شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تەيەممۇمنى قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىنسان سۇ تاپالمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغاندا تەيەممۇمنى قانداق شەكىلدە قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەيەممۇمنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى كىتابىدا بىر قانچە ئورۇندا كەلتۈرگەن. مۇشۇ رىۋايەتلەردىن بىرى "پەتھۇلبارى" 1-توم 455-بەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ساڭا مۇنداق قىلساڭ كۇپايە قىلىدۇ دەپ ئىككى ئالقىنى بىلەن زېمىنغا ئۇرۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قولىنى پۈدىۋىتىپ، ئىككى قولى بىلەن ئىككى ئالىقىنىنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى سىلىدى».

     ئەبۇ دۈۋۇد "ئەۋنىل مەبۇد" 1-توم 515-بەت 317-ھەدىستە بۇخارىنىڭ ئىسنادى بىلەن كەلتۈرۈپ، پەقەت بۇخارىينىڭ ئۇستازى" مۇھەممەد بىن سالام" نىڭ ئورنىغا مۇھەممەد بىن سۇلايمان ئەنبارىنى كەلتۈرگەن.

    ھاپىز بىن ھەجەر "ئەت تەقرىيب" 2-توم 167-بەتتە ئۇ كىشىنى "راستچىل" دېگەن، ئۇ كىشىدىن بايان قىلىنغان ئىسنادتىكى لەپزى: «قولىنى زېمىنغا ئۇردى، قولىنى سىلكىۋەتتى، ئۇنىڭدىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، ئوڭ قولى بىلەن سول ئالقىنىنى سىلىدى، ئۇنىڭدىن كىيىن يۈزىنى سىلىدى».

    ھاپىز بىن ھەجەر "پەتھۇل بارى" 1-توم 457-بەتتە ئىسمائىلدىن بۇ لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلغان: «ھەقىقەتەن ساڭا ئىككى قولۇڭنى زېمىنغا ئۇرۇش ئۇنىڭدىن كېيىن قولۇڭنى سىلكىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن سول قولۇڭنى، سول قولۇڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈڭنى سېلىساڭ كۇپايە قىلاتتى» دېگەن.

    شەنقىتىي"ئەزۋائۇل بايان" 2-توم 423-بەتتە بۇخارىنىڭ بۇ ھەدىستىكى رىۋايىتىدە ئىككى قولىنى يۈزىدىن بۇرۇن سىلاش دەپ كەلگەن دەيدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 425-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇخارىنىڭ يۈزىنى سېلاشتىن ئىلگىرى ئالىقىنىنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى"دېگەن رىۋايىتى ئوچۇقتۇر.

    يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا: «ئالىقىنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى» دېگەن رىۋايەتمۇ ھەر بىر قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن يەنە بىر قولىنى سېلىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.

   يەنە"پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 425-بەتتە: لېكىن بۇخارى يالغۇز رىۋايەت قىلغان لەپزىدە: «يۈزىنى سېلاشتىن ئىلگىرى ئىككى ئالىقىنىنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى دېگەننى ئوچۇق بايان قىلىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 422-427-بەتلەرگە قارالسۇن].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: تەيەممۇم قىلغۇچى: بىسمىللا دەپ تەيەممۇمنى نىيەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئالقىنىنى زېمىنغا بىر قېتىم ئۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن سول قولىنىڭ ئۈستىنى سىلايدۇ، سول قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ ئۈستىنى سىلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى سىلايدۇ، تەيەممۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد