پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللار كېسىلى بولغان ئايال، سۈيدۈك توختىتالمايدىغان كىشى ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟

سۇئال

مەن كىچىك تەرەت تۇتالمايمەن (سۈيدۈك توختىمايدۇ) مەن ئىككى نامازنى جەملەپ بىرگە ئوقۇسام دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىستىھازە (يەنى ئاياللار كېسىلى) بولغان ئايال ۋە كىچىك تەرەت تۇتالمايدىغان-سۈيدۈك تامچىلايدىغان ئەر-كىشى نىجاسەتنىڭ تارىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر پارچە لاتا ياكى نىجاسەتنىڭ بەدەنگە ۋە كىيىمگە تارىلىپ كەتمەسلىكىنى ساقلايدىغان نەرسە تاقىۋېلىشى، ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا ئىچ كىيىمىنى ئالماشتۇرىشى، كىيىمگە نىجاسەت يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قوللانغان لاتىنى ئالماشتۇرىشى لازىم.

    ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ھەر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، بۇ تاھارەت بىلەن پەرز نامازنى ۋە خالىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ،.

    شەرىئەت بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ پېشىن بىلەن ئەسىر ۋە شام بىلەن خۇپتەن قاتارلىق ئىككى نامازنى جەملەپ بىرگە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىھازە بولغان ئايالغا ئىككى نامازنى جەملەپ بىرگە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلدى. [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەرنىڭ 205-بېتىدە كەلتۈرگەن. سۈيدۈك توختىتالمايدىغان كىشىمۇ شۇ ھۆكۈمگە قىياس قىلىنىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كېسەل ۋە ئىستىھازە بولغان ئايال نامازنى جەملەپ ئوقۇيدۇ". ["ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 14-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى ۋاقىتتا تاھارەتنى كامىل ئىلىش پەقەت قىيىنچىلىق بىلەن مۇمكىن بولىدىغان كىشى ئۈچۈن، (يەنى ئىستىھازە كېسىلىگە ئوخشاش) ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇيدۇ". ["ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 84-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىستىھازە بولغان ئايال ئۈچۈن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا تاھارەت ئېلىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، پېشىن بىلەن ئەسىر ۋە شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ بىرگە ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتى."4-توم 559-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن سىز پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ بىرگە ئوقۇسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى