جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولدى.

   ئىمام ئەھمەد ۋاجىپ دېگەن ۋە بۇ قاراشقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قېلىنغان بۇ ھەدىسنى دەلىل قلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى تاھارەت بولمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى25-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن."ئەلمۇغنى" 1-توم 145-بەتكە قارالسۇن].

   كۆپچىلىك ئالىملار ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىش ۋاجىب ئەمەس بەلكى تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدىن دەپ قارايدۇ.

    ئۇلار بۇنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىگە بۇ دەلىللەرنى كەلتۈردى:

   1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە تاھارەت ئېلىشنى تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سېنى بۇيرىغاندەك تاھارەت ئالغىن». [تىرمىزى رىۋايىتى 302-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 247-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە ئىشارەت قېلىدۇ: يٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ  تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

 ئاللاھ تائالانىڭ تاھارەت توغرىسىدىكى ئەمرىدە بىسمىللاھ دەڭلار دېگەن سۆز يوق. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەلمەجمۇ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 346-بەتكە قارالسۇن].

   بۇ ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە 856-نومۇرلۇق ھەدىستە، تاھارەتتە بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە بۇنىڭدىن روشەن ۋە مۇكەممەل لەۋزى بىلەن كەلگەن.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەتنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغاندەك، يۈزنى يۇيۇپ، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇپ، بېشىغا مەسىھ قىلىپ ۋە ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقىغىچە قېتىپ يۇيۇپ كامىل ئالمىغۇچە ئۇنىڭ نامىزى تامام بولمايدۇ...».

    بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىسمىللاھ دېيىشنى زىكىر قىلمىدى، بۇ تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  [بەيھەقىينىڭ"سۈنەن ئەلكۇبرا" ناملىق ئەسىرى 1-توم 44-بەتكە قارالسۇن].

  2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالغان تاھارىتىنى سۈپەتلىگەن نۇرغۇن  ساھابىلار، تابىئىنلار ئۇنىڭدا بىسمىللاھ بېيىشنى زىكىر قىلمىدى. ئەگەر ۋاجىپ بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە زىكىر قىلغان بولاتتى. ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 130-بەتكە قارالسۇن].

   خەرقى ۋە ئىبنى قۇدامىگە ئوخشاش كۆپچىلىك ھەنبەلى ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ["ئەلمۇغنى" 1-توم 145-بەت ۋە "ئەلئىنساپ" 1-توم 128-بەتكە قارالسۇن].

   زامانداش ئۆلىمالاردىنمۇ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين قاتارلىقلار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) بۇ قاراشنى تاللىغان. ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى"2-توم 39-بەت. "شەرھىل مۇمتى" 1-توم 130- بەت ۋە 300-بەتكە قارالسۇن].

   ئۇلار تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلغان ھەدىسكە ئىككى تۈرلۈك جاۋاپ بەردى:

   بىرىنچى: ئۇ ھەدىس زەئىپ، مەزكۇر ھەدىسنى زەئىپ دېگەن ئۆلىمالار: ئىمام ئەھمەد، بەيھەقىي، نەۋەۋىي ۋە بەززار قاتارلىق ئالىملار زەئىپ دېگەنلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 

   ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا:" بۇ ھەدىستە بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمايدۇ. ئۇ توغرىدا ئىسنادى ياخشى بولغان بىر ھەدىس بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن دەيدۇ". ["ئەلمۇغنى" 1-توم 145-بەت. بەيھەقىينىڭ"سۈنەن ئەلكۇبرا" 1-توم 43-بەت. نەۋەۋىينىڭ" ئەلمەجمۇ" 1-توم 343-بەت. ئىبنى ھەجەرنىڭ"تەلخەيس ئەلھەبىير" 1-توم 72-بەتكە قارالسۇن].

   ئىككىنچى: ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولغاندىمۇ ئۇنىڭ مەنىسى: كامىل تاھارەت يوق دېگەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ تاھارىتى توغرا بولمايدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. [نەۋەۋىينىڭ" ئەلمەجمۇ" 1-توم 347-بەت،"ئەلمۇغنى" 1-توم 146-بەتكە قارالسۇن].

   مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: ھەدىس سەھىھ بولسىمۇ، بۇ بىسمىللاھ دېيىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى، ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر بىر مۇسۇلمان بىسمىللاھ دېمەي تاھارەت ئالغان بولسا تاھارىتى توغرا بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى سۈننەتنى ئادا قىلىشنىڭ ساۋابىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشنى تەرك قىلماسلىق مۇھىمدۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى