پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە سەدىقە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

  رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىش ياخشىمۇ ياكى بۇ كېچىلەرنى پەقەت ناماز ۋە زىكىر بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشىمۇ؟ ناماز ۋە زىكىر مۇشۇ كىچىلەرگە خاسمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىنىڭ كېچىلىرىنى ناماز ۋە زىكىرلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش تەكىتلەنگەن.

    رامزاندا سەدىقە قىلىش باشقا ۋاقىتلاردا سەدىقە قىلغاندىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن بىز رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىس كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

    لېكىن ئۆلىمالار ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا باشقا ۋاقىتلارغا كۆرە ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى زىكىر قىلغان، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرى باشقا كۈنلىرىنىڭ كېچىلىرىدىن شەكسىز ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسى بار.

     ھەر قانداق ھالەتتە بولسۇن، مۇسۇلمان ئۈچۈن رامزاننىڭ ھەممىسىدە سەدىقىنى كۆپ قىلىش يولغا قويۇلغان: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىلىرىدىن بولۇپ، رامزاندا باشقا ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 6-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2308 –ھەدىس].

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى