پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېجاپ توغرىسىدا ساغلام چۈشەنچە

سۇئال

ئىسلامى ھىجاپتا تولۇق بولىشى زۆرۈر بولغان سۈپەتلەر نېمىلەردىن ئىباردەت؟. ھىجاپنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى بار، مېنىڭ دانىيىدە تۇرۇشلۇق بىر دوستۇم مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن بەك سۆيۈنىدۇ، (ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن) ئۇ ھازىر ھىجاپلىنىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، سىلەردىن ھېجاب توغرىسىدا بايان قىلنغان دەلىللەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز، چۈنكى ئۇ دوستۇم ھازىر سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارغا بەك ئېھتىياجلىق.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ، ھىجابنىڭ شەرتلىرى:

بىرىنچى: ھېجاب؛ ئىستىسنا قىلىنغان ئورۇنلاردىن باشقا پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەھزاپ 59-ئايەت].

بىرىنچى: يۇقىرىدىكى ئايەت بارلىق زىننەت ئورۇنلىرىنى يېپىش ۋە ئۇ ئورۇنلارنى يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا قىلماسلىقنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، زىننەت ئورۇنلىرى مەقسەتسىز ئېچىلىپ قالسا، دەرھال يىپىۋالسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "يات كىشىلەرگە يېپىش مۇمكىن بولمايدىغان زىننەت ئورۇنلىرىدىن باشقا جايلارنى ئاشكارا قىلماسلىق كېرەك بولىدۇ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەلتۇ، كۆينەك، ياغلىق قاتارلىق ئەرەب ئاياللىرى كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ زىننەتلىرى گۈللىرى ۋە ئاستى تەرەپتىكى چۇچىلىرى ئېچىلىپ قالسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جايلارنى يېپىش مۇمكىن بولمايدۇ.

ئىككىنچى: ئورالغان كىيىمنىڭ ئۆزى زىننەت بولماسلىق كېرەك، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا تەرجىمىسى: تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەت ئومۇمى جەھەتتىن كىيىمنىڭ سىرتقى تەرىپىدە ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زىننەت بولۇپ قالسا ئۇنىمۇ ئاشكارا قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ تەرجىمىسى:ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار. [سۈرە ئەھزاب 33-ئايەت].

فۇزالە بىنتى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن سورالمايدۇ: جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ يول باشچىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ، شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، قاچقان قۇل ياكى دېدەك، دۇنيالىق تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك مال-دۇنيا بېرىپ ئېرى بىر يەرگە كەتسە ھىجابىنى تەرك قىلغان ئايال قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى سورالمايدۇ. [مۇستەدرەك ھاكىم 1-توم 119-بەت. مۇسنەد ئەھمەد6-توم 19-بەت]. بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىمۇ سەھىھ بولۇپ ئىمام بۇخارى "ئەدابۇل مەپرەد" كەلتۈرگەن.

ئۈچىنچى: بەدەن شەكلى، رەڭگى ئاشكارا بولۇپ قالىدىغان دەرىجىدە نىپىز بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى يېپىش دېگەن بەدەننىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ئاشكارا بولمىغاندا روياپقا چىقىدۇ، نىپىز بولۇپ قالسا بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ زىننىتى ۋە پىتنىسى تىخىمۇ زىيادە بولىدۇ. ئەبۇ ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاخىر زاماندا ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرىدىن كىيىم كەيگەندەك ھالەتتە يالىڭاچ يۈرىدىغانلار بولىدۇ، ئۇلار باشلىرىنىڭ چاچلىرىنى بانتىلاپ بېشىنىڭ چوقۇسىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالىدۇ، ئۇلار لەنەت قىلىنغۇچى ئاياللاردۇر.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەدەن-تېرىلىرىنى ئېنىق سۈپەتلەپ بېرىدىغان نىپىز كىيىملەرنى كەيگەن ئاياللارنى كىيىم كىيسىمۇ ھەقىقەتتە يالىڭاچ ئاياللار دەپ سۈپەتلەشنى مەقسەت قىلدى". [بۇ سۆزنى سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ"تەنۋېرىل ھەۋالىك"3-توم103-بەتتە نەقىل قىلدى].

تۆتىنچى: كەڭ ئازادە بولۇش، تارلىقىدىن بەدەن-پىگۇرلىرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولماسلىق.

كىيىم كىيىشتىكى مەقسەت بولسا، پىتنىچى يوق قىلىش بولۇپ، بۇ كەڭ-ئازادە كىيىملەرنى كىيىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، تار كىيىملەر گەرچە بەدەننىڭ رەڭگىنى يوشۇرسىمۇ ئەمما بەدەن شەكلىنى ۋە بەزى پىگۇرلۇق يەرلىرىنى يات ئەرلەرنىڭ قارىشىغا ئوچۇق سۈپەتلەپ بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى بۇزۇقچىلىق ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئوچۇق-ئاشكارا چاقىرىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىمنىڭ كەڭ-ئازادە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا ئۇنىڭغا دىھيەتىل كەلبى رەزىيەللاھۇئەنھۇ سوۋغات قىلغان قىبتىيلار توقۇغان قېلىن بىر كىيىمنى كەيدۈرۈپ قويدى، مەن ئۇ كىيىمنى ئايالىمغا كەيدۈرۈپ قويغان ئىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا:« نېمە ئۈچۈن قىبتىلار توقۇغان كىيىمنى كەيمەيسەن؟دېدى، مەن:ئۇنى ئايالىمغا كەيدۈرۈپ قويدۇم دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:ئايالىڭغا ئېيتقىن، ئېچىگە رۇباشكا ياكى ئىچ كۆينەك كىيىۋالسۇن، چۈنكى مەن ئۇ كىيىمدە ئايالىڭنىڭ بەدەن شەكلى ئىپادىلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەندېدى. بۇ ھەدىسنى:زىيائۇل مەقدەسى "تاللانغان ھەدىسلەر" ناملىق ئەسىرى 1-توم 441-بەتتە كەلتۈرگەن، ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقى قاتارلىقلار ياخشى ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

بەشىنچى: كىيىملىرى ئەتىر-ئەنبەر دېگەندەك خۇشبۇي نەرسىلەر سىپىلمىگەن بولىشى كېرەك.

ئاياللار ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. بىز ئۇ ھەدىسلەردىن ئىسنادى توغرا بولغان ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1-ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق بىر ئايال خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئەرلەر بار جايلاردىن ئۆتسە، كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىنا قىلغانغا ئوخشاشتۇر.

2- زەينەپ سەقەپىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللاردىن بىرىڭلار مەسچىتكە كەلمەكچى بولسا، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمىسۇن.

3-ئەبۇ ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ئايال، بىز بىلەن بىرگە كەچتە خۇپتەن نامىزىغا قاتناشمىىسۇن.

4-مۇسا ئىبنى يەسار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ يېنىمىزدىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بىر ئايال ئۆتكەن ئىدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ئى ئاللاھنىڭ دېدىكى! مەسچىتكە بارامسىز؟دېدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى، خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتتىڭىزمۇ؟ دېگەن ئېدى، ئۇ ئايال: ھەئە دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قايتىپ بېرىپ يۇيۇنۇپ كېلىڭ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ھەرقانداق ئايال خۇشبۇي نەرسە ئىشلىتىپ مەسچىتكە كېلىدىكەن، قايتىپ بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلمىگىچە ئاللاھ تائالا ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان بۇ ھەدىسلەردە ئومۇمەن بەدەنگە ئىشلىتىلگەن خۇشبۇي نەرسىلەر كىيىمگە ئىشلىتىلگەن خۇشبۇي نەرىسىلەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۈچىنچى ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇخۇرنىڭ كىيىمگە ئىشلىتىشى كۆپ بولىدۇ.

بۇنىڭدىكى چەكلىمە ئوچۇق، چۈنكى ئاياللاردىن تارالغان خۇشبۇي نەرسىلەر ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدۇ، بەزى ئۆلىمالار: كەشتىلەنگەن چىرايلىق كىيىملەر، ئاشكارا ئېسىل زىبۇ-زىننەتلەر ۋە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنىمۇ مۇشۇ قاتاردىن ھېسابلىغان. ["پەتھۇلبارى" ناملىق ئەسەر 2-توم 279-بەت].

ئىبنى دەقىق ئەلئەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتنى مەقسەت قىلىپ چىققۇچى ئاياللارنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشتىلىپ چېقىشىنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەپ، بۇ پۇراقلار ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغاپ قويىدۇ". [بۇ سۆزلەرنى مەناۋىي"پەيزۇلقەدىر" ناملىق ئەسەردە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرىنچى ھەدىسنىڭ شەرھىسىدىن نەقىل قىلغان].

ئالتىنچى: ئاياللارنىڭ كىيىمى ئەرلەرنىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.

كىيىم-كىچەكتە ۋە باشقا ئىشلاردا ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلىنغانلىق توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاياللاردەك كىيىم كەيگەن ئەرلەرگە ۋە ئەرلەردەك كىيىم كەيگەن ئاياللارغا لەنەت قىلدى.

2-ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەرلەردىن ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ۋە ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ.

3-ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرلەردىن ئاياللاردەك بولىۋالغان ۋە ئاياللاردىن ئەرلەردەك بولىۋالغانلارغا لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۆيۆڭلاردىن چېقىرىۋىتىڭلار دېگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پالانىنى چېقىرىۋەتكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پالانىنى چېقىرۋەتكەن، يەنە بىر لەپزىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان دېيىلگەن.

4-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قارىمايدۇ: ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى، ئەرلەرگە ئوخشاش بولىۋالغان ئايال ۋە دەيۇز (خوتۇن، قىز، ھەمشىرىلىرىنى كۈنلىمەيدىغان ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك كىشىلەر).

5-ئىبنى ئەبۇ مۇلەيكە يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئاياللارمۇ پىتىنگە كىرەمدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا جاۋاپ بېرىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان دېگەن.

6-بۇ ھەدىسلەر ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋىلىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەكسىدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋىلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ، بۇ ئوخشىۋىلىش ئادەتتە كىيىم-كىچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسىمۇ ئەمما بىرىنچى ھەدىستە پەقەت كىيىم-كىچەكنى خاس قىلغان.

7-يەتتىنچى: كاپىر ئاياللارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ قالماسلىق كېرەك.

شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ئىبادەتتە بولسۇن ياكى ھېيت-بايراملاردا بولسۇن ياكى ئۆزىگە خاس بولغان پوسۇن-شەكىللەردە بولسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئاساسلىق قائىدە بولۇپ، ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار بۇ پرىنسىپىنىڭ سىرتىغا چېقىپ كەتتى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىن، دەۋەت ئىشلىرىنى بىلمىگەنلىكى، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى ئەگەشكەنلىكى، يېڭى دەۋرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ماسلىشىپ، غەرىپ كاپىرلىرىنى تەقلىد قىلىشى قاتارلىقلار، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتتا كىيىن قىلىشى، كۈچ-قۇۋۋەتتە ئاجىزلىشىشى، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا سەۋەپ بولدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسا،(ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە).

شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇشۇ مۇھىم قائىدىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قۇرئان-ھەدىستە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىندى، گەرچە قۇرئان كەرىمنىڭ دەلىلى ئومۇمى بولسىمۇ بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى-ھەدىسلىرى چۈشەندۈرۈپ ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

سەككىزىنچى: ئاياللارنىڭ كىيىمى نام-شۆھرەت ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇنيادا نام-شۆھرەت ئۈچۈن كىيىم كەيگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە خارلىقنىڭ كىيىمىنى كەيدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنى دوزاخ ئوتىدا كۆيدۈرىدۇ. ["مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجاپى"54-67-بەتلەر].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد