پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار توغرىسىدا

سۇئال

   كىيىمىمنى ئالماشتۇرسام بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزىلامدۇ؟، بۇ ھۆكۈمدە ئەر-ئايال ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىر كىشى تاھارىتى بولغان ھالەتتە كىيىمىنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار يۈز بەرمىسە تاھارىتى سۈنمايدۇ. كىيىم ئالماشتۇرۇش تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭدا ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

   1-ئالدى-ئارقا ئىككى يولدىن كەلگەن چوڭ-كېچىك تەرەت ۋە يەل قاتارلىقلار. ئەمما ئايالنىڭ جىنسى يولىدىن يەل چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

   2-بەدەننىڭ ئالدى-ئارقا ئىككى يولدىن باشقا جايلىرىدىن چوڭ-كېچىك تەرەت چىقسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ.

   3-ئەقىلنى يوقۇتۇش ، بۇ ياكى پۈتۈنلەي ئەقلىنى يوقۇتۇش ساراڭ بولۇپ قىلىش ياكى ئۇيقۇ، ھوشسىزلىق، مەستلىك قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بولغان ۋاقىتلىق ئەقىلنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

   4-ئەۋرىتىنى ئىشتاننىڭ ئىچىدىن سىلاش. بۇسرە بىنتى سەپۋاندىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ خىنىم مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەۋرىتىنى سىلىغان كىشى تاھارەت ئالسۇن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى "تاھارەت" بابى 154-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 166- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   5-تۆگە گۆشى يېيىش، جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: تۆگە گۆشى يېسەك تاھارەت ئالىمىزمۇ؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھە-ئە» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى "ھەيز" بابى 539-ھەدىس].

    شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى! ئايالنىڭ بەدىنىنى سىلىغان بولسا شەھۋەت بىلەن سىلىسۇن ياكى شەھۋەتسىز سىلىسۇن بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، لېكىن سىلاش نەتىجىسىدە بىر نەرسە چىقسا ئاندىن تاھارەت بۇزۇلىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: " شەرھىل مۇمتىئ" 1-توم 219-250-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5-توم 264-بەت.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد