جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىپ قايتىدىن مىيقاتقا كېلىپ ئېھرامغا كىرسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

رىياد شەھرىدىن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆيدە ئېھرامغا كىردىم لېكىن ئايروپىلان مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى نىيەت قىلىمەن دەپ ئويلاپ نىيەت قىلمىدىم، ئەپسۇس، مەن ئايروپىلان مىيقاتقا كەلگەندە، مىيقاتقا كەلدۇق دەپ ئىلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىماپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن مىيقاتتىن نىيەت قىلالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن مەككىگە بېرىشنى مەقسەت قىلدىم، مەككىگە يىتىپ كەلگەندە، ئېھراملىق سىلىۋېتىپ ئادەتتىكى كىيىمىنى كىيىپ ماشىنا بىلەن تائىپقا يېقىن بولغان قەرنى مەنازىلغا چېقىپ، ئېھرامغا قايتىدىن كىردىم ۋە ئۆمرە قىلىشنى نىيەت قىلىپ مەككىگە قايتتىم. شۇنداقلا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلدىم، مېنىڭ بۇ شەكىلدە ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشىم توغرا بوپتىمۇ ياكى ماڭا كاپارەت كېلەمدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. ئەگەر كاپارەت كېرەك بولسا، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مىيقاتتىن ئېھرامسىز نىيەت قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن كىشى ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ماشىنا بىلەن نەجد ئەھلى ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنغا بېرىپ شۇ جايدىن ئېھرام كىيىپ نىيەت قىلىپ كېلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلماي ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ جىددىدىن ئېھرامغا كىرگەن بولسا، ئۇ كىشى ميقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بىر قوي قان كېلىدۇ، ئۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ شۇ يەردىكى  تارقىتىپ يوقسۇللارغا بىرىدۇ. ["شەيخ ئىبنى جىبرىين پەتىۋاسى". "ئىسلام پەتىۋاسى" ناملىق كىتابنىڭ 2-توم 202-بەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋا بار شۇنىڭغا قارالسۇن].

    سوئال سورىغۇچى قېرىدىشىم!، سىز مېيقاتقا قايتىپ بېرىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ توغرا قىپسىز، چۈنكى سىزنىڭ مەككىدە ئېھرامنى سېلىۋەتكەنلىكىڭىزگە بىر نەرسە كەلمەيدۇ، چۈنكى سىز ئەسلىدىلا ئېھرامنى نىيەت قىلمىغان، ئېھرامنى نىيەت قىلىش بولسا پەقەت ئېھرام كىيىمىنى كىيىشلا ئەمەس بەلكى ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى نىيەت قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ئاساسەن، سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىز توغرا بولۇپتۇ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى سىزگە ھېچ قانداق كاپارەت كەلمەيدۇ.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد