشى، كەينىگە قايتىپ ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كېلىپ ئېھرام كىيىپ مىڭىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: مەدىنە ئەھلى زۇلھۇلەيپىدىن، شام ئەھلى جۆھپىدىن، نەجدى ئەھلى قەرنى مەنازىلدىن، يەمەن ئەھلى يەلەملەمدىن ئېھرام كىيىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن كىشى قايسى ئورۇندىن ئۆتسە شۇ ئورۇندىن ئېھرام كىيىدۇ، مەدىنە تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر زۇل ھۇلەيپىدە ئېھرام كىيىدۇ، شام ياكى مىسىر ياكى ماراكەش تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر ھازىرقى رابغىغا تەۋە بولغان جۆھپىدە ئېھرام كىيىدۇ، يەمەن تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر يەلەملەمدە ئېھرام كىيىدۇ، نەجدە ياكى تائىپ تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر ھازىر"سەيل"دەپ ئاتىلىدىغان قەرنى مەنازىلدە ئېھرام كىيىدۇ، بەزى كىشىلەر بۇ جاينى "ۋادى مۇھەررەم"دەپ ئاتايدۇ، مۇشۇ جايلاردىن ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ياكى ھەر ئىككىلىسىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ.... " [ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 201-بەت].

   شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"ناملىق ئەسەر 2-توم 198-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى