شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇقەددەس قۇرئان

سۇئال

قۇرئان دىگەن نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھغا بولسۇن .
قۇرئان دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزى بولۇپ ، ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئەلچىسى مۇھەممەتكە
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )چۈشۈرگەن :
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ(ﻛﯘﻓﺮﯨﻨﯩﯔ) ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻦ (ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ) ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺍﻟﻠﻪ ﺷﻪﻙ-ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ . [ تۆمۈر(ھەدىيد) : 9 ]
ئاللاھ قۇرئاندا بىزگە بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ھىكايىلىرىنى ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشىنى ئېيتىپ بەردى .ئۇ نىمىنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ، ياخشى ئەدەپ-قائىدىلەرۋە ئەخلاقلارنىڭ ئاساسلىرىنى ، ئىبادەت قىلىش ۋە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى بەلگىلىمىلەرنى ، پەيغەمبەرلەر ۋە توغرا يوللۇق كىشىلەرنىڭ ھاياتلىرىنى ، مۇئىمىنلەر ۋە كاپىرلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە جازاسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى .ئۇ جەننەتنى ، مۇئىمىنلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى تەسۋىرلەپ بەردى ، ھەمدە ئۇ دوزاخنى ، كاپىرلارنىڭ تۇرالغۇسىنى تەسۋىرلەپ بەردى . ئۇ ئۇنى(قۇرئاننى) بارلىق نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگۈچ قىلدى :
ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ (ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺑﯩﺮ ﺷﺎﻫﯩﺖ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ) ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ (ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ) ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﯖﮕﻪ) ﺷﺎﻫﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻮﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ) ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، (ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ) ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ، (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ) ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . [ ھەسەلھەرىسى(نەھل): 89 ]
قۇرئان ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇ ياراتقان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ . ئۇ بىزنى ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئەلچىلىرىگە ، ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ :
« ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. (ﺋﯘﻻﺭ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ) ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺑﯩﺰ (ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﯖﻨﻰ) ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ ﯞﻩ (ﺋﻪﻣﺮﯨﯖﮕﻪ) ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﯨﺘﯩﯖﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻤﯩﺰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﯖﺪﯗﺭ ﺩﻩﻳﺪﯗ . » [ ئىنەك( بەقەرە) : 285 ]
قۇرئان قىيامەت كۈنىنى ۋە ئۆلگەندىن كىيىن يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى - تېرىلىش، توپلىنىش، ھۆكۈم چىقىرىش(سوتلاش) ، ۋە ھىسابات قىلىنىش ئىشلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ . ئۇ يەنە كۆل ،سىرات(دوزاخ ئۈستىدىكى كۆۋرۈك)، تارازا[ئۇنىڭدا قىلمىشلار ئۆلچىنىدۇ ]، نىئىمەتلەر ۋە ئازاپ ، ئىنسانلارنىڭ ئۇ كاتتا كۈندە يېغىلىشىنى تەسۋىرلەيدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻫﺸﻪﺭﮔﺎﻫﻘﺎ) ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ، ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ) [ ئاياللار(نىسا): 87 ]
قۇرئان بىزنى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى بەلگىلىرىنى ۋە قۇرئان ئايەتلىرىنى تەكشۈرۈش، مۇلاھىزە قىلىشقا چاقىرىدۇ :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﯖﻼﺭ. [ يۇنۇس : 101 ]
ﺋﯘﻻﺭ (ﻫﻪﻗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﺭ (ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ) [ مۇھەممەد : 24 ]
قۇرئان ئاللاھنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا بەرگەن كىتابى :
ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﺯﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﺎﻣﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺯﻭﺭﻻﺷﻘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﻪﻥ) [ توپ ( زۇمەر): 41 ]
قۇرئان ئۆزىدىن بۇرۇنقى كىتاپلارنى ، تەۋرات ، ئىنجىللارنى راسىتلايدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇلارغا شاھىت بولىدۇ ، ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ (ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ) ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﺎﻫﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﻫﻪﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ [ داستىخان : 48 ]
قۇرئان چۈشكەندىن كىيىن ، قىيامەت بولغىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ كىتابى بولىدۇ . كىمدە كىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن ، قىيامەت كۈنىدىكى ئازاپ بىلەن جازالىنىدىغان كاپىردۇر ، ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ) ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . [ چاھارپايلار : 49 ]
قۇرئاننىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى كارامەتلەر ، مۆجىزىلەر ،مەسەللەرۋە ئىبرەتلەرنىڭ كاتتىلىقى ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تىلىنىڭ پاساھىتى ۋە گۈزەل ئۇسلۇبى تۈپەيلى ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ :
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﯔ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ) ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .
[ سۈرگۈن(ھەشر) : 21]
ئاللاھ ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىنى، ھەتتا بىرە تال سۈرە ياكى بىرە ئايەت بولسىمۇ مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىشقا جەڭ ئىلان قىلدى ، بىراق ئۇلار ئۇنى قىلالمىدى ، ھەمدە مەڭگۈ قىلالمايدۇ ، ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ، ﺟﯩﻨﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . » [ كېچىلىك سەپەر17 : 88 ]
قۇرئان ئاسمانى كىتاپلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ، ئەڭ مۇكەممىلى، ئەڭ تولۇقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغاچقا ، ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )ئۇنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى ، ئۇ دەيدۇ :
ﺋﻰئەلچى! ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺴﻪﯓ، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﯧﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . [ داستىخان5 : 67 ]
مەزكۇر كىتاپنىڭ مۇھىملىقى ، ئۇممەتنىڭ ئۇنىڭغا مۇھتاجلىقى سەۋەپلىك ، ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپلىك قىلدى . ئۇ ئۇنى بىزگە چۈشۈردى ، ئۇنى قوغداشقا كاپالەت قىلدى . ئاللاھ دەيدۇ :
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ . [ ھىجىر15 : 9 ]
پېشىۋا مۇھەممەت بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ[ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى ] كىتابىدىن ئىلىندى .
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرىدىن