پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايالىنىڭ ئېغىزى ئىتتىك، مۇئامىلىسى قوپال، نامازنى تەرك قىلىش ئارقىلىق بۇنى تۈزۈتۈش توغرىمۇ؟

127791

تارقاتقان ۋاقىت : 29-10-2013

كۆرگۈچىلەر : 3749

سۇئال

مەن ئۆز نەپسىمنى شەيتاننىڭ تورىدىن قانداق قۇتۇلدۇرىمەن، مىنىڭ ئايالىمنىڭ ئاغزى يامان، ئەخلاقى ناچار، بىر قانچە قېتىم نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ماڭا بۇنداق تۇرمۇشنى ئىختىيار قىلدى؟ دەپ پىكىر قىلدىم. يەنە بىر قانچە قېتىم ئايالىمنى تالاق قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئايرىم تۇرۇشنى ھەم ئويلىدىم، ئاندىن ئۆز تەقدىرىم توغرىسىدا پىكىر قىلدىم، شۇنىڭ نەتىجىسىدە نامازنى تەرك قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، كېيىن بۇ قىلمىشىمدىن يېنىپ، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تەۋبە قىلدىم. ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟ مۇمكىن بولسا تەقدىر مەسىلىسىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ھۆرمەتلىكقېرىندىشىم! سىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىڭىز شەرىئەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس ۋە ئەقىلگىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن: سىز بىر ناچار مۇھىتتا خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، رەھبىرىڭىز سىزنى خارلىسا، كۆزگە ئىلمىسا ياكى ھەققىڭىزنى تولۇق بەرمىسە ياكى سىزنى قىلالمايدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا، سىز: ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇ ئەھۋالنى تاللاپتىكەن، دەپ شۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرامسىز؟، ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسىز، بەلكى ھېچ ئىككىلەنمەستىن مەزكۇر خىزمەتنى تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزگە مۇناسىپ كىلىدىغان مۇۋاپىق خىزمەت ئىزدەيسىز. شۇنىڭدەك سىزنىڭ باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان، نامەھرەملەرگە كۆز سالىدىغان، كېچە-كۈندۈزئەتراپتىكىلەرگە ناچارلىق قىلىدىغان خوشنىڭىز بولسا سىز ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال بۇنداق ئۆيدىن يۆتكىلىپ كېتىسىزكى، ھەرگىز ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇنداق ۋەزىيەتنى تاللاپتىكەن دېگەن قاراش بىلەن بۇنداق ئازابلىق تۇرمۇشقا رازى بولۇپ ياشىمايسىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟!. بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ يەنى سىزنىڭ ئاغزى ئىتتىك، ئەخلاقى ناچار، بىرگە ياشاش قېيىن بولغان ئايالىڭىز، ئۇزۇن ۋاقىت سىز ئۇنى ئۇ سىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىر-بىرىڭلار بىلەن بىرگە ئۇخلايسىلەر، بىرگە ياشايسىلەر؟. سىزنى ناچار رەھبەرنىڭ ئالدىدا ئېتىبارسىز خىزمەت قىلىشنى تەرك قىلىشقا، ئەسكى خۇلۇم-خوشنا بىلەن بىرگە تۇرۇشتىن باشقا جايغا يۆتكىلىشكە سەۋەپ بولغان نەرسە بىلەن سىزنى ناچار، ئەخلاقسىز ئايال بىلەن بولغان تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان نەرسە بىردۇر، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بۇ ئەقىل ئىگىلىرىتەرىپىدىنمۇقوبۇل قىلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدا تەقدىرنى دەلىل قىلىدۇ ئەمما باشقا ئىشلىرىدا تەقدىرنى دەلىل قىلمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ناچار مۇھىتتىكى خىزمەتنى تاشلاش ياكى تاشلىماسلىق، ئەسكى خوشنا بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىق، شۇنىڭدەك ئەخلاقى ناچار ئايالىڭىز بىلەن بىرگە ياشاش ياكى ياشىماسلىق ئىختىيارلىقى بار. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنى تاللىسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلىغان ئەمەس. بەلكى سىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن تاللىدىڭىز، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆزىڭىزگە بولىدۇ.

بىز سىز بىلەن تەقدىرتوغرىسىدا مۇناقىشە قىلىشىمىز مۇمكىن. شىكايەت قىلغۇچى ئۆز ئىشىغا ئىگە بولالمايدىغان ئايال بولسا، بىر قېتىم تالاق قىلىنىش بىلەن يولدىشىدىن ئايرىلىشقا قادىر بولالىشى ياكى بولالماسلىقى مۇمكىن.كىيىنكى ئاقىۋەتتىن ئەنسىرەپ، يولدىشى توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقى ياكى تۇرىدىغان ئۆيى ۋە ئائىلىسى بولمىغانلىقتىن لام-جىم دېمەستىن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئى قېرىندىشىم! سىز ئايالىڭىز بىلەن بولغان ناچار تۇرمۇشنى دەپ نامازنى تەرك قىلىپسىز. ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇنداق ۋەزىيەتنى تاللاپتىكەن دەپ نامازنى بولسىمۇ تەرك قىلمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئاللاھ ساقلىسۇن. ھەيرانمىز شەيتان قانداق قىلىپ سىزنى شەرىئەتتە قەستەن تەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دېيىلگەن بۇ ئىبادەتنى تەرك قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى؟!.

قېرىندىشىم! سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىش ئىختىيارلىقىڭىز يوق، سىز يۇقىرىدا سۈپەتلىگەن ناچار ئەخلاق ساھىبى بولغان، شەرىئەت تالاق قىلىشنى يوللۇق دەپ بېكىتكەن، سىزنىڭ ئايرىلىش ئىختىيارلىقىڭىز بولغان بىر ئايالنى تەقدىرنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ نىكاھىڭىزدا ساقلايسىز-يۇ، ئەمما سىز ئۈچۈن تەرك قىلىش ئىختىيارلىقى بولمىغان ئىبادەتنى تەرك قىلدىڭىز، سىز بۇنىڭغا تەقدىرنىمۇ ياكى شەرىئەتنىمۇ دەلىل قىلمىدىڭىز، ئىنسان ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن شۇنداقمۇ غاپىل بولامدۇ؟! شەيتان سىزنى شۇنداق ئازدۇردىمۇ؟!.

ئىككىنچى: سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز بۇندىن كىيىن بىر ۋاخ نامازنىمۇ تەرك قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە چوڭ گۇناھلىرىڭىزغا تەۋبە قىلىشىڭىز لازىم. ئۆز نەپسىڭىزنى شەرىئەتنى ئۇلۇغلايدىغان، شەرىئەت ئىشلىرىنى كاتتىلايدىغان قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىڭ. چۈنكى ناماز دېگەن ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغانئىبادەتلەرنىڭكاتتىسىدۇر. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلەرگەتەۋھىدتىن كېيىنلا بەرپا قىلىشىنى پەرز قىلغان ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّـهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ تەرجىمىسى: ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر. [سۈرە ھەج 32-ئايەت].

قېرىندىشىم! سىز بىلمەمسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەم-قايغۇلارغا ناماز ئوقۇش بىلەن تاقابىل تۇراتتى. ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىرەر ئىش بىئارام قىلسا، ناماز ئوقۇيتتى.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى22788-ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد 1319-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي ھەسەن ھەدىس دېگەن].

ئىبنى ئەسىر يۇقىرىقى ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەر غەم-قايغۇغا ئۇچرىسا ياكى مۇھىم بىر ئىش يۈز بەرسە ناماز ئوقۇيتتى.

قاراڭ قېرىندىشىم! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا غەم-قايغۇ يەتكەن ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا يۈزلىنەتتى، ئەمما سىز غەم-قايغۇغا دۈچكەلگەندە نامازنى تەرك قىلىسىز!. بۇ بەك ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش!.

ئۈچىنجى: بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىسلام شەرىئىتى توي قىلىشقا چاقىرىق قىلغاندا دەسلەپتە دىندار ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرلەرنىڭ توي قىلىدىغان ئاياللارنى تاللاشتىكى مەقسىتىنىڭ تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن، بەزى ئەرلەر گۈزەل-چېرايلىق ئاياللارنى تاللايدۇ، بەزىلەر نەسەبى ئېسىل ئاياللارنى تاللايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ئىقتىسادى بار ئاياللارنى تاللايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدىكى كۆرسەتمىسى دىندار ئايال بىلەن توي قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىندار-ياخشى ئاياللارنى تاللاپ ئىلىڭلار دەپ كۆرسەتمە بەرگەن تۇرسا، سىزنىڭ بۇ خوتۇن بىلەن بىرگە ئۆتۈشۈم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟، نىكاھ دېگەن سىزنى دۇنيادا بەختلىك قىلىدىغان، يۈز-ئابرۇيىڭىزنى، مال-مۈلكىڭىزنى ۋە ئەۋلادلىرىڭىزنى قوغدايدىغان، مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىرى بىلەن توي قىلىش دېمەكتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئايال كىشى مال-مۈلكى، يۈز-ئابرۇيى، چىراي-شەكلى ۋە دىنى-ئېتىقادىدىن ئىبارەت تۆت ئىش بىلەن نىكاھ قىلىنىدۇ، دىندار ئايال بىلەن توي قىلساڭ بەختلىك بولىسەن. [بۇخارىي رىۋايىتى4802-ھەدىس. مۇسلىم 1466-ھەدىس].

بەلكى ئىش ئايالنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىگىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەسلەپتە كىم قىزىنى سوراپ ئەلچى بولۇپ كەلسە دەرھال ئۇنىڭغا ياتلىق قىلماستىن، بەلكى كۈيئوغۇل بولىدىغان يىگىتنىڭ دىنى-ئېتىقادى ۋە ئەدەپ-ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرۈپ مۇۋاپىق دەپ قارالغاندا ياتلىق قىلىش كېرەك. چۈنكى ئائىلە باشلىقلىرىمۇ ئۆز قىزلىرىنى دىندار، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ياشلارغا ياتلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا كۆپ دىققەت قىلىش لازىم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ قىزىڭلارغا دىندار، ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەر لايىق بولۇپ كەلسە، قىزىڭلارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندا بۇزۇقچىلىق ۋە پىتنە-پاساتنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى1084-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1967-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ھەسەن دەپ بايان قىلغان].

نىكاھلىنىش ئىشلىرى قەتئىي بېكىتىپ كېتىلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە تالاق قىلىش يولغا قويۇلمىغان بولاتتى، بەلكى ئايالى ئېرىگە تەقدىر قىلىنغان، ئېرى ئايالىغا تەقدىر قىلىنغان بولاتتى، بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن تاكى ئۆلگىچە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايتتى. ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىكى يولغا قويغان نىكاھ قانۇنى بۇنداق ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالا ئەرلەر ئۈچۈن ئايالىنى تالاق قىلىشنى يولغا قويدى، ئايالنى تالاق قىلىش بەزىدە ۋاجىب بولسا گاھىدا مۇستەھەب بولىدۇ. ئاياللىرى يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرسىمۇ ئۇنداق ئايال بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئەرلەر دەيۈز دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاياللار ئۈچۈنمۇ خۇلئى (يەنى ئەرلىرىگە ھەق بېرىپ ئاجرىشىشنى يولغا قويدى)، يولدىشى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق توغرا يولدا بولمايدىكەن ياكى ئايالنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئايالىنى تالاق قىلىشنى رەت قىلىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ خۇلئى قىلىشى (يەنى تالىقىنى تەلەپ قىلىشى) دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان تۇرسا، ئائىلە تۇرمۇشىغا قانداقمۇ تەقدىرنى دەلىل قىلغىلى بولىدۇ؟.

تۆتىنچى:

1-نامازنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت خاتالىقىڭىزغا ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تىلەڭ.

2-بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ.

3-ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىز ۋە توغرا بولمىغان قىلمىشلىرىڭىزنى تەقدىرگە نىسبەت بەرمەستىن بەلكى ئۆزئىختىيارلىقىڭىز بىلەن قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆز نەپسىڭىزگە نىسبەت بېرىشىڭىز كېرەك.

4-ئايالىڭىزغا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئەر-ئاياللىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە سىزگە سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ.

5-ئايالنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان ئاقىل-دانىشمەن كىشىلەرنى ئارىغا قويۇپ نەسىھەت قىلدۇرۇش ۋە توغرا يولغا يېتەكلەش لازىم.

6-ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چارىلارنىڭ پايدىسى بولمىغاندا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇ ئايالنى تالاق قىلىشىڭىز كېرەك.

7-ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ ئورنىغا تەقۋادار ياخشى بىر ھەمراھ ئاتا قىلىشنى سوراش بىلەن بۇ تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەش، دىندار، مەسئۇلىيەتچان ئايالنى ئىزدەش ئۈچۈن كېرەك بولغان بارلىق سەۋەبلەرنى قىلىش لازىم.

8-ئايال تاللاش ئىشىدا ئالدى بىلەن ئىستىخارە نامىزىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى