پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بۇ يىللىق رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېچىكتۈرۈپ يەنە بىر رامىزان كېرىپ قالغان بولسا قانداق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   رامىزاندا ئادەت كۆرۈش سەۋەبىدىن بىر قانچە كۈن روزا تۇتالمىدىم، بۇنداق ئىش بىر قانچە يىل تەكرار بولدى، ھازىرغىچە بۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى تۇتالمىدىم، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇجتەھىد ئىماملار رامىزاندا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن روزا تۇتالمىغان كىشىنىڭ قازا روزىسىنى كېلەر يىلى رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. ئۇلار بۇ قارىشىغا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى: «مېنىڭ رامىزاندا تۇتالماي قالغان قازا روزام بولۇپ، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى پەقەت شەبان ئېيىدا ئادا قىلالايتتىم، ئۇنداق بولىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شەبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1950-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى4611-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەباندا ئادا قىلىشقا ھېرىس بولىشىدىن قازا رامىزاننى يەنە بىر رامىزان كېرگۈچە كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

   ئەگەر قازا روزىنى كېچىكتۇرۇپ يەنە بىر رامىزان كېرىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا مۇنداق ئىككى ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

    بىرىنچى: ئۈزۈر بىلەن كېچىكتۈرۈش، كېسەل بولۇپ كېسەللىكى داۋاملىشىپ يەنە بىر رامىزان كېرىپ قالغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە كېچىكتۈرگەنگە گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك، ئۇ كىشىگە پەقەت قازاسى كېلىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭلا قازاسىنى قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: ھېچ قانداق ئۈزۈرسىز كېچىكتۈرىدۇ، قازا روزىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيتى تۇرۇپ ئادا قىلماي يەنە بىر رامىزان كېرىپ قالىدۇ. بۇ كىشى قازا روزىنى ئادا قىلىشنى ئۈزۈرسىز كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. مۇجتەھىد ئىماملار ئۇ كىشىنىڭ قازا روزىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. لېكىن ئۇ كىشىگە روزىنىڭ قازاسىنىڭ ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرەمدۇ ياكى بەرمەمدۇ؟ دېگەندە پەرقلىق قاراشتا بولدى.

   ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەد ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، ئۇلار بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كەلگەن ئەسەرنى دەلىل قىلدى.

   ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ: ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە يېمەك بېرىش ۋاجىپ بولمايدۇ دېگەن قاراشتا بولدى.

    ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشقا ئاللاھ تائالانىڭ رامىزاندا روزا تۇتالمىغان كىشىنى پەقەت ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى يېمەك بېرىشنى زىكىر قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ئايەتنى دەلىل قىلدى: وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت. "ئەلمەجمۇ" 6-توم 366-بەت ۋە "ئەلمۇغنى"4-توم 400-بەتكە قارالسۇن].

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئىككىنچى قاراشنى تاللاپ، سەھىھ كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ئىبراھىم نەخەئىي مۇنداق دەيدۇ: قازا روزىسى بار كىشى سەل قاراپ ئادا قىلماي يەنە بىر رامىزان كەلگەن بولسا، كېيىن شۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ يېمەك بەرمەيدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن مۇرسەل كەلگەن رىۋايەتتە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇمادىن كەلگەن ئەسەردە يېمەك بېرىدۇ دەپ زىكىر قىلىنغان.

   ئاندىن ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا يېمەك بېرىشنى زىكىر قىلمىغان: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.»

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ يېمەك بېرىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھۆججەتلىكىگە قارىساق، قۇرئاننىڭ كۆرۈنىشىگە خىلاپ بولسىمۇ، بۇ يەردە قۇرئاننىڭ كۆرۈنىشىگە خىلاپ ھالەتتە يېمەك بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پەقەت تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى تۇتۇشنى ۋاجىپ قىلدى، ئۇنىڭدىن كۆپنى ۋاجىپ قىلمىدى، ئاللاھ تائالا بەندىسىگە لازىم قىلمىغان ئىشلارنى مەسئۇلىيەت ئادا بولىدىغان بىر دەلىل بولمىسا بىز لازىم قىلمايمىز. ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ۋاجىپلىققا ئەمەس بەلكى مۇستەھەپلىككە قاراتساق بولىدۇ. بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش، گەرچە ئۇ كىشى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولسىمۇ لېكىن ئۇ كىشىگە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن باشقا ئىش ۋاجىپ بولمايدۇ. ["شەرھىل مۇمتى" 6-توم 451-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ كىشىگە پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئېھتىيات قىلاي دېسە، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە بىر مىسكىنگە يېمەك بەرسە ناھايتى ياخشى بولىدۇ.

   سوئال سورىغۇچىغا: قازا روزىنى ئادا قىلىشنى ئۈزۈرسىز كېچىكتۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، كەلگۈسىدە بۇنداق ئىشنى تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىڭ.

    ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى