جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شەۋۋالنىڭ ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇش شەرتمۇ؟

سۇئال

رامزاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى ئارقىمۇ- ئارقا تۇتۇش شەرتمۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولامدۇ؟، چۈنكى مەن بۇ روزىنى ئۈچكە بۆلۈپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتسىمۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولىدۇ، تىزراق تۇتىۋىتىش ياخشى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  فاستبقوا الخيرات  تەرجىمىسى: (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. [سۈرە بەقەرە 148-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَسَارِعُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئالدىراڭلار. [سۈرە ئال-ئىمران 133-ئايەت]. مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم. [سۈرە تاھا 84-ئايەت].

شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى ۋە بەزى ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىمۇ تىزدىن ئادا قىلىشنى ياخشى دەپ قارىغان، لېكىن ئالدىرىماي تۇتسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، بۇ روزىنى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى ياكى ئاخىرغىچە تۇتسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغانلىقتىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش مۇستەھەپ (ياخشى) بولىدۇ. بۇ روزىنى ئاينىڭ بىشىدا ئارقىمۇ-ئارقا تۇتىۋىتىش ياخشى، ئەگەر ئايرىم-ئايرىم تۇتۇپ ھەتتا ئاينىڭ ئاخىرغىچە كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ، قانداق تۇتسا بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان مۇتلەق ھەدىسكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئىمام ئەھمەد ۋە داۋۇت زاھىرىمۇ مۇشۇنداق دېگەن. ["ئەل مەجمۇئ شەرھى مۇھەززەب" ناملىق ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد