پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ياخشى كۆرۈش بىلەن چەكلەنگەن ئالاقىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق

سۇئال

مەن 24 ياشقا كىردىم، بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مىنىڭ مۇھەببىتىم قۇرۇق ۋەدە ۋە ئۇچرىشىشلاردىن خالى بولغان، ئېتىقادلىق بىر كىشىگە بولغان پاك مۇھەببەت، ئۇ يىگىت مەن بىلەن توي قىلىشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ لېكىن تۇرمۇش قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەلۇم مۇددەت كۈتۈپ تۇرۇشۈمنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ماڭا بىرقانچە قېتىم تىلېفۇن قىلغان بولسىمۇ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن تىلېفۇن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدىم، گەرچە مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشى كۆڭلۈمگە ياقمىدى، مەن مۇھەببىتىمىزنىڭ تۇيۇق يولغا مېڭىشقا باشلىغانلىقىنى تۇيدۇم، ئۇ مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلدى ۋە پىكرىمنى ھۆرمەت قىلدى، مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۇ ماڭا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن دائىم ئۇچۇر يوللاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى بۇ شەكىلدىكى ئالاقىگە بىر يىل بولدى، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بەك ناچار، مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن مېنىڭ ئائىلەم ئارىسىدا قويۇق ئالاقە بار، مەن ئۇنى پەقەت ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇ مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى ئالماشتۇردى، لېكىن مېنىڭ قىيىنچىلىقىم دادام ئەلچىلەرگە يول ئاچتى، ھازىرغىچە ماڭا توي تەكلىپى قويغان ئەلچىلەرنىڭ سانى سەككىزگە يەتتى، مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىمگە ۋەدە قىلغانلىقىم ۋە ئۇنى كۈتىدىغانلىقىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ھەر قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرنى رەت قىلدىم، مېنىڭ قىلغان ئىشىم توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟ مەن تىڭىرقاپ قالدىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن پەرز، سۈننەت، مۇستەھەپ بولغان نامازلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىمەن، كېچىلىرى قىيامدا تۇرىمەن، ياخشى ئەمەللىرىمنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئىپپەت ئۈستىگە قۇرۇلغان پاك  مۇھەببەت دىندا چەكلىنەمدۇ؟ مېنىڭ بۇ شەكىلدىكى ياخشى كۆرۈشۈم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەۋۋەلدە ئاللاھ تائالادىن سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تىلەيمەن، سىز كەبى پاك، ئىپپەتلىك، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى لازىم تۇتىدىغان قىزلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى رەببىمدىن سورايمەن. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھېسداشلىق ئالاقىسى بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى زايە قىلىۋېتىدۇ، چەكلىمىلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىدۇ، بىز ھەر بىر مۇسۇلمان بەلكى ئەقىللىق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئىبرەت بولىدىغان بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ۋە ئۇچۇرلاردىن ئوقۇيمىز.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىككى جىنسنىڭ ئارىسىدىكى ئۇچۇر-ئالاقىلار پىتنىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ يولدا شەيتاننىڭ تورىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدىغان شەرئى دەلىللەر ئىنتايىن كۆپتۇر، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ياشنىڭ بىر قىزغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇ ياشنىڭ كۆزىنى ئۇ قىزدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن ئۇ ياشنىڭ بوينىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋىتىپ: بىر ياش بىلەن بىر قىزنى كۆردۈم شەيتاننىڭ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا پىتنە تاشلىشىدىن خاتىرجەم بولالمىدىم دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى885-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].    

   شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇ ياش بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ ياخشى قىلىپسىز، باشقا ئۇچۇر-ئالاقىلارنىمۇ ئۈزۈشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز، چۈنكى ئۇچۇر-ئالاقىلار مۇشۇ زاماندا كىشىلەرگە بۇزۇقچىلىق يوللىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنىدۇر، بۇنى ئىلگىرى نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. 

    بۇنىڭدىن ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاش ئۈچۈن مەلۇم بىرىگە مايىل بولىشى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ بولىشى ۋە شارائىت ياربەرگەندە نىكاھ ئەقدىسى قىلىشنى مەقسەت قىلىشنى توغرا ئەمەس دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، چۈنكى مۇھەببەت-ياخشى كۆرۈش دېگەن قەلبنىڭ ئىشى بولۇپ، مەلۇملۇق ياكى مەلۇم بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن ئىنساننىڭ قەلبىگە تاشلىنىدۇ، بۇ مۇھەببەت –ياخشى كۆرۈش ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى ياكى بىر-بىرىگە غەرەزلىك قارىشى ياكى چەكلەنگەن شەكىلدە سۆزلىشىش سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بۇ چەكلەنگەن مۇھەببەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى ئىلگىرىكى تونۇشلۇق ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق ياكى باشقىلاردىن ئاڭلاش ئارقىلىق بولۇپ، ئىنسان ئۇنى قەلبىدىن چېقىرۋىتىشكە قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مۇھەببەت ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىنى لازىم تۇتۇش شەرتى بىلەن بولسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.

   ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چەكلەنمىگەن سەۋەب ۋە يوللار بىلەن ھاسىل بولغان ياخشى كۆرۈپ قىلىش بولسا، بۇنىڭغا دۇچار بولغان كىشىگە مالامەت قىلىنمايدۇ، بۇ خۇددى بىر كىشى مەلۇم بىر ئايالغا ياكى ئۆزىنىڭ دېدىكىگە ئاشىق بولۇپ كېيىن ئۆزى ئايرىلىپ قەلبىدىكى ئىشقى-مۇھەببەت قالغان بولسا، بۇنداق كىشىگىمۇ مالامەت قىلىنمايدۇ شۇنىڭدەك بىر-بىرىگە تۇيۇقسىز بېقىشىپ ئىختىيارسىز قەلبىگە مۇھەببەت-ياخشى كۆرۈش ئورناشقان بولسا، ئۇ كىشى بۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ". ["رەۋزەتۇل مۇھىببىين" 147-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئىلىم-مەرىپەتلىك بىر ئايالنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قىزىقىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ ئايالمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، دىندار كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەنسە، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئالاقىسى شەرىئەتتە توغرا بولمىغان يوللار بىلەن بولىدىكەن، بۇ بىر بالا-مۇسىبەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە گەرچە توي قىلىش ئىستىكى بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەر بىلەن ئۇ ئايالنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئايالنىڭ ۋەلىسىگە ئۆزىنىڭ ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى ياكى ئۇ ئايالنىڭ ئۇ ئەر بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ۋەلىسىگە بىلدۈرۈشى كېرەك بولىدۇ. خۇددى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىزى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەبۇ بەكرى ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇلارغا ياتلىق قىلىش ئۈچۈن سۆز ئاچقانغا ئوخشاش، ئەمما ئايال كىشىنىڭ بىۋاستە ئەر كىشى بىلەن ئالاقە قىلىشى بولسا پىتنىنىڭ سەۋەبىدۇر". ["ئوچۇق سۆھبەت" 26-سان 13-نۇمۇر].

    سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىم: سىزنىڭ ئۇ ياش بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ئۈزۈشىڭىز، ئەگەر ئۇ سىز بىلەن چوقۇم توي قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ۋەلىلىرىڭىزگە خەۋەر قىلىپ سىز بىلەن توي قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى زۆرۈر بولىدۇ، تۇرمۇش قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، ئاللاھ خالىسا ئىش ئاسان بولىدۇ، ئازغا قانائەت قىلغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ھەممىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توي ئىشى كېچىكتۈرۈلسىمۇ نىكاھ ئوقۇتۇپ قويۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما توي قىلىمىز دەپ قويۇپ، توي قىلىپ بولغىچە باشقا يوللار بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلىپ تۇرۇش بولسا شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپى ۋە كۆپ تەكرارلانغان ئەمەلىي تەجىربىلەرگە ئاساسەن خاتا يول ۋە بۇزۇقچىلىق-گۇناھنىڭ باشلىنىشىدۇر. سىز چوقۇم ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىتائەت قىلىش، شەرئى بەلگىلىمىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيسىز، چەكلەنگەن يوللار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن كۆرە توغرا بولغان يوللار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىزگە يولنى تارلاشتۇرىۋالىمىز شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزگە يولنى تارلاشتۇرىدۇ.

سىزنىڭ توينى كىچىكتۈرۈشىڭىز سىزگە زور زىيان ئىلىپ كېلىدۇ، بەلكى سىزنىڭ يىشىڭىز چوڭىيىپ، ئۇ ياشنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشىلانماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش بىلەنمۇ ۋە باشقا ياش بىلەن توي قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن توينى كىچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزگە توي تەكلىپىنى قويۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇ ياشتىنمۇ بەكرەك دىندار ۋە ئەخلاقلىق ياشلار بولىشى مۇمكىن، تويدىن كېيىن ئارىڭىزدىكى مۇھەببەت-ياخشى كۆرۈش كۈچىيىپ، ئۇ ياش بىلەن ئارىڭىزدىكى ئىشلار ئاجىزلىشىشى مۇمكىن.

    توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى