پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەسچىتتە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر توغرىسىدا

سۇئال

ھازىر ھەممە مەسچىتلەردە بەزى ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ پەرز ناماز ۋە تەراۋېھ نامازلىرىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇشى ئۈچۈن ئورۇندۇقلار قويۇلغان، ئۇلارنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان نامىزى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ب ولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قىيامدا تۇرۇش نامازنىڭ پەرزىدۇر، كىمكى شەرئي ئۆزرۈسىز ناماز باشلانغاندىن باشلاپ ناماز ئاخىرلاشقىچە قىيامدا تۇرىدىغان ماقاملاردا ئۆرە تۇرمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى باتىلدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار.

    پەرز نامازدا قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش كېرەك، ئەمما نەپلە نامازلارا قىيامدا تۇرۇش پەرىز ئەمەس، ۋاجىپ بولۇپ، ئولتۇرۇپ ئوقىسىمۇ بولىدۇ، ئۆزرۈسىز ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىدەك پەزىلەتنى ھاسىل قىلالمايدۇ.

    ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ پەقەت پەرىز نامازدا پەرىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ساھابىغا: ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1066-ھەدىس].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولدا ئۇلاغلىق كېتىۋىتىپ نەپلە نامازلارنى ئوقۇيتتى، پەرىز ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئوقۇيتتى. [بۇخارى 955-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 700-ھەدىس]. چۈنكى پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇش ۋە قىبلىگە يۈزلىنىش پەرىزدۇر.

     نەپلە نامازلاردا ئۆرە تۇتۇش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ يېرىمىغا ئېرىشىدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلە بىزگە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ دېگەن ئىدىلە، سىلە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتىلىغۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۇنداق، لېكىن مەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئوخشىمايمەن دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 735-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە چۈشەنچە بېرىپ: بۇ ھەدىس ئۆرە تۇرۇشقا ئىمكانىيتى بار تۇرۇپ سەۋەپسىز ئولتۇرۇپ نەپلە ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ، ئەمما ئۈزۈر بىلەن ئۆرە تۇرالماي ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى كىمەيتىلمەيدۇ، بەلكى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىر- ساۋاپ بېرىلىدۇ. ئەمما پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، ساۋاپمۇ بېرىلمەيدۇ بەلكى گۇناھكار بولىدۇ". [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 6-توم 258-بەت]. 

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغۇچىلارغا دەيمىزكى: پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇشقا ئىمكانىيەت تۇرۇپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئۆرە تۇرسا بەك قېيلىنىپ ھالسىزلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالدا بولسا ئۇ ۋاقىتتا بولىدۇ، ئەمما ئۆرە تۇرسا ئازراق قېيىنىلىدىغان بولسا، بۇ نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا ئۆزۈر بولالمايدۇ.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد