پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان مالغا زاكات بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالدىم، ئۇ ئۆي بىنا پۈتكەنگە قەدەر مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش يولى بىلەن سېتىلىدۇ، ئالدىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل بەردىم، ئۆيگە ئۆتەيدىغان پۇلنىڭ قالغىنىنى بانكىدا ساقلاپ قويدۇم، ئۆينىڭ قالغان پۇلىسىنى تۆلەش ئۈچۈن بانكىدا ساقلاپ قويغان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟، ئالدىدىن ئۆتىگەن پۇل قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مالدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىش ۋە بىر يىل توشقان بولۇشتىن ئىبارەت زاكات ۋاجىپ بولۇشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولسا، ئۇ مالغا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە ئۇ مالنى ئۆي سېتىۋېلىش، پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش ياكى خىراجەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغان بولسىمۇ ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مەن ئايلىق ئىش ھەققىمدىن مەلۇم مىقداردا ساقلاپ قويۇۋاتىمەن، بۇ مالنى ئۆي سالماق ۋە ئاللاھ خالىسا يېقىندا توي قىلسام تويلۇق مېھرى ئۈچۈن ساقلىغان ئىدىم بۇنىڭغا زاكات كېلەمدۇ؟ مەن بۇ مالنى ساقلايدىغان باشقا ئورۇن تاپالماي بىن قانچە يىلدىن بېرى بانكىدا قويغان ئىدىم؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "توي قىلىش، ئۆي سېلىش ياكى سېتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان مال بولسا بۇ مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ بىر يىل ئۆتسە، ئۇ مال ئالتۇن-كۈمۈش ياكى باشقا پۇللاردىن بولسۇن ئوخشاشلا بۇنىڭغا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ بىر يىل توشقان مالغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى ئايرىۋەتمەي زاكات بېرىش توغرىسىدا ئومۇمى ئىپادە بىلەن كەلگەن ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

    ئەمما جازانە بانكىلىرىدا مال قويۇش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدا گۇناھ-مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بېرىش بار، ئەگەر جىددى ئېھتىياج بولۇپ قالغاندا قويسا بولىدۇ لېكىن جازانىنى ئالماسلىق كېرەك".

   "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 126-بەتتە" مۇنداق سورالغان:  ئىنسان توي قىلىش ئۈچۈن پۇل توپلىغان بولسا بۇنىڭدىن زاكات ئەپۇ قىلىنامدۇ؟. شەيخ رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "توي قىلىش مەقسىتى بىلەن توپلىسىمۇ ئۇنىڭدىن زاكات چۈشۈپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك، قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ۋەخپە قىلىشقا زېمىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئازات قىلىشقا قۇل سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل توپلىغان بولسىمۇ بۇنىڭ ھەممىسىگە زاكات يىل توشۇپ، مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا زاكاتنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا زاكاتنى ۋاجىپ قىلدى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەقسەتلەرنىڭ ئوخشىشىدا زاكاتنى چۈشۈپ كېتىدىغان قىلمىدى. زاكات بېرىش بىلەن مال كېمەيمەيدۇ بەلكى زىيادە بولىدۇ. زاكات مالنى ۋە ساھىبنى پاكلايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن» [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ» [مۇسلىم  رىۋايىتى 2588-ھەدىس].

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى: "9-توم 381-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئۆي سېلىش ئۈچۈن توپلىغان مال بولۇپ ئۇنىڭغا بىر يىل توشقان بولسا، ئۇ مالنىڭ ئۆزى ياكى باشقا ماللار بىلەن بىرگە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا ئۇ مالغا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن، ئۇنىڭ پەتىۋاسىنى 41805- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا نەقىل قىلدۇق.

    شۇنىڭدەك، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدىمۇ، قەرزدار كىشىنىڭ قولىدىكى مالغىمۇ، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان كىشىنىڭ قولىدىكى مالغىمۇ زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر قەرز مۇددەتلىك بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توپلىغان مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، بۇنىڭدىن زاكاتنىڭ ۋاجىپلىقى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى زاكات دېگەن، زاكاتنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئومۇمى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىلى بىلەن قولىدىكى مالغا ۋاجىپ بولىدىغان ئىبادەتتۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتى 22426- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   سوئال سورىغۇچى قىرىندىشىم! سىزگە توپلىغان مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىدىن بەرگەن پۇلغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى سىز ئۇ پۇلنى ئۆي ساتقۇچىغا بېرىش بىلەن ئۇ سىزنىڭ مۇلكىڭىزدىن چېقىپ كەتتى.

 ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى