پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ھېسابسىز نېمەتلىرىگە قانداق شۈكۈر ئادا قىلىدۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئادا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: شۈكۈر ئېيتىش دېگەن: ياخشىلىقنى مۇكاپاتلاش، ياخشىلىق-ئېھسان قىلغان كىشىنى ئالقىشلاپ، مەدھىيلەش دېمەكتۇر، بەندىلەر ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيلەشكە ئەڭ ھەقلىق بولغان زات ئاللاھ تائالادۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى بەك كاتتا، ھېسابسىزدۇر، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىزنى ئاشۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە نېمەتلەرگە تۇز كورلۇق قىلماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلا تَكْفُرُونِ  تەرجىمىسى: مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار. [سۈرە بەقەرە 152-ئايەت].

    ئىككىنچى: پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر ئېيتىش بىلەن بۇ كاتتا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى ھەتتا بەك شۈكۈر ئېيتقۇچى دېگەن سۈپەتگە ئىگە بولغۇچىلار ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ إِبْرَاهِيمَ كَانَ أُمَّةً قَانِتاً لِلَّهِ حَنِيفاً وَلَمْ يَكُ مِنَ الْمُشْرِكِينَ . شَاكِراً لَأَنْعُمِهِ اجْتَبَاهُ وَهَدَاهُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ  تەرجىمىسى: ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى. [سۈرە نەھل 120-121-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ إِنَّهُ كَانَ عَبْداً شَكُوراً  تەرجىمىسى: (ئى) بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى. [سۈرە ئىسرا 3-ئايەت].

     ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان بەزى نېمەتلىرىنى زىكىر  قىلىپ ئۇلارنى ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزىنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندىلەرنىڭ بەك ئاز ئېكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

   1- ياأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە)شۈكۈر قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 172-ئايەت].

    2-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ قَلِيلاً مَا تَشْكُرُونَ  تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق،(سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر. [سۈرە ئەئراپ 10-ئايەت].

   3-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ يُرْسِلَ الرِّيَاحَ مُبَشِّرَاتٍ وَلِيُذِيقَكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَلِتَجْرِيَ الْفُلْكُ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ  تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى تېتىتىش، ئەمرى بويىچە كېمىلەرنى دېڭىزلاردا ماڭدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدىن تىلىشىڭلارۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. [سۈرە رۇم 46-ئايەت].

   4-دىنى نېمەتلەر توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيداً طَيِّباً فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ. [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بار، بىز ھەقىقەتەن بۇ يەردە نېمەتلەرنىڭ بەزىسىنى زىكىر قىلدۇق، نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى زىكىر قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَآتَاكُمْ مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لا تُحْصُوهَا إِنَّ الْأِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ  تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، ئىنسان، شەك ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇرئىبراھىم سۈرىسى 34-ئايەت.

ئاللاھ تائالا بىزگە نېمەت ئاتا قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىشتىكى كەمچىللىكىمىزنى ئەپۇ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لا تُحْصُوهَا إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ  تەرجىمىسى: ئەگەر ئاللاھنىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەر(نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار)نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر. [سۈرە نەھل 18-ئايەت].

    مۇسۇلمان كىشى دائىم پەرۋەردىگارىدىن ئۆزىىڭ ئاللاھىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندىگە ئاللاھ تائالانىڭ مەۋەپپەق قىلىشى ۋە ياردىمى بولمىسا شۈكۈر قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەھىھ ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىش يولغا قويۇلغان.

    مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ئى مۇئاز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئى مۇئاز! مەن ساڭا ھەر نامازدىن كېين: ئى ئاللاھ! سىلى ماڭا سىلىگە زىكىر ئېيتىش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە گۈزەل شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم بەرسىلە دېگەن سۆزنى تەرك قىلماي ئېيتىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1522-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 1303-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش نېمەتنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ  تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ دەپ جاكارلىدى.» [سۈرە ئىبراھىم 7-ئايەت].

    تۆتىنچى: ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشى قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟.

    نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىش شۈكۈرنىڭ ئاساسلىرىنى روياپقا چېقىرىش بىلەن بولىدۇ، شۈكۈرنىڭ ئاساسلىرى: دىلى بىلەن، تىلى بىلەن ۋە ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتىشتۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھقا باش ئىگىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ. تىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھنى مەدھىيلەش ۋە نېئمەتنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەزالار بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ". ["مەدارىجۇسسالىكىين" ناملىق ئەسەر 2-توم 246-بەت].

    بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:1-دىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانڭ بەندىسگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنىڭ قىممىتىنى دىلى بىلەن ھېس قىلىش، مۇشۇنداق كاتتا نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يىگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى دىلى بىلەن ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللّهِ  تەرجىمىسى: سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر. [سۈرە نەھل 53-ئايەت].

    دىلى بىلەن بۇ شەكىلدە ئېتىراپ قىلىش ياخشى ئەمەس بەلكى زۆرۈر بولىدۇ، بۇ نېمەتلەرنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە نسبەت بەرگۈچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ،

     شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانلارغا نېمەتنى ئاللاھ تائالاغا ئاغزاكى ۋە دىل بىلەن ئېتىراپ قىلىپ نىسبەت بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى تامام بولىدۇ، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى دىلى بىلەن ۋە تىلى بىلەن ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، ئۇ كىشىنڭ دىن بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ.

    بىر كىشى نېئمەتنىڭ ھەممىسنى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى دىلى بىلەن ئېتىراپ قىلسا، ئەمما تىلى بىلەن نېئمەتلەرنى بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرسە، بەزى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەت بەرسە-كىشىلەرنڭ تىلىدا بۇنداق ئىشلار كۆپ بولىدۇ-بۇ كىشى دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى، نېمەتنى پەقەت نېمەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئۆزىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تېرىشچانلىق قىلىشى كېرەك، ئىمان ۋە تەۋھىد نېمەتنى ئاغزاكى ۋە دىلى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ.

     ئىماننىڭ يادرۇسى بولغان شۈكۈر ئۈچ ئاساسقا قۇرىلىدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى دىلى بىلەن ئېتراپ قىلىش، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەش، نېئمەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالانى ماختاش، مەدھىيلەش، نېمەتنى نېئمەت ئاتا قىلغۇچىغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىشكە قوللىنىشتىن ئىبارەت. ["تەۋھىدنىڭ نىشانى توغرا سۆزدۇر" ناملىق ئەسەر 140-بەت].

    ئاللاھ تائالا نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشتىن تانغان كىشىنىڭ ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يَعْرِفُونَ نِعْمَتَ اللّهِ ثُمَّ يُنكِرُونَهَا وَأَكْثَرُهُمُ تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھتىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئۇ نېئمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ). [سۈرە نەھل 83-ئايەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېئمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن تۇرۇغلۇق نېئمەتنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاللاھقا باشقىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلىدۇ، غەلبە، نۇسرەت، رىزىق بېرىشنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە نىسبەت بېرىدۇ".  ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"4-توم 592-بەت].

    2-تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا، ھەقىقى نېئمەت ئاتا قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن تىلى بىلەن ئېتىراپ قىلىش، تىلىنى ئاللاھ تائالانى ماختاش ۋە مەدھىيلەش بىلەن مەشغۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتنىڭ سىياقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  وَوَجَدَكَ عَائِلاً فَأَغْنَى  تەرجىمىسى: سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟. [سۈرە دۇھا 8-ئايەت].

    ئاندىن ئاشۇ نېئمەتنى كىشىلەرگە بايان قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى:  وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ  تەرجىمىسى:پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ). [سۈرە دۇھا 11-ئايەت].

     ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەنى سەن يوقسۇل، كەمبەغەل بولغاندا ئاللاھ سېنى كىشىلەردىن بىھاجەت قىلغانغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگىن" دېگەنلىكتۇر. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"8-توم 427-بەت]. 

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن يېمەك يەپ ۋە ئېچىلىملىك ئېچىپ ئۆزىگە مەدھىيە ئوقۇغان-شۈكۈر ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2734-ھەدىس].

   ئەبۇل ئابباس قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەمدە ئېيتىش بۇ يەردە شۈكۈر ئېيتىش مەنىسىدە بولىدۇ، بىز ئىلگىرى ھەمدە شۈكۈرنىڭ ئورنىدا قويۇلىدۇ، شۈكۈر ھەمدىنىڭ ئورنىدا قويۇلمايدۇ، بۇ گەرچە نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش ئاز بولسىمۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ھالىتى بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر، ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە: مەن سىلەرگە خەلقىمدىن ھېچ بىر كىشىگە ئاتا قىلمىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلدىم دەيدۇ، يەنە ئۇلارغا: سىلەرگە بۇنىڭدىن ياخشى نەرسىنى ئاتا قىلايمۇ؟دەيدۇ، جەننەت ئەھلى: ئۇ قايسى نېئمەت؟ ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنىڭ يۈزىمىزنى ئاق قىلدىڭ، بىزنى جەننەتكە كىرگۈزدىڭ ۋە دوزاختىن يىراق قىلمىدىڭمۇ؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: مەن سىلەردىن رازى بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدى ئاچچقلانمايمەن، دەيدۇ.

   شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاشۇ كاتتا ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر، چۈنكى ئۇ نېئمەت ئاتا قىلغۇچىنى تونۇشنى، ئاشۇ نېئمەتلەرنى يالغۇز ياراتقانلىقى، بۇ نېئمەتنى نېئمەتكە بېرىلگۈچلەرگە يەتكۈزۈشنىڭ نېئمەت ئاتا قىلغۇچىدىن بولغان پەزىلەت، ھۆرمەت، ياخشىلىق ئىكەنلىكى، نېئمەت بېرىلگۈچىنىڭ كەمبەغەل، ئاشۇ نېئمەتكە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن بىھاجەت ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ، ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە پەزلىنى تونۇش، بەندىنىڭ كەمبەغەللىكى، پىقىرلىقى، ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاشۇ ئېسىل ئىكرامنى ئۆزىنى تونىغاننىڭ مۇكاپىتى قىلدى. ["مۇسلىمنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن چۈشۈنىلمىگەن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈش"7-توم 60-61-بەت].

    سەلەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: نېئمەتنى يوشۇرغان كىشى نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ، نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش بولسا نېمەتنى ئىزھار قىلىش ۋە تارقىتىشتۇر.

    ئىبنى قەييم رەھمەھۇللاھ بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىپ بۇ سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئېلىنغان دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە نېئمەت ئاتا قىلسا، ئۇ كىشىدە نېئمەتنىڭ تەسىرىنىڭ كۆرۈلىشىنى ياقتۇرىدۇ". ["مەدارىجۇسسالىكىين"2-توم 246-بەت].

   3-ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتىش: بۇ ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇشقا بويسۇندۇرۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اعْمَلُوا آلَ دَاوُدَ شُكْراً  تەرجىمىسى: «(ئېيتتۇقكى) ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز.» [سۈرە سەبا 13-ئايەت].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ تاپانلىرى-پۇتلىرى ئىششىپ كەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ئىلگىركى-كېيىنكى خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلغان تۇرسا نېمانداق قىلىلا؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئائىشە! مەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندە بولمايمەنمۇ؟ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 4557-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2820-ھەدىس].

    ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەبەرى مۇنداق دېگەن: بەندىنىڭ شۈكۈر ئېيتىش توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا قاراش: ئىنسان ئۇ نېئمەتنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ھەقىقى ئېتىراپ قىلىش بۇنى ئەمەلى ھەرىكىتى ئىسپاتلايدۇ، ئەمما ئەمەلى ھەركىتى نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتقانلىقنى ئىسپاتلىمىسا، ئۇ كىشى ئومۇمى تەرەپتىن شۈكۈر ئېيتقۇچى دېگەن نامغا ھەقلىق بولالمايدۇ لېكىن تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتقۇچى دېيىلىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان بۇ ئايىتىدۇر ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار، بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ سۆزنى ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىمىدى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى كۆزدە تۇتتى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئارتۇقچە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلىپ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ تاپانلىرى ئىششىپ كەتكەندە: مەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندە بولمايمەنمۇ؟دېدى. [سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھىسى 10-توم 183-184-بەت].

    ئەبۇ ھارۇن رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئەبۇ ھازىمنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن! ئىككى كۆزنىڭ شۈكرىسى قانداق بولىدۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئىككى كۆزۈڭ بىلەن ياخشىلىقنى كۆرسەڭ زىكىر قىلغىن، يامانلىقنى كۆرسەڭ يوشۇرغىن دېدى، مەن: ئىككى قۇلاقنىڭ شۈكرىسى قانداق بولىدۇ؟دېسەم، ئۇ: ئىككى قۇلۇقۇڭ بىلەن ياخشىلىقنى ئاڭلىساڭ ئىسىڭدە تۇتقىن، يامانلىقنى ئاڭلىساڭ ئۇنۇتقىن دېدى".

    ئىبنى رەجەب ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈكۈر ئىككى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بىرى ۋاجىپ بولۇپ، ئۇ ۋاجىپ بولغان ئەمەللەرنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش بولۇپ بۇ نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىشقا كۇپايە قىلىدۇ".

    شۇنىڭدىن بەزى سەلەپ ئالىملىرى: گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىش نېمەتكە شۈكۈر ئېيتقانلىق دەيدۇ.

    بەزى ئالىملار: ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىق نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتقانلىق دەيدۇ.

    ئەبۇ ھازىم ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ھەممىسىنى زىكىر قىلىپ: گۇناھ-مەسىيەتتىن توسۇش، تائەت-ئىبادەتكە ئىشلىتىشتۇر، ئەمما تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتىپ، ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتمىغان كىشىنىڭ مىسالى بىر چاپاننى كۆتۈرۋىلىپ كەيمىگەن كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ چاپاننىڭ ئۇ كىشىگە ئىسسىق-سوغۇقتىن، قار-يامغۇردىن ھېچ پايدىسى بولمايدۇ.

    شۈكۈرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسى: مۇستەھەب بولغان شۈكۈر بولۇپ، ئىنسان ئاللاھ بۇيرىغان پەرىز ئەمەللەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولغاندىن كېيىن نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشتۇر، بۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ئىلگىرى بولغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىدۇر. ["جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھەكەم" 245-246-بەت].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى بولۇش ئۈچۈن سىز دىلىڭىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى  ئېتىراپ قىلىشىڭىز، ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭىز، بۇ نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشىڭىز، تىلىڭىز بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكگە، يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق ئاتا قىلغانلىقىغا شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزدە كۆرۈلگەن بارلىق نېمەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ.

نېئمەتكە ئەزالىرىڭىز بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا، كۆزىڭىز بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك، قۇلىقىڭىز بىلەن ئاسىيلىق، مۇنكەر بولىدىغان ناخشا-مۇزىكىلار، غەيۋەت-شىكايەتلەرنى تىڭشىماسلىق، پۇتىڭىز بىلەن ئاللاھ چەكلەنگەن ئىشلار بار ئورۇنلارغا بارماسلىق، قوللىرىڭىزنى چەكلەنگەن خەت-چەكلەرنى يىزىشقا يەنى يات ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ھارام ئالاقە ئورنىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى، ھارام-چەكلەنگەن سودا-ئالاقىلىرىنى يازماسلىق، ھارام-چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلاش بىلەن بولىدۇ.

    ئەزالىرى بىلەن نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش بولسا، ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا، ئىلىم-مەرىپەت يىزىشقا، پايدىلىق-مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئاڭلاشقا، شۇنىڭدەك بارلىق ئەزالىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا بويسۇندۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئۆزى شۈكۈرگە ئىھتىياجلىق بولغان نېئمەتتۇر. شۇنىڭدەك ئىنسان ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى ئارىسىدا ياشايدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشقا  مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھەمدە-سانا ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى