پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توغرىسىدا

سۇئال

 تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تالاق قىلىنغۇچى ئەگەر نىكاھ قىلىنىپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ياكى خالى جايدا بىرگە تۇرۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان بولسا، ئۇ ئايالغا ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، تالاق قىلىنىشى بىلەنلا ئىددەت تۇتماستىن باشقا بىرى بىلەن توي قىلسا توغرا بولىدۇ، ئەگەر نىكاھتىن كېيىن بىرگە بولغان بولسا ياكى خالى جايدا بىرگە تۇرغان بولسا، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا ئۇ ئايالغا ئىددەت كېتىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى مۇنداق بولىدۇ:

     بىرىنچى: ئەگەر تالاق قىلىنغان ئايال ھامىلدار بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن بالىسىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئەگەر ئەتتىگەندە تالاق قىلىنىپ چۈشتىن كېيىن بالىسىنى تۇغقان بولسا شۇنىڭ بىلەن ئىددىتى ئاخىرلىشىدۇ، بەزى ۋاقىتتا مۇھەررەم ئېيىدا تالاق قىلىنغان بولسا زۇلھەججە ئېيىدا تۇغقان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى ئون ئىككى ئاي بولغان بولىدۇ، مۇھىمى ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى قانداق بولسۇن بالىسىنى تۇغقىچىلىك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  وَأُولاتُ الأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَنْ يَضَعْنَ حَمْلَهُنّ ‏ تەرجىمىسى: «ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ» [سۈرە تالاق 4 -ئايەت.]

    ئىككىنچى: ئەگەر تالاق قىلىنغۇچى ئايال ھامىلدار بولماستىن ھەيز كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى تالاق قىلىنغاندىن كېيىن تولۇق ئۈچ ھەيز بولىدۇ، يەنى بىر قېتىم ھەيز كۆرىدۇ، ئاندىن پاك بولىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ھەيز كۆرىدۇ ئاندىن پاك بولىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ھەيز كۆرىدۇ ئاندىن پاك بولىدۇ، بۇ تولۇق ئۈچ ھەيزدۇر، ئۇ ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى مۇددەت ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئوخشاش. مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، بىر ئايال بالا ئېمىتىۋاتقاندا تالاق قىلىنغان بولسا، ئۇ ئايالدىن ھەيز كەلمەي ئىككى يىلدىن كېيىن كەلگەن بولسا، ئۇ ئايالدىن تولۇق ئۈچ قېتىم ھەيز كەلمىگۈچە ئىددىتى تۈگىمەيدۇ، مۇھىمى، ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن چوقۇم ئۈچ قېتىم ھەيزكۆرىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەنوَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلاثَةَ قُرُوءٍ ‏ تەرجىمىسى: «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ.»[سۈرە بەقەرە  228 ئايەت].

    ئۈچىنچى: يېشىنىڭ كېچىكلىكىدىن ھەيز كۆرمىگەن ياكى ياشىنىپ قىلىپ ھەيزدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاللَّائِي يَئِسْنَ مِنَ الْمَحِيضِ مِن نِّسَائِكُمْ إِنِ ارْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَاثَةُ أَشْهُرٍ وَاللَّائِي لَمْ يَحِضْنَ  تەرجىمىسى: «ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن(يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر» [سۈرە تالاق 4-ئايەت.]

    تۆتىنچى:  مەلۇم بىر سەۋەپتىن ھەيز كۆتۈرلۈپ كەتكەن بولسا، قايتىدىن ھەيز كۆرمەيدىغانلىقى بىلىنگەن بولسا، بەچچىدىنى ئېلىۋىتىلگەن بولسا، بۇ ھەيزدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئايالغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنداق ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

    بەشىنچى: ھەيزى كۆتۈرلۈپ كېتىپ، ئۇ ئايال نېمە سەۋەپتىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلسە، كۆتۈرلۈپ كەتكەن ھەيز قايتقانغا قەدەر كۈتىدۇ، ھەيز  بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ.

    ئالتىنچى:  ھەيزى كۆتۈرلۈپ كېتىپ، نېمە سەۋەپتىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمىسە، ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، تولۇق بىر يىل ئىددەت تۇتىدۇ، توققۇز ئاي ھامىلدارلىق، ئۈچ ئاي ھەيز ئۈچۈن بولىدۇ، مۇشۇ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ تۈرلىرىدۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ" مۇسۇلمان ئائىلىسىگە مۇھىم بولغان سوئاللارنىڭ مەجمۇئەسى"  61 - 63 -بەت.]