جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خىزمەتچىنىڭ سوۋغىلارنى قوبۇل قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشى توغرىسىدا

تارقاتقان ۋاقىت : 09-06-2021

كۆرگۈچىلەر : 3252

سۇئال

دادام خىزمەتچى، بەزى كىشىلەر خىزمەت جەريانىدا دادامغا نەخ پۇل ياكى بەزى بۇيۇملارنى بېرىدۇ، دادام مەلۇم ۋاقىت بۇنداق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلمىدى، كېيىن بۇنداق سوۋغاتلارنى تىزدىن قوبۇل قىلىدىغان بولدى، ئۇ ماڭا: ماڭا سوۋغات بەرگەن كىشى بىلەن بەرمىگەن كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايمەن، ھەممىسىگە ئوخشاش خىزمەت قىلىمەن دەيدۇ، بىزنىڭ ئۇ مالنى خىراجەت قىلىشىمىز، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك ئىشلىرىغا ۋە تائەت-ئىبادەت يوللىرىدا سەرپ قىلىش قاتارلىق ئىشلار قانداق بولىدۇ؟، بىزلەرگە يىمەكلىك سوۋغات قىلىنسا بۇنىڭدىن يېسەك بولامدۇ؟ بىر قېتىم مېنى ئاشۇ كىشىلەردىن كىيىم-كىچەك ئىلىشقا مەجبۇر قىلدى، مەن ئاشۇ كىيىمنى كىيسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    دادىڭىزنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقىلاردىن سوۋغا-ھەدىيە قوبۇل قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇتوغىردا ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنى زاكات يېغىش ئىشىغا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ كىشى خىزمەتنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە، يىغقان نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ زاكاتقا يىغىلغان نەرسىلەر، ماۋۇلار بولسا ماڭا سوۋغا قىلىنغان نەرسىلەر دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئاپاڭنىڭ ئۆيىدە يەنى ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ قاراپ باق، ساڭا بىر نەرسە ھەدىيە قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟ دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاھ تائالانى گۈزەل مەدھىيلەر بىلەن مەدھىيىلەپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خىزمەتچىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلارنى بىز خىزمەتكە قويساق، قايتىپ كېلىپ، بۇ سىلەرگە بېرىلگىنى، ماۋۇ ماڭا سوۋغات قىلىنغىنى دەيدۇ، دادىسىنىڭ ئۆيىدە يەنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قاراپ باقسۇن، ئۇنىڭغا بىر نەرسە سوۋغات قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر نەرسىگە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى خىيانەت قىلغان نەرسىنى بوينىغا ئارتىپ كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئەگەر تۆگە بولسا، ئۇ تۆگە بوۋلاپ تۇرىدۇ، ئەگەر كالا بولسا، ئۇ كالا مۆرەپ تۇرىدۇ، قوي بولسا ئۇ قوي مەرەپ تۇرىدۇ، مەن يەتكۈزدۈم.

   ئەبۇ ھۈمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى كۆتۈردى، بىز ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولتۇقىنىڭ ئاقلىقىنىمۇ كۆردۇق. [بۇخارى رىۋايىتى6636-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1832-ھەدىس].

    دادىڭىزمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىلىقى ساھابىغا دېگەندەك: دادىسىنىڭ ئۆيىدە يەنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قاراپ باقسۇن، ئۇنىڭغا بىر نەرسە سوۋغات قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟ دېيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ سوۋغاتلارغا پەقەت خىزمەت ئورنى سەۋەبىدىن ئېرىشكەن. ئىش شۇنداق بولىدىكەن، ئۇ قىلغان خىزمىتىنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكى قىلىۋېلىش ھەققى يوق.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خىزمەتچىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتنى تولۇق ئادا قىلىشى، خىزمىتىگە ئالاقىدار بولغان ئىشلاردا باشقىلاردىن سوۋغا ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سوۋغا ئالسا ئۇنى ھۆكۈمەت مالىيىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكى قىلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش يامانلىققا ۋە ئامانەتنى بۇزۇشقا سەۋەپ بولىدۇ". [ھەرەم ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى 655-بەتتىن ئىلىندى].

    ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: خىزمەتچىلەرنىڭ سوۋغا ئېلىشى خىيانەتتۇر. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 7021-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    دادىڭىزنىڭ سوۋغات بەرگەن كىشى بىلەن بەرمىگەن كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي خىزمەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن دېگەن سۆزى بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر سوۋغات بەرمىگەن كىشىگە زىيان يەتكۈزسە بۇ ۋاقىتتا گۇناھى زىيادە بولىدۇ.

    دادىڭىزنىڭ سوۋغات بەرگەن كىشى بىلەن بەرمىگەن كىشىنى ئايرىمايمەن دەپ كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشى قاراشقا تىگىشلىك مەسىلە، سوۋغاتنىڭ قەلىبكە تەسىرى بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان دېگەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەلكىم دادىڭىز مۇشۇ سوۋغات سەۋەبىدىن سوۋغا بەرگۈچىگە مايىل بولۇپ ئۇنىڭغا ھەقلىق بولمىغان نەرسىنى بېرىۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ئىشتا ئاللاھدىن قورقۇشى، يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەتلىرىگە بېرىلمەسلىكى كېرەك، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يوق بولىدىغان تۇرسا، تاپقان نەرسىسى ھارام بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟.

   دادىڭىز ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغاتلاردىن سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ چۈنكى ئۇ ھارام مالدۇر.

    ئەمما قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ئالغان ئىش ھەققىدىن توپلانغان پۇل بولسا، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسەڭلار توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھالال مالدۇر.

    سىزنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان كىيىم-كىچەك بولسا، ئۇنى بازاردىكى نورمال باھاسى بويىچە سېتىۋالسىڭىز ھېچ گەپ يوق، ئەگەر ئۇنى سوۋغات شەكىلدە ياكى ئادەتتىكى باھاسىدىن بەك ئەرزان ئالغان بولسىڭىز، ئۇ كىيىمنى كەيمەڭ، دادىڭىزغا نەسىھەت قىلىشقا تېرىشىڭ، ھارام مالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىڭ، ئۇنىڭ شەك-شۈبھىلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالىملاردىن سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى