جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خۇلئى تالاق ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى بىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   خۇلئى تالاق دېگەن نېمە؟، ئۇنىڭ توغرا يولى قايسى؟، ئەر ئايالىنى تالاق قىلىشقا ئۇنىمىسا تالاق چۈشەمدۇ؟. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئايال ئېرىدىن سۆيۈنمىسە (بەزى ۋاقىتتا ئېرى دىندار بولسا) مېنىڭ ئەركىنلىكىم بار دەپ ئۆزىنى تالاق قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   خۇلئى تالاق دېگەن: ئايالنىڭ مال بېرىپ ئايرىلىشى، ئەرنىڭ مالنى ئېلىپ ئايالىدىن ئايرىلىشى بولۇپ، ئايالنىڭ قايتۇرغىنى ئېرى دەسلەپتە بەرگەن تويلۇق مېھرى بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز-كۆپ بولسۇن ئوخشاشتۇر.

   خۇلئى تالاقنىڭ ئەسلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدىن ئېلىنغان: وَلا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئاً إِلا أَنْ يَخَافَا أَلا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 229-ئايەت].

    بۇنىڭ ھەدىستىن بولغان دەلىلى: سابىت ئىبنى قەيس بىن شەماس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ : ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سابىت ئىبنى قەيسنى دىن ۋە ئەخلاقىدا ئەيىبلىمەيمەن، لېكىن مەن ئىسلامدا ئېرىگە تۇزكور بولۇشتىن قورقىمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئۇنىڭ سىزگە تويلۇق ئۈچۈن بەرگەن بېغىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟» دېدى، ئۇ ئايال: بولىدۇ، قايتۇرۇپ بىرەي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت ئىبنى قەيسكە: «بېغىڭنى ئىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغىن» دېدى. [بۇخارى  رىۋايىتى 5273-ھەدىس].

   ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدىن ئايال ئېرى بىلەن بىرگە ياشاشقا تاقەت قىلالمىسا، ئىش ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ خۇلئى يولى بىلەن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ بەلكى بۇنىڭغا بۇيرىدى دېگەن ھۆكۈمنى ئالدى.  

    بۇنىڭ شەكلى: ئەر بەرگەن مالنى ئالىدۇ، ياكى ئىككەيلەن ئۇنىڭغا ئىتتىپاق كېلىدۇ، ئاندىن ئايالىغا: سىزدىن ئايرىلدىم ياكى سىزدىن خالى بولدۇم دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.

     تالاق ئەرنىڭ ھەققىدىن بولۇپ، بۇنى ئەر قىلالايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن تالاق ئەرنىڭ ھەققىدۇر». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2081-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"ناملىق ئەسەردە 2041-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار: زۇلۇم قىلىنىپ ئايالىنى تالاق قىلىشقا مەجبۇرلانغان كىشى ئايالىنى مەجبۇرى تالاق قىلسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق  بولمايدۇ دېگەن. ["مۇغنى" 10-توم 352-بەت].

     ئەمما ئايال دىمۇكراتىيە قانۇنى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى تالاق قىلىۋالدى دېگەن سۆز، خۇددى ئۇ ئايالغا ئېرىنى ياقتۇرمىغانلىق، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشقا تاقەت قىلالمىغانلىقتىن، ياكى ئۇ كىشىنىڭ پاسىق، گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دىنىنى ئۆچ كۆرگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبىدىن تالاق تەلەپ قىلىشى  توغرا بولىدۇ، لېكىن بۇ ھالەتلەردە ئۇ كىشى بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئەمما ھېچ سەۋەبسىز تالاق تەلەپ قىلغان بولسا، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتە مەھكىمىنىڭ تالاق قىلغانلىق ھۆكمى شەرئى تالاق ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئايال ئۇ ئەرنىڭ ئايالى بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئايال قانۇن ئالدىدا تالاق قىلىنغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئىددىتى توشقاندا توي قىلىدۇ، ئۇ ئايال ھەقىقەتتە تالاق قىلىنغان ئەمەس بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىدۇر.

    شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دېگەن: "بىز ھازىر قىيىنچىلىقتا، ئۇ ئايالنىڭ ئەرنىڭ نىكاھ دائىرىسىدە قىلىشى ئۇ ئايالنى يەنە بىر ئەر بىلەن توي قىلىشتىن چەكلەيدۇ، كۆرۈنۈشتە مەھكىمىنىڭ ھۆكمى بىلەن تالاق ھېسابلىنىدۇ، ئىددىتى ئاخىرلاشسا توي قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى كىشىلەر ئارىغا چۈشۈپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىم، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئايال شەرئى يول بىلەن ئايرىلىش ئۈچۈن ئەرگە خۇلئى قىلىشى ئۈچۈن مال بېرىشى كېرەك." ["ئوچۇق سۆھبەت" 54-سان، 3-توم 174-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى