سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

خىزمەتچىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ زاكىتى توغرىسىدا

سۇئال

مەن سەئۇدىيدا ئايدا ئىككى مىڭ(2000) رىيالدىن ئايلىق ئىشلەيدىغان خىزمەتچى، ئائىلەمنىڭ ھەممىسى ماڭا تايىنىدۇ، ئۇلارنىڭ چېقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى مەن ئالغان ئىش ھەققىمدىن بېرىمەن، مېنىڭ ئايالىم، بىر قىزىم، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم ۋە ھەمشىرىلىرىم بار، ئۇلارغا نەپىقە قىلىپ بېرىمەن. سوئالىم: مېنىڭ ئىقتساد مەنبىيىم پەقەت ئايدا ئالىدىغان ئىش ھەققىم تۇرسا، مېلىمنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمەن؟، ئالغان ئىش ھەققىمنىڭ ھەممىسى ئائىلىگە سەرپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلۇمنىڭ زاكىتىنى قاچان بېرىمەن؟، بەزى كىشىلەر: ئايلىق پۇل دېگەن زىرائەتكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا يىل توشۇش ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قاچان ئىش ھەققىنى ئالسا، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايلىق ئىش ھەققى ئالىدىغان كىشى ئالغان پۇلىنى ئاي ئاخىرلاشقۇچە سەرپ قىلىپ بولۇپ قولىدا ساقلىغۇدەك بىر نەرسە قالمىسا، پۇلنىڭ ھەممىسى تۈگىسە بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى زاكات ۋاجىپ بولۇش ئۈچۈن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇلغا بىر يىل بولىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئاساسەن، سىزنىڭ ئالغان پۇلىڭىزغا زاكات كەلمەيدۇ، ئەمما زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مال توپلاپ ئۇنىڭغا بىر يىل توشقاندا ئاندىن زاكات كېلىدۇ. ئەمما: ئايلىق پۇل دېگەن زىرائەتكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا يىل توشۇش شەرت قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قاچان ئىش ھەققىنى ئالسا، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن سۆز توغرا ئەمەس.

    ئايلىق ئىشلەيدىغان كىشىلەر كۆپ بولۇپ ئۇلارغا ئايلىق پۇلىدىن زاكات چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

    خىزمەتچىنىڭ ئايلىقىنىڭ زاكىتى: خىزمەتچى ئۈچۈن ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن ئىككى ھالەت بولىدۇ:

   بىرىنچى: ئىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىدۇ، ھېچ نەرسە ئاشمايدۇ، بۇنداق كىشىگە زاكات كەلمەيدۇ.

   ئىككىنچى: ھەر ئايدا ئىش ھەققى ئالغاندا مەلۇم مىقداردا پۇل ئىقتىساد قىلىدۇ، بەزى ئايدا كۆپ بولىدۇ، يەنە بەزى ئايدا ئاز بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە زاكاتنى قانداق ھېسابلايدۇ؟.

    جاۋاپ: ئەگەر ئىنسان ئۆز ھەققىنى تەكشۈرۈپ زاكات ھەقلىق بولغان كىشىگە ئۆز مېلىدىن پەقەت زاكات ۋاجىپ بولغان قىسمىنى بېرىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ كىرىمى ئۈچۈن بىر جەدۋەل تۇرغۇزۇشى كېرەك، مالغا ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ يىل توشقىچە ئارىلىقتىكى مەبلەغلەرنى ئايرىم-ئايرىم جەدۋەلگە قويۇپ ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ يىل توشقاندا ھەر بىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىم-ئايرىم ئايرىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر كۆڭلى راھەت، كەڭرىچىلىك يولىدا مېڭىپ، زاكات بېرىدىغان كىشىلەردىن كەمبەغەلنىڭ ۋە باشقا تۈردىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلسە، ئەۋۋەلدە ئىگە بولغان مالغا يىل توشقاندا، بارلىق ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىشى ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا، دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، كۆڭلى راھەتلىنىدۇ، پېقىر-مىسكىن ۋە باشقا تۈردىكىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا بەك رىئايە قىلغان بولىدۇ، يىل توشقاندا مەبلەغنىڭ زاكىتى ئادا بولغان بولىدۇ، يەنى يىل توشمىغان مەبلەغنىڭ زاكىتىمۇ ئالدىن ئادا قىلىنغان بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 280-بەت].

    بۇنىڭ مىسالى: مۇھەررەم ئېيىدا ئايلىق ئىش ھەققىنى ئىلىپ بۇنىڭدىن مىڭ (1000) مىڭ رىيالنى ساقلاپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن سەپەر ئېيىدا ئاندىن باشقا ئايلاردا.... ئىككىنچى يىلى مۇھەررەم ئېيى كەلگەندە، يېنىدىكى بارلىق مالنى ھېسابلاپ ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد