سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال دوختۇرنىڭ قۇلى بىلەن لىيزىردا ئەۋرەتلىرىنىڭ تۈكىنى ئالدۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

   ئىككى قولتۇقۇم ۋە سەزگۇر ئورۇنلاردىكى تۈكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن قىينىلىمەن، ئۇنى لىيزىر بىلەن ئالدۇرىۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ ئالدىدا بۇ ئورۇنلارنى ئاچسام بولامدۇ؟ بۇ ئورۇندىكى تۈكلەر بەك كۆپ بولۇپ، تىغ بىلەن ئالغاندا ياكى يۇلغاندا بەك ئاغرىيدۇ ۋە تېرەم بۇزىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    خانىم قىزلارغا نىسبەتەن قاراش توغرا بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئەۋرىتىنى ئېچىشى توغرا بولمايدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئايالنىڭ ئەۋرىتى ئايالغا نىسبەتەن كىندىكتىن تىزىغىچە بولىدۇ.

     داۋالىنىش دېگەندەك ھاجەت بولغاندا ئەۋرەتنى ئېچىش توغرا بولىدۇ، ئىش ئالدى ۋە كەينى ئەۋرەتنى ئېچىشقا ئالاقىدار بولغاندا ھاجەتنىڭ تەكىت بولىشى ۋە كۈچلۈك بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.

    ئەگەر زەرەر يەتمەيدىغان ئىش بولسا قولتۇقنىڭ تۈكىنى لىيزىر بىلەن ئالسا بولىدۇ، ئەمما ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى دوختۇرنىڭ قولى بىلەن ئىلىشقا كەلگەندە، باشقىلارنىڭ ئەۋرەتكە قارىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىلمىسا بولمايدىغان بولۇش كېرەك، يەنى تۈكى بەك كۆپ بولۇپ ئۇنى تىغ ياكى يۇلۇش دېگەندەك باشقا ۋاستىلار بىلەن ئىلىشنىڭ پايدىسى بولمايدىغان ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچە لىيزىر بىلەن ئۆزى ئېلىشمۇ  مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە بولىشى كېرەك.

   ئىززىبنى ئابدۇسسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالدى ۋە كەينى ئەۋرەتلەرنى ئوراش پەرىز بولۇپ، بولۇپمۇ يات ئاياللاردىن ئوراش ئېسىل ئەخلاق ۋە گۈزەل ئادەتلەردىندۇر، لېكىن زۆرۈر ھاجەتلەر بولغاندا ئاچسا دۇرۇس بولىدۇ، ھاجەت دېگەن ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى، دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۈچۈن قارىشى قاتارلىقلار، زۆرۈرات دېگەن بۇزۇلغان، جاراھەتلەنگەن ئورۇنلارنى داۋالاش بولۇپ، ئالدى-كەينى ئەۋرەتكە قاراشنىڭ بەك قەبىھ بولغانلىقى ئۇنىڭغا قاراشتا شەرت ئېتىلگەن ئىشلار باشقا ئەۋرەتلەردە شەرت ئېتىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك زۆرۈرەتتە ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتا شەرت ئېتىلگەن ئىشلار ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتا شەرت ئېتىلمەيدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتا كېلىپ چېقىدىغان پىتنە كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىككى تېزى ۋە يوتىسىغا يېقىن جايلارغا قاراش بىلەن ئىككى تۇخۇمدانغا قاراشنىڭ شەرتلىرى ئوخشىمايدۇ".  ["قەۋائىدىل ئەھكام"  1 -توم 165 بەت].

خەتىپ شىربىنى مۇنداق دەيدۇ:  "بىلگىنكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويۇنچە ھاجەت بولمىغاندا ئەۋرەتنى تۇتۇش ۋە قاراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئىلگىرى ئۆتتى، ئەمما ھاجەت بولغاندا يەنى داۋالاش ۋە باشقا زەرۈرەت بولغاندا ئەۋرەتنى سىلاش ۋە قاراش ھەتتا ئايالنىڭ ئەۋرىتىنىمۇ تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە ھارام دېيىش ھەرەج بولىدۇ".  ["مۇغنىل مۇھتاج"  4 -توم 215 بەت].

     ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرى ئەۋرىتىنىڭ تۈكلىرىنى ياخشى ئالالمىسا ئۇنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى ئېچىشنى ئەۋرەتنى ئېچىش دۇرۇس بولىدىغان ئۈزۈرلەردىن قىلدى. [ ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھمۇ  "ئەلپۇرۇئ"  4 -توم 153 -بەتتە مۇشۇنى زىكىر قىلغان].

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى