جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دۇرۇس ئىش قىلىدىغان بۆلۈم بار ۋە ھارام ئىش قىلىدىغان بۆلۈم بار بولغان شىركەتتە خىزمەت قېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر شىركەتتە خىزمەت قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەت ھالالنى ھارامغا ئارىلاشتۇرىدۇ، ئوغۇرلانغان ۋە ساختا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى ساتىدۇ، بۇنىڭدىن ئالغان ئىش ھەققى ھالال بولامدۇ؟، بۇ خىزمەتنى تەرك قىلسا، يەنە باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇنىڭدا شەرئى چەكلىمە بولىدۇ، نېمە قېلىشى كېرەك؟، ئەسلى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى ئۇنى تاشلاپ پەرزەنتلىرىنى ئاچ قويۇپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم تاپالماي يۈرەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئالدامچىلىق ياكى ئوغرىلىق ئىشلىرىدا ھەرقانداق بىر شەكىلدە ۋە قايسى بىر سۈرەتتە ئۇلارغا بولىدىغان ياردەمنى ئۆز ئېچىگە ئالسا بۇ ئىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الأِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار». [سۈرە مائىدە 2 -ئايەت.]

    ئەمما سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ھارام ئىشلاردىن يىراق بولسا، شېركەتنىڭ ھارام ئىشلار بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان باشقا بىر بۆلۈمى بولسا، سىزنىڭ دۇرۇس بولغان ئۇ بۆلۈمدا خىزمەت قىلىشىڭىز توغرا بولىدۇ. بۇمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرت بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇيەردە ھارامغا ياردەم بېرىدىغان ئىش بولماسلىق كېرەك.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " گەرچە ئىنسان شوپۇر بولسۇن ياكى قوغدىغۇچى بولسۇن جازانە شېركەتلىرىدە خىزمەت قېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ جازانە شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىشى شېركەتنىڭ خىزمىتىگە رازى بولغانلىقىدىندۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئۇلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، ئۇنىڭغا رازى بولغان بولىدۇ، ھارامغا رازى بولغان كىشىگە ئۇنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ.

ئەمما بىۋاستە يېزىپ قالدۇرىدىغان، ئەۋەتىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان دېگەندەك ئىشلار شەكسىز ھارامغا كىرگەنلىكتۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانە يېگۈچى، ۋەكىل بولغۇچى، گۇۋاھ بولغۇچى ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان، ۋە خاتالىق-گۇناھتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دېگەن». ["ئىسلام پەتىۋالىرى"  2 -توم 401 -بەت].

    سىزگە زۆرۈر بولغىنى، شېركەتنىڭ ھارام بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا قىلمىشىنى ئىنكار قېلىپ، توغرا بولمىغان مۇئامىلىلەرنى رەت قېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ، يەنە سىزگە زۆرۈر بولغىنى، ئىمكانىيىتىڭىز بولسا مال سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ نەسىھەت قېلىپ ئۇلارغا سېتىۋالىدىغان نەرسىلەردىكى ئەيىپلەرنى بايان قېلىپ بېرىشتۇر.

    ئەمما باشقا خىزمەت تېپىلماسلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىگە كەلسەك، بۇ توغرا ئەمەس، بۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ومن يتق الله يجعل وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ﴾‏ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.» [سۈرە تالاق 2 -3-ئايەتلەر].

     توغرا ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، سىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىڭىز كۈچلۈك بولىشى ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قېلىشىڭىز، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولىشىڭىز كېرەك.

    ئەمما پەرزەنتلەر ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، سىزدىن سوراپ باقايلى: ئۆلىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئاچلىقتىن ئۆلگەن ياخشىمۇ ياكى ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوزاخقا كېرگەن ياخشىمۇ؟!. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياراتتى، ئۇلارغا رىزىق بېرىشكە ئۆزى كېپىل بولدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار». [سۈرە زارىيات 22 -ئايەت.]

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلَاقٍ ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُمْ ۚ إِنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْئًا كَبِيرًا تەرجىمىسى: «كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.» [سۈرە ئىسرا 31-ئايەت.]

    ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئىنساننىڭ رىزقىنى ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چېقىشتىن بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن، سەن ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ رىزىقنى ئازلىتىۋىتىشىدىن قورقمىغىن، لېكىن نەپسىڭنىڭ يامانلىققا بۇيرىشىدىن، پىتنە-پاسات، ئاسىيلىققا يېتەكلىشىدىن قورققىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلەڭ: «ھارامدىن غىزالانغان كىشىگە دوزاخ بەك لايىق بولىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى 614 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھنىڭ سېيرەتلىرىدىن بۇ كۆرۈنۈشنى ئوبدان ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ:  ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسى ئۈچۈن ئالما كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ كېچىك ئوغلى ئۇ ئالمىدىن بىرنى ئالغان ئېدى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بۇنى كۆرۈپ بالىنىڭ قولىدىن ئالمىنى قاتتىق تارتىپ ئېلىۋالدى، بالا يىغلىغان ھالەتتە ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتتى، ئانىسى بازارغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالما سېتىۋېلىپ كەلدى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۆيىدە ئالما ھىدىنى تاپتى دە ئايالىغا:  ئى پاتىمە! بۇ ئالمىدىن ئالدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى، ئايالى:  ياق دەپ ئۆزىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئوغلى ئۈچۈن بازاردىن ئالما سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.  ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئوغلۇمنىڭ قولىدىن ئالمىنى تارتىۋالغاندا خۇددى ئۇنى يۈرۈگۈمدىن تارىۋالغاندەك بولدۇم، لېكىن مەن مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىدىن بولغان بىر ئالمىنىڭ بەدىلىگە ئۆزۈمنى ئاللاھ تەرەپتىن زايە قېلىۋېتىشنى ياقتۇرمىدىم دېدى.  ئىبنى جەۋزىينىڭ: "ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ سۈپەتلىرى" ناملىق ئەسىرى 190-بەت.

    ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن قىزلىرىنى يوقلاپ كىرگەندە، قىزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ قوللىرى بىلەن ئېغىزلىرىنى توسۇپ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز قىزلارغا قارايدىغان ئايالدىن:  ئۇلارغا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئايال: ئۇلارنىڭ يېنىدا كەچتە يەيدىغان نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىلەن پىياز يېگەن ئېدى، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن بۇ پۇراقنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى دېدى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز يىغلاپ كېتىپ قىزلىرىغا:  ئى قىزلىرىم! سىلەر كەچتە تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن غىزالىنىپ ئاخىرەتتە يىغلىغان ھالەتتە دوزاخقا بۇيرۇلۇپ قالساڭلار بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولىدۇ دېگەن ئېدى، قىزلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يىغلىشىپ كەتتى.  دوكتۇر بىرۇنونىڭ" ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز" ناملىق ئەسىرى 142-بەت.

     ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز سەكراتقا چۈشكەندە ئەۋلادلىرىنى كەمبەغەل-پېقىر ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكتىن ئەيىبلەندى، ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئون نەچچە ئېدى، ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۇلارغا قاراپ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاتاڭلار ئىككى ئىشنىڭ بىرنى تاللاش ئارىسىدا قالدى، سىلەرنى باي-بىھاجەت ھالەتتە قويۇپ كېتىپ ئاتاڭلار دوزاخقا كېرىدۇ، سىلەرنى نامرات-پېقىر ھالەتتە قويۇپ كېتىپ ئاتاڭلار جەننەتكە كېرىدۇ، سىلەرنى نامرات-پېقىر ھالەتتە قويۇپ كېتىپ جەننەتكە كېرىش، ئاتاڭلارغا سىلەرنى باي-بىھاجەت ھالەتتە قويۇپ كېتىپ  دوزاخقا كېرىشتىن  ياخشى كۆرۈلدى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلسۇن».

    ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى