پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چېش ياسىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىنساننىڭ ئاستىن تەرەپ چېشلىرى ئۇششاق، بىر-بىرىگە كېرىشىپ كەتكەن، قىڭغىر بولسا، شۇنىڭدەك ئۈستۈن تەرەپ چېشلىرىمۇ ئالدىغا پولتىيىپ چىققان بولسا، بۇ چېشلارنى تۈزلەپ ئورنىغا چېش سالدۇرۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ چېشلارنى قوراشتۇرغاندا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن بەزى چېشلارنى تارتىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، چېشنى كۈچەيتىدىغان ماددىنى ئاجىرتىۋەتكەندىن كېيىن تۆمۈرنى چېڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان ماددىنىڭ ئېزىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چېشىنى راھەتلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شەيخ پەۋزاندىن چېش ياسىتىش توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق  دېگەن: "ئەگەر چېشلىرىنىڭ ئارىسى كاۋاك، كوماك بولۇپ ئۇنى تۈزەلتىشكە ئېھتىياجلىق بولسا چېشىنى ياساتسا بولىدۇ، ئەمما چېشىنى ياسىتىشقا ھېچقانداق ئېھتىياج يوق تۇرۇپ ياساتسا توغرا بولمايدۇ،  بەلكى چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئىكەكلەپ ئايرىپ تەكشىلەشتىن چەكلەنگەن، بۇنداق قىلغان كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، چۈنكى سەۋەپسىز بۇنداق قىلىش  ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەبىئى شەكىلنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەمما داۋالىنىش، ياكى كوماك چېشنى ئېلىۋېتىپ يېڭى سىلىش قاتارلىق ھاجەتلەر بولسا، بىر نەرسە يېگەندە چاينىيالماسلىق ۋە چېشلىرىنىڭ ئارىسىغا يېمەكلىك كېرىۋېلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن چېشلىرىنى ياساتسا توغرا بولىدۇ.

     ئارتۇق چېشنى ئالدۇرىۋېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ توغرىدا شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: " ئارتۇق چېشنى تارتىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆرۈنىشىنى سەتلەشتۈرىدۇ، چېشلارنىڭ ئارىسىنى تارلاشتۇرىدۇ، ئەمما چېشلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ ئىكەكلەپ گۈزەللىشىش توغرا بولمايدۇ.

مەنبە: "مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار" ناملىق ئەسەر 1-توم 477-بەت