پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىبادەتكە رىيانىڭ كېرىپ قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئىنساننىڭ ئەمەلىگە رىيا ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ئاندىن ھەرىكەت جەريانىدا نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان بولسا، بۇ ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟، مەسىلەن: قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تىلاۋىتىمگە رىيا ئارىلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا قارشى پىكىر قىلىپ، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئوقۇغان قۇرئان تىلاۋېتىمگە ساۋاپ بېرەمۇ ياكى رىيا سەۋەبىدىن ساۋاپ بىكار بولۇپ كىتەرمۇ؟ دەپ ئويلىدىم، ئەمەل تۈگىگەندىن كېيىن رىيا پەيدا بولسىمۇ ساۋابى بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رىيانىڭ ئىبادەتكە ئۇلىنىشى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئەسلىدە ئىبادەتكە بولغان تۈرتكە كىشىلەرگە رىيا قىلىش بولىدۇ، كىشىلەرگە رىيا قىلىپ ياكى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ شەكىلدە قىلغان ئىبادەت بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

   ئىككىنچى: رىيا ئىبادەت ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ، ئىبادەتكە بولغان دەسلەپكى تۈرتكە ئاللاھقا بولغان ئىخلاس بولىدۇ، ئاندىن ئىبادەت ئارىسىدا رىيا ئارىلىشىدۇ، بۇ شەكىلدىكى ئىبادەت ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

   بىرىنچى ھالەت: ئىبادەتنىڭ ئەۋۋىلى ئاخىرىغا باغلانمايدۇ، ئىبادەتنىڭ ئەۋۋىلى توغرا بولىدۇ، ئاخىرى باتىل بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشىدە يۈز كوي بولۇپ ئۇنى سەدىقە قىلماقچى بولىدۇ، ئەللىك كوينى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىدۇ، قالغان ئەللىك كوينى سەدىقە قىلىپ بولغىچە رىيا ئارىلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قىلغان ئەللىك كوينىڭ سەدىقىسى توغرا بولۇپ قوبۇل قېلىنىدۇ، قالغان ئەللىك كوينىڭ سەدىقىسىگە رىيا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ باتىل بولىدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: ئىبادەتنىڭ ئەۋۋىلى ئاخىرىغا باغلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىنسان ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:

    بىرىنچى ئىش: رىيانى ئېتىرۋېتىدۇ، ئۆزىدە ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، بەلكى رىيادىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە ئۇنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئەمما سۆزلىمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغان ئىشلارنى ئۆتىۋەتتى.

   ئىككىنچى ئىش: رىيا ئۇ كىشىدە ئورۇنلىشىدۇ، ئۇ كىشىنى رىيانى ئۆزىدىن يىراق قىلمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرى باتىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ ئەۋۋىلى ئاخىرىغا باغلانغان. بۇنىڭ مىسالى: دەسلەپتە نامازنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى بىلەن باشلايدۇ، ئىككىنچى رەكئەتكە كەلگەندە رىيا ئارىلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ ئەۋۋىلى ئاخىرىغا باغلانغانلىقى ئۈچۈن نامىزىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

   ئۈچىنچى ھالەت: ئىبادەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رىيا كەلگەن بولسا، بۇنىڭ ئىبادەتكە تەسىرى بولمايدۇ ۋە ئىبادەتنىمۇ بىكار قېلىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى ناماز توغرا ھالەتتە تامام بولغان، رىيا ئۇنىڭدىن كېيىن پەيدا بولغان.

    ئىنسان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى بىلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولىشى رىيانىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىبادەتتىن بىكار بولغاندىن كېيىن كەلگەن.

    ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولىشى رىيانىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، چۈنكى بۇ بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ دەلىلىدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ياخشىلىقى خۇرسەن قىلغان ۋە ناچار قىلمىشى بىئارام قىلغان كىشى ھەقىقى مۇمىندۇر.

    بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ مۇمىنگە بېرىلگەن دۇنيادىكى بىشارەتتۇر دېگەن. [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى  2-توم 29-30-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى