جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئۇلاغنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئۆزۈم ۋە بالىلىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم، قۇربانلىق ئۇلاغنىڭ مەلۇم سۈپەتلىرى بارمۇ؟ ياكى ھەر قانداق ئۇلاغنى قۇربانلىق قىلسام توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئۇلاغنىڭ ئالتە تۈرلۈك شەرتى بار بولۇپ:

بىرىنچى:

قۇربانلىق ئۇلاغ: تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلاردىن بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ تەرجىمىسى: ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق. [ھەج سۈرىسى: 34-ئايەت].

چارۋىلار ئەرەبلەرنىڭ ئۆرپىدە: تۆگە، كالا ۋە قوي دەپ تونۇلغان. قەتادە، ھەسەن قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.

ئىككىنچى:

قۇربانلىق ئۇلاغ: قوي پاقلان (يەنى ئالتە ئايلىق) بولۇش بىلەن، باشقا ئۇلاغلار "چىشى يېتىلگەن" بولۇش بىلەن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىقتا ياشقا توشقان ئۇلاغلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئەگەر قېيىن بولۇپ قالسا قويدىن پاقلان (ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان)نى ئۆلتۈرۈڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ياشقا توشقان دېگەن: "چىشى يېتىلگەن" ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق بولىدۇ، قوي "چىشى يېتىلگەن"دىن كىچىكرەك بولىدۇ.

تۆگىنىڭ چىشى يېتىلگىنى: بەش يىل توشقان بولىدۇ.

كالىنىڭ چىشى يېتىلگىنى: ئىككى يىل توشقان بولىدۇ،

قوينىڭ چىشى يېتىلگىنى: بىر يىل توشقان بولىدۇ،

پاقلان: ئالتە ئايلىقتىن چوڭراق بولىشى كېرەك. تۆگە، كالا ۋە ئۆچكىدىن چىشى يېتىلگىنىدىن كىچىكلىرى قۇربانلىققا يارىمايدۇ، قويدىن پاقلان (يەنى ئالتە ئايلىق) دىن كىچىكى قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

ئۈچىنچى:

قۇربانلىق ئۇلاغ تۆت تۈرلۈك تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەيىپتىن خالى بولىشى كېرەك:

1- ئېنىق قارىغۇلۇق: كۆزى پۈتۈنلەي قۇيۇلۇپ كىتىش ياكى كۆزى پولتىيىپ چىقىش، ياكى كۆزى ئالىغايلىقنى بىلدۈرىدىغان دەرىجىدە ئاقىرىپ كىتىش.

2- ئېنىق كىسەللىك: يايلاقدىن قالدۇرۇپ، ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ قويىدىغان قىزىتما، سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، گۆشىنى بۇزىدىغان ئاشكارا قوتۇر، سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر جاراھەت قاتارلىق چارۋىدا ئالامەتلىرى ئاشكارا كۆرىلىدىغان كىسەللىكلەر.

3- ئېنىق توكۇرلۇق: چارۋىنى يۈرىشىدە تۈز مېڭىشتىن چەكلەيدىغان توكۇرلۇق.

4- يىلىكىنى قويمىغان ئورۇقلۇق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇربانلىق ئۇلاغلارنىڭ قانداق سۈپەتلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:: پۇتى ئېنىق توكۇر، كۆزى ئېنىق قارىغۇ، ئېنىق كېسەل ۋە يىلىك چىقمىغۇدەك ئورۇق بولغان تۆت تۈرلۈك ئۇلاغدىن،- دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ ھەدىسنى مالىك "مۇۋەتتا" دا بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.

باشقا ھەدىس توپلاملىرىدە بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇپ: قۇربانلىقتا توغرا بولمايدىغان تۆت تۈرلۈك ئۇلاغ بار،- دەپ يۇقىرىقى سۆزلەرنى بايان قىلدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىرۋائۇل غەلىيل ناملىق ئەسەر 1148-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

بۇ تۆت ئەيىپ ئۇلاغلارنىڭ قۇربانلىققا يارىشىنى چەكلەيدۇ، ئۇنىڭغا شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئەيىپلىك بولغان ئۇلاغلار قېتىلىدۇ، تۆۋەندىكى ئۇلاغلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ:

1- ئىككى كۆزى بىلەن كۆرمەيدىغان قارىغۇ.

2- قارنى ئېسىلىپ قالغان(كۆپ يەۋىلىپ، ئاشقازىنى تولۇپ قالغان) ئۇلاغ ئاشقازىنى راۋانلىشىپ، خەتىرى يوقالغۇچە.

3- تۇغۇتىدا قېينىلىپ قالغان بوغاز ئۇلاغ تۇغۇتنىڭ خەتىرى يوقالغۇچە.

4- بوغۇلۇپ ياكى ئېگىزدىن چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يارىلانغان ئۇلاغ خەتەردىن قۇتۇلغۇچە.

5- ماڭالمايدىغان ناكا ئۇلاغ.

6- ئىككى قولى ياكى ئىككى پۇتىنىڭ بىرى ئۈزۈلگەن ئۇلاغ.

ھەدىستە بايان قىلىنغان تۆت ئەيىپكە بۇ ئالتە ئەيىپ قىتىلسا قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان ئۇلاغلار ئون تۈرلۈك بولىدۇ.

تۆتىنچى شەرت:

قۇربانلىق ئۇلاغ ئۆزىنىڭ بولىشى كېرەك، ياكى شەرىئەت تەرەپتىن ياكى ئىگىسى تەرىپىدىن ئىزنى بېرىلگەن بولىشى كېرەك. بۇلانغان، ئوغرىلانغان ياكى ناھەق داۋا بىلەن ئېلىۋېلىنغان ئىگە بولالمايدىغان ئۇلاغلار قۇربانلىقتا دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قېلىپ تۇرۇپ يېقىنلىشىش توغرا بولمايدۇ.

ۋەكىل ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ مېلىدىن رۇخسىتى بىلەن قىلغان قۇربانلىقى توغرا بولىدۇ.

بەشىنچى شەرت:

قۇربانلىق ئۇلاغقا باشقىلارنىڭ ھەققى چېتىلماسلىقى كېرەك، گۆرۈگە قويۇلغان ئۇلاغنى قۇربانلىق قېلىش توغرا بولمايدۇ.

ئالتىنچى شەرت:

قۇربانلىقنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قىلىش كېرەك، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن كېيىن باشلىنىپ، تەشرىقنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى زۇلھەججىنىڭ 13-كۈنى كۈن ئولتۇرغىچە داۋاملىشىدۇ. قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى تۆت كۈن بولىدۇ: قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن كېيىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن. ھېيت نامىزى تۈگەشتىن بۇرۇن ياكى زۇلھەججىنىڭ 13-كۈنىكۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنقۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا بۇخارى بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازدىن بۇرۇن قىلىنغان قۇربانلىق ئۆز ئەھلىگە تەقدىم قىلغان گۆش بولىدۇ، قۇربانلىق بولمايدۇ،- دېگەن. بۇ توغرىدا جۇندۇب ئىبنى سۇپيان بەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربان ھېيت نامىزىغا ھازىر بولدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى مال بوغۇزلىغانلار ئورنىغا باشقىنى بوغۇزلىسۇن دېدى.

نۇبەيشەتىل ھۇزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تەشرىق كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

لېكىن قۇربانلىق ئۇلىغى -سەل قارىمىغان تۇرۇقلۇق - قېچىپ كىتىپ، قۇربانلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن تاپقان بولسا، ياكى قۇربانلىققا ۋەكىل تەيىنلىگەندىن كىيىن، ۋەكىل ۋاقىت چىقىپ كەتكۈچە ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۆزرە سەۋەپلىك قۇربانلىقنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ بوغۇزلىسا بولىدۇ، بۇ خۇددى نامازدىن ئۇخلاپ قالغان ياكى نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئويغاندا ياكى يادىغا يەتكەندە نامازنى ئوقۇغانغا قىياس قېلىنىدۇ.

قۇربانلىق ئۇلاغلارنى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ۋاقىت ئىچىدە كېچە-كۈندۈز بوغۇزلىسا بولىدۇ، ئەمما كۈندۈزدە بوغۇزلاش ياخشى، قۇربان ھېيت كۈنى خۇتبىدىن كېيىن قېلىش ئەۋزەل، ھەر كۈن كىيىنكى كۈندىن ئەۋزەل، چۈنكى ئۇنىڭدا ياخشىلىققا ئالدىراش بولىدۇ.

مەنبە: [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "قۇربانلىق ۋە مال بوغۇزلاش ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى]