پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

كەبىنىڭ يوپۇقلىرىنى، قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   كەبىنىڭ يوپۇقلىرىنى، ھەجەر ئەسۋەدنى ۋە قۇرئان كەرىمنى سۆيۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   زېمىندا ھەجەر ئەسۋەدتىن باشقا ھەر قانداق بىر جاينى سۆيۈش بىدئەتتۇر، ئەگەر سۈننەتكە ئەگىشىش بولمايدىغان بولسا ئەلۋەتتە ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈشمۇ بىدئەت ھېسابلىناتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: «مەن سېنىڭ ھېچ بىر پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىنىڭ بىلىمەن، ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام مەنمۇ سېنى سۆيمەيتتىم»، شۇنىڭ ئۈچۈن كەبىنىڭ يوپۇقلىرىنى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆجرا ئۆيلىرىنى ياكى رۇكنۇل يەمانىينى ياكى قۇرئان كەرىمنى سۆيۈش  ۋە بەرىكەت يۈزىسىدىن سىلاشمۇ توغرا بولمايدۇ، بۇ نەرسىلەر پەقەت ئىبادەت يۈزىسىدىن سېلاشقا بولىدۇ. 

مەنبە: الشيخ محمد بن صالح العثيمين رحمه الله