جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

سىلە رەھىم توغرىسىدا

سۇئال

سىلە رەھىم دېگەن نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىسلام ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىجتىمائى ئالاقىنى روياپقا چىقىرىشتا زور تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى بۇنىڭغا چاقىردى، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش زۆرۈر بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ‏ تەرجىمىسى: « بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار» [سۈرە نىسا 1-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ ‏تەرجىمىسى: «تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە(خەيرى ـ ساخاۋەتتىن)ھەققىنى بەرگىن» [سۈرە ئىسرا 26-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِن بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ» [سۈرە رەئەد 25-ئايەت].

    قايسى جازا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشىلەرنى كۈتۈۋاتقان لەنەت ۋە يامان ئاقىۋەتتىن زىيادە بولىدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشىدىن ئىبارەت نۇرغۇن ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىرگە ئاخىرەتتىمۇ ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشىدىن سۆيۈنىدىغان كىشى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى 5986-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2557-ھەدىس].

       ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندا سىلە-رەھىم تۇرۇپ: بۇ سىلە-رەھىمنى ئۈزگۈچىلەردىن سەن بىلەن پاناھلىنىدىغان ئورۇن دېگەن ئېدى، ئاللاھ تائالا: «شۇنداق، سېنى ئۇلىغانلارنى ئۇلىسام ۋە سېنى ئۈزگەنلەرنى ئۈزسەم رازى بولمامسەن؟»دېدى، سىلە-رەھىم: شۇنداق رازى بولىمەن دېدى، ئاللاھ تائالا: «ئاشۇ سەن ئۈچۈن»دېدى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار دېدى: فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ تەرجىمىسى: «سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى(ھەقنى ئاڭلاشتىن)گاس قىلدى،(ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن)كور قىلدى» [سۈرە مۇھەممەد 22-23-ئايەت].

     نەۋەۋىينىڭ شەرھىسى"سەھىھ مۇسلىم" 16-توم 112-بەت.

    سىلە-رەھىمنى بىلدۇق، سىلە -رەھىمنى ئۇلىغۇچى كىم؟، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئوچۇقلاشتۇرۇپ بەردى: «قارشى تەرەپ سىلە-رەھىمنى ئۇلىسا ئۇلىغان كىشى سىلە -رەھىمنى ئۇلىغۈچى ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپ سىلە-رەھىمنى ئۇزسىمۇ ئۇلىغان كىشى سىلە-رەھىمنى ئۇلىغۇچىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 5645-ھەدىس]. 

    ئەگەر ئارىدىكى ئالاقە ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش، مۇكاپاتلاش بولسا، دەسلەپتە ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بولمىسا، بۇ سىلە-رەھىم ئالاقىسى بولمايدۇ، بەلكى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش بولىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ مۇنداق پىرىنسىپى بار: سوغات بەرسە سوغات بېرىش، سوغات بەرمىگەن كىشىگە بىر نەرسە بەرمەسلىك، زىيارەت قىلغان-يوقلىغاننى زىيارەت قىلىش-يوقلاش، زىيارەت قىلمىغان-يوقلىمىغاننى زىيارەت قىلماسلىق-يوقلىماسلىق تاشلىۋېتىش، بۇ ھەرگىزمۇ سىلە-رەھىم بولمايدۇ، ھېكمەتلىك بولغان ئاللاھ تەلەپ قىلغان سىلە-رەھىم ئەمەس، بۇ پەقەت قىلغانغا قىلىش، بۇ ئىسلام شەرىئىتى يۇقىرى پەللىسىگە يېتىشكە بۇيرىغان سىلە-رەھىم ئەمەس، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مېنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم بولۇپ، مەن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزسەم ئۇلا ئۈزىۋېتىدۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام ماڭا ناچارلىق قىلىدۇ، كەڭ قورساق بولسام ماڭا تەنتەكلىك قىلىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىش سەن ئېيتقاندەك بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا قىززىق قۇم تىقىپسەن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى. "نەۋەۋىينىڭ شەرھىسى" 16-توم 115-بەت].     

 ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىسۇن. 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد