چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەرمەك ھايۋانغا ئىگە بولۇشنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

    مەن ئون ياشقا كىردىم، ئەرمەك ھايۋانغا ئىگە بولۇشنى خالايمەن، بۇنىڭ مەلۇم شەرت-قائىدىلىرى بارمۇ؟ئەگەر بولۇپ قالسا بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: بىزنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى سىزگە ئوخشاش ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى سۆيىدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك، زېرەك كېچىك پەرزەنتلىرىمىزدىن سوئال كېلىشى، بۇ ئەدەپ بىلەن ئىخچام ئۇسلۇب بىلەن سورالغان پايدىلىق مۇھىم سوئال، ئاللاھدىن سىزنى مۇھاپىزەت قىلىشنى، ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنى سىزنى گۈزەل شەكىلدە تەربىيىلەشكە تىرىشچانلىق قىلغانلارغا ياخشى مۇكاپات بېرىشنى سورايمىز.

    ئىككىنچى: ئەرمەك ھايۋانغا ئىگە بولۇش ۋە تەربىيىلەش ئىسلامدا دۇرۇس بولغان ئىش بولۇپ بۇنداق قىلسا بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئىدى، مېنىڭ ئەبۇ ئۇمەير ئىسىملىك سۈتتىن ئايرىلغان بىر قېرىندىشىم بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇنى كۆرسە: «ئى ئەبۇ ئۇمەير! قىزىل تۇمشۇق قۇچقىچىڭغا نېمە بولدى؟» دەپ ئەكىلتەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى6203-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2159-ھەدىس].

    ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن قۇشلارنىڭ بالىلىرىنى ئويناشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دۇرۇس بولغان ئويۇنلارنى ئويناشقا قويۇپ بېرىش، دۇرۇس ئىشلار بىلەن بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشى ئۈچۈن مال سەرپ قىلىش، قەپەسكە ئوخشاش نەرسىلەردە قۇش بېقىش ۋە ئۇنىڭ قانىتىنى قىرقىۋېتىشنىڭ  دۇرۇس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەبۇ ئۇمەيرنىڭ  قۇشىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى ئەمەس، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بولسا ھۆكۈمدە يەنە بىرىگە قېتىلىدۇ". ["پەتھۇلبارى" 10-توم 584-بەت].

     ئەمما ھايۋانلارنى تەربىيىلەشنىڭ شەرت ۋە قائىدىلىرىدىن:

   1-ئىگە بولىدىغان ھايۋان ئىت بولماسلىقى كېرەك، ئىسلام دىنى كۆزەتچىلىك قىلىدىغان، پادا باقىدىغان ۋە ئوۋ ئولايدىغان ئىتلاردىن باشقا ئىتلارغا ئىگە بولۇشنى ھارام قىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتى 69777- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى3225-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2106-ھەدىس].

   مۇسۇلمان كىشى ھايۋاننى بېقىش سەۋەبى بىلەن ئۆيىگە رەھمەت پەرىشتىسىنىڭ كىرمەسلىكىگە رازى بولامدۇ؟. 

   2-بۇ ئىشتا ھەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق قىلماسلىق كېرەك، بەزى ئىنسانلار مەلۇم بىر ھايۋاننى سېتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئۇنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى ئورۇنداش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ مىليونلارچە پۇل سەرپ قىلىدۇ،

    بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىسى مېلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ھايۋانغا قالدۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ، بەزى دۆلەتلەردە تۈرلۈك ھايۋانلار ئۈچۈن كۆرگەزمە، پېستىۋاللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ مال سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى دۆتلۈك ۋە ئەقىلسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر.

   3-ھايۋانغا ياخشىلىق قىلىش، مۇسۇلمان بىر ھايۋاننى باقسا ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىسسىق-سوغۇقتا قويۇش، ئاچ-ئۇسسۇز قويۇش، نىشان قىلىپ بىر نەرسە ئېتىش، ئويۇنچۇق قىلىپ ئەزىيەت بېرىپ زىيان يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تالاشقا سىلىش دېگەندەك ئىشلارغا سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى يولدا كېتىۋېتىپ بەك ئۇسساپ كەتتى، بىر قۇدۇقنى تېپىپ سۇ ئېچىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چۈشتى، ئاندىن سۇ ئېچىپ قۇدۇقتىن چىقسا بىر ئىت ئۇسسۇزلۇقتىن نەم توپىلارنى يېگىلى تۇرغىدەك، ئۇ كىشى: بۇ ئىتمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇسساپ قاپتۇ دەپ، قۇدۇققا چۈشۈپ سۇ ئالغىلى بىر نەرسە تاپالماي، ئايىغىنى يېشىپ ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ ئېلىپ چېقىپ ئىتنى سۇغاردى، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئىشىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلدى، ساھابىلاردىن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! چارۋىلارغا ياخشىلىق قىلىشتىمۇ بىزگە ئەجىر بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق ھاياتلىققا ياخشىلىق قىلساڭلار ئەجىر بولىدۇ دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى2466-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2244-ھەدىس].

   مۇئ‍مىننىڭ ھايۋانغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن قانداق ئەجىرگە ئېرىشكەنلىكىگە قاراڭ!، بەلكى ئۇ كىشى بىر ھايۋانغا ياخشىلىق قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن جەننەتكە كىردى، خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىكى ئادەمگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ.

    «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر مۈشۈكنى سولاپ قويۇپ يېمەك بەرمەي، ياكى بوش قويۇپ بېرىپ چاشقان قاتارلىق نەرسىلەرنى يېگىلى پۇرسەت بەرمەي ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئايالنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى». 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى