سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

رىزىقنىڭ زىيادە بولىشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان مەخسۇس ناماز بارمۇ؟

سۇئال

ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئوقۇيمەن، ھەر بىر رەكئ‍ەتتە بىر قېتىم پاتىھەنى، بىر قېتىم تەۋھىد كەلىمىسىنى ئوقۇيمەن. رۇكۇ، سەجدىنى ئۇزۇن قىلىمەن، نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن:  ئى ماجىد، ئى ۋاھىد، ئى كەرىم، مەن سېنىڭ رەھمەت پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ساڭا يۈزلىنىمەن. ئى مۇھەممەد! ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! مەن سەن بىلەن مېنىڭ، سېنىڭ ۋە بارلىق نەرسىلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا يۈزلىنىمەن. ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلىشىڭنى سورايمەن. مەن سەندىن تۈرمۇشۇمغا ياردەم بولغىدەك، قەرزىم ئادا بولغىدەك، ئەھۋالىم ياخشى بولغىدەك كەڭرىي رىزىق، ئاسانچىلىق ۋە سېنىڭ ئېسىل ئاتا-ئېھسانلىرىڭنى سورايمەن؟ بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  سەھىھ ھەدىسلەردە رىزىقنىڭ زىيادە بولىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇلىدىغان ناماز يوق، سوئالدا سۈپەتلەنگەن ناماز بولسا ئىسلام شەرىئىتىدە يولغا قويۇلمىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلى رۇخسەت قىلمىغان چەكلەنگەن بىدئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىدئەت نامازدۇر. ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائەت ئالىملىرى ئېيتىدۇ:  ساھابىلاردىن ئىسپاتلانمىغان ھەر قانداق سۆز، ھەرىكەتلەر بىدئەتتۇر، چۈنكى ئەگەر ئۇ ياخشى ئىش بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنى بىزدىن بۇرۇن ئادا قىلغان بولاتتى، ئۇلار ھەرقانداق ياخشى ئىش بولىدىكەن ئۇنى ئادا قىلىشقا ئالدىرايتتى". [تەپسىر ئىبنى كەسىر" 7 -توم 278-279 -بەتلەر].

    شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى دەۋرىدە ئىبادەت ئورۇنلىرىدا مەيدانغا كەلگەن بىدئەتلەر ئىنتايىن كۆپ، ئىبادەتتىكى ئەسلى قائىدە دەلىلگە توختالغان بولۇپ، ئىبادەت پەقەت دەلىلگە كۆرە باشلىنىدۇ، دەلىل بولمايدىكەن ئۇ بىدئەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىبادەتتە بىز بۇيرۇمىغان بىر ئىشنى قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ھازىر دەلىلى يوق قىلىنىۋاتقان ئىبادەتلەر بەك كۆپ. ["كىتاب تەۋھىد" 160 -بەت.]

    ئىككىنچى: شۇنىڭغا ئاساسەن نامازدىن كېيىن دۇئا قىلغۇچىنىڭ:  مەن سېنىڭ رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ساڭا يۈزلىنىمەن. ئى مۇھەممەد!  ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! مەن سەن بىلەن مېنىڭ، سېنىڭ ۋە بارلىق نەرسىلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا يۈزلىنىمەن دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس. بۇ چەكلەنگەن بىدئەت ۋەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

    كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋە باشقا ۋاپات بولغانلاردىن زىياننى دەپئى قىلىش ۋە مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلسا، بۇ ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كەتكەن چوڭ شېرىكىنى كەلتۈرگەن مۇشرىك بولىدۇ. بۇ كىشى تىزدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە 112131-ۋە 114142 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئۈچىنچى: بۇ يەردە رىزىقنىڭ زىيادە بولىشى ئۈچۈن يوللۇق سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، شەرئى سەۋەپلەرنى تۇتۇش بىلەن ئۇنى تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك، ئۇ سەۋەپلەردىن:

   -ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا * يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا * وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا  تەرجىمىسى: «ئۇلارغا ئېيتتىم:  پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ». [سۈرە نۇھ 10-11-12- ئايەتلەر]

   -سىلە رەھىمنى ئۇلاش.  ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رىزىقنىڭ كەڭرىي بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ياخشى كۆرگەن كىشى سىلە رەھىم قىلسۇن» . [بۇخارى رىۋايىتى 2067 – ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2557 -ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  رىزىقنىڭ كەڭرىي بولىشى دېگەن رىزقىدا بەرىكەت بولىشى دېمەكتۇر".

    -سەدىقە-ئېھساننى كۆپ قىلىش.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، ) ئاللاھنىڭ يولىدا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر». [سۈرە سەبە 39 -ئايەت.]

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتمەيدۇ» [ مۇسلىم رىۋايىتى2588  -ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە ئىككى يول زىكىر قىلىندى:  بىرى:  سەدىقە قىلغۇچىغا بەرىكەت بېرىلىغانلىقى، ئۇ كىشىدىن زىيانلىق ئىشلار دەپئى قىلىنىدىغانلىقى، مەخپى بەرىكەت بىلەن ئەمەلىي كېمەيگەنلىك تولۇقلىنىدۇ، بۇ ھېس-تۇيغۇ ۋە ئادەت بىلەن بىلىنىدۇ.

    ئىككىنچىسى:  كۆرۈنۈشتە كېمەيگەندەك قىلسىمۇ ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋاپ بىلەن كەمچىللىك تولۇقلىنىدۇ، نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ زىيادە قېلىنىدۇ.

   -ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا * وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ  ‏تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.» [سۈرە تالاق  2-3-ئايەتلەر].

    بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇپ ھەج-ئۆمرە قىلىش. ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەج بىلەن ئۆمرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇپ قىلىڭلار، خۇددى كۆرەك تۆمۈرنىڭ، ئالتۇننىڭ ۋە كۈمۈشنىڭ داتلىرىنى يوق قىلغاندەك، بۇ ئىككىسى پېقىرلىقنى ۋە گۇناھنى يوق قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 810- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

   -دۇئانى كۆپ قىلىش.  ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بەرگەن ۋاقىتتا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، پاك رىزىق، قوبۇل بولىدىغان ئەمەلنى سورايمەن». [ ئىبنى ماجە  رىۋايىتى 925-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى